دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

نۇرمەمەت دوختۇر

تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ! 😀
27 تانە باھا سۆزى بار
4346 يازمىسى بار

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ھۆل تەمرەتكىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى ھۆل تەمرەتكە دائىم كۆرۈلىدىغان تېرە مەسىلىسى بولۇپ، ئادەتتە بوۋاق تۇغۇلۇپ بىر نەچچە ئاي ئىچىدە كۆرۈلىدۇ. ھۆل تەمرەتكىنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى تېرە قىزىرىش، قۇرغاقلىشىش، كېپەكلىشىش، ھەتتا كىچىك ئەسۋە ياكى سۇلۇق قاپارتما پەيدا بولۇش، قىچىشىش سېزىمى بولۇش.

تاماكا ئىسپېرما سۈپىتىگە بولغان تەسىرى قانچىلىك؟

تاماكا چېكىش پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كەڭ دائىرىدە مەۋجۇت بولغان بىر خىل تۇرمۇش ئادىتى، لېكىن ئۇنىڭ ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش ساغلاملىقىغا، بولۇپمۇ ئۇرۇق سۈپىتىگە كۆرسىتىدىغان سەلبىي تەسىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇزۇن مۇددەت تاماكا چېكىش ئۆپكە، يۈرەك قاتارلىق ئەزالارغا زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە ئىسپېرمىنىڭ سانى ۋە ھاياتىي كۈچىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىپ، تۇغۇش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدىكەن. بالا ئېلىش پىلانى بولغان ئەرلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، تاماكا تاشلاش ئىسپېرما سۈپىتىنى ياخشىلاشتىكى مۇھىم بىر قەدەم بولۇشى مۇمكىن.

ۋىتامىنلارنى ماسلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلىڭ

ھەرخىل ۋىتامىنلار ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش خۇسىسىيىتىگە ئىگە، ئۇلار بىللە ئىستېمال قىلىنسا، ھەرقايسىسىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى رولى زور دەرىجىدە كۈچىيىدۇ مۇنداق ئېيتقاندا، ۋىتامىن يەككە ھالدا ئىستېمال قىلىنسا ماس ھالدىكى ۋىتامىن كەملىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە ئۇنى داۋالىغىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ئەگەر ھەرخىل ۋىتامىنلار ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىنىپ، ئۆز-ئارا ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىلسە، ھەرقايسى ۋېتامىنلارنىڭ ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

بەل ۋە غول تېلىپ ئاغرىش

بەل تېلىپ ئاغرىش بەل ۋە دۈمبە قىسمى ئاغرىش ياكى بىئارام بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئاغرىقنى كۆپ خىل سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، بۇ مۇسكۇللار زورۇقۇش، بوغۇم ياللۇغى، ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى مەسىلىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ۋىتامىن K نىڭ رولى

ۋىتامىن K قاننىڭ ئۇيۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان خىمىيىلىك ماددىلارنىڭ بىرى، ترومبوگېننىڭ شەكىللىنىشىدە كەم بولسا بولمايدىغان ماددىدۇر. ۋىتامىن K ئۈچ خىل بولىدۇ، يەنى ۋىتامىن K، ۋىتامىن 2K، ۋىتامىن K3. ئادەتتە ئىشلىتىشتە، كىشىلەر ئۇلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ ۋىتامىن K دەپ ئاتايدۇ.

قىزىلئۆڭگەچ بوشلۇقى توسۇلۇش

قىزىلئۆڭگەچ بوشلۇقى توسۇلۇش يېمەكلىك ياكى باشقا ماددىلارنىڭ قىزىلئۆڭگەچتىن نورمال ئۆتەلمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال كۆپ خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن، بۇلار قىزىلئۆڭگەچ تارىيىش، قىزىلئۆڭگەچ ئۆسمىسى، يات ماددا قىسىلىپ قېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مېنىرال ماددا دېگەن نىمە ؟

يەر پوستىنىڭ سىرتقى يۈزىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان 90 نەچچە خىل ئېلېمېنتنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئادەم بەدىنىدىن تاپقىلى بولىدۇ. ئادەم بەدىنىدە كاربون، ھىدروگېن، ئوكسىگېن، ئازوت ئېلېمېنتلىرى ئاساسلىقى ئورگانىك بىرىكمە شەكلىدە ئۇچرىغاندىن باشقا، ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق قالغان ئېلېمېنتلار مەۋجۇت بولۇش شەكلىنىڭ قانداق بولۇشىدىن، مىقدارىنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئومۇملاشتۇرۇپ مىنېرال ماددا دەپ ئاتىلىدۇ.

بويۇن مەنبەلىك باش قېيىش

بويۇن مەنبەلىك باش قېيىش بىر خىل دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامىتى بولۇپ، ئادەتتە بويۇن قىسمىدىكى مەسىلىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇ بەلكىم بويۇن ئومۇرتقىسى مەسىلىسى، مۇسكۇللارنىڭ جىددىيلىشىشى ياكى باشقا ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن.

ئاچ قورساق ۋە توق قورساق ئىچىلىدىغان دورىلار ھەققىدە

دورا ئىستېمال قىلىش ۋاقتى شۇ دورىنىڭ داۋالاش ئۈنۈمى ۋە ئەكس تەسىرى نۇقتىسىدىن ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. بەزى دورىلارنى ئاچ قورساققا ئىچىشكە توغرا كېلىدۇ، بەزى دورىلارنى بولسا قورساقنى تويغۇزۇپ ئىچىشكە ماس كېلىدۇ، بۇنىڭدا ئاساسلىقى دورىنىڭ ئاشقازاندا پارچىلىنىپ ئۈچەيدە سۈمۈرۈلۈش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ياكى ئەكس تەسىرىنى ئازايتىش مەقسەت قىلىنىدۇ.

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئانىسىنى قانداق تونۇيدۇ؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار تۇغۇلغاندىن باشلاپلا ئانىنى پەرق ئېتىش ۋە تونۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ، بۇ جەريان كۆپ خىل سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ ئورتاق رولى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ، ئاساسلىقى پۇراش سېزىمى، ئاڭلاش سېزىمى، كۆرۈش سېزىمى ۋە تېگىش سېزىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.