ئانا سەھىپەئەرلەر يىگىتلەرئەرلەر ساغلاملىقىئەرلەر ئىسپېرما چىقارغاندا تەڭلا سۈيدۈك چىقىپ كېتىدىغان ئەھۋال بولامدۇ؟

ئەرلەر ئىسپېرما چىقارغاندا تەڭلا سۈيدۈك چىقىپ كېتىدىغان ئەھۋال بولامدۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بىر تورداش مۇنداق دېگەن: «بۈگۈن ھاجەتكە چىققاندا، بىر مەسىلىنى بايقىدىم، ئەرلەرنىڭ مەنىي چىقىرىشى بىلەن كىچىك تەرىتى بىر ئېغىزدىن چىقىدىكەن، ئۇلار قانداق قىلىپ ياخشى كونترول قىلىنىدۇ؟ مەنىي چىقارغاندا سۈيدۈك كونتروللۇقنى يوقىتىدىغان چاغلار بولامدۇ؟ مەن بويتاق، مۇشۇنداق ئىشلارنى تەتقىت قىلىشقا قىزىقىمەن.»

ئەرلەر ئىسپېرما چىقارغاندا تەڭلا سۈيدۈك چىقىپ كېتىدىغان ئەھۋال بولامدۇ؟

ئۇنداقتا بۇنىڭغا قارىتا قانداق پىكىرلەر بار؟

1. جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە ئەرلەردە سۈيدۈك ۋە مەنىي چىقىرىش بىرلا ۋاقىتتا يۈز بېرەمدۇ؟

ئەرلەرنىڭ فىزىيولوگىيەلىك تۈزۈلۈشى ئۇرۇق بىلەن سۈيدۈكنىڭ پەقەت بىرلا يولدىن چىقىشىنى بەلگىلەيدۇ، لېكىن نورمال ئەھۋالدا، ئۇرۇق بىلەن سۈيدۈك بىرلا ۋاقىتتا چىقىپ كەتمەيدۇ.

بۇ خىل توغرا كونترول قىلىش سۈيدۈك يولىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىدىكى بىر ئالاھىدە قۇرۇلما-سۈيدۈك يولى پەردىسى ئەتراپىدىكى مۇسكۇلدىن كەلگەن.

ئەرلەر جىنسىي ھاياجانلىنىش ھالىتىدە تۇرغاندا دوۋساق قورۇغۇچى مۇسكۇلى بىلەن سۈيدۈك يولى پەردە قورۇغۇچى مۇسكۇلى بىرلا ۋاقىتتا قىسقىراپ، ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا ھىم ئېتىلگەن كىچىك بوشلۇق شەكىللىنىدۇ، ئىسپېرما بۇ يەردە مەزى بېزى ۋە ئۇرۇقدان خالتىسى بىلەن بىللە ئاجرالمىلار ئارىلىشىپ ئۇرۇق ھاسىل قىلىدۇ.

مەنىي مەلۇم مىقدارغا يىغىلغاندا ياكى زەكەر يېتەرلىك كۈچلۈكلۈكنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىغاندا، سۈيدۈك يولى پەردىسى قورۇغۇچى مۇسكۇلى كېڭىيىش سەۋەبىدىن ئېچىلىپ، مەنىي چىقىرىدۇ.

بۇ چاغدا دوۋساق قورۇغۇچى مۇسكۇلى چىڭ يۇمۇلغان ھالەتتە بولۇپ، سۈيدۈك يولدىن ئېقىپ چىقالمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بىزنىڭ چوڭ مېڭىمىزمۇ نازارەت قىلىش رولىنى ئويناپ، بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، بەدەننى كىچىك تەرەت قىلدۇرمايدۇ.

2. ئەرلەر ئۇزۇن مۇددەت جىنسىي مۇناسىۋەت قىلماي ئىسپېرما يىغسا ئىسپېرمىنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولامدۇ؟

زور بىر قىسىم ئەرلەر ھامىلىدار بولۇشقا تەييارلىق قىلغاندا ئۇزۇن مۇددەت جىنسىي مۇناسىۋەت قىلمىسا ياكى ئىسپېرما چىقامىسا شۇنداق قىلغاندىلا ئىسپېرمىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ھامىلىدار بولۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ، بۇ قاراش زادى توغرىمۇ؟ قويۇپ بېرىلمىگەن ئىسپېرما زادى نەگە كېتىدۇ؟

ئەمەلىيەتتە، ئىسپېرما ئاكتىپلىقىنى يوقاتقاندىن كېيىن بەدەندە توختاپ قالمايدۇ، بەلكى بەدەندىكى باشقا ھۈجەيرىلەرگە ئوخشاش مېتابولىزم ئارقىلىق پارچىلىنىدۇ.

گەرچە ئۇ بەدەندە ساقلىنىپ قالمىسىمۇ ئەمما ئەرلەرنىڭ ئىسپېرمىنى قەستەن ئۇزۇن مۇددەت ئاجرىتىپ چىقارماسلىقى تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. ئەگەر ئەرلەر ئۇرۇقنى ئۇزۇن مۇددەت ئۇرۇق خالتىسىدا ساقلىسا، ئىسپېرما قويۇپ بېرىلمىسە، كۆپ مىقداردىكى ئىسپېرما ئاستا-ئاستا قېرىپ، ئۇرۇقلىنىش ۋە ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ، ئۇرۇق توشۇش نەيچىسىدە ئالمىشىپ، ئىسپېرمىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مەنىي چىقارغاندا، كۆپ مىقداردىكى غەيرىي ئىسپېرما قوشۇلۇپ كېلىپ، تۇغۇش سۈپىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

ئىسپېرما سۈپىتىنىڭ ناچارلىشىشىدىن باشقا، ئەرلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەت «جىنسىي ھەۋىسىدىن ساقلىنىشى»نىڭ يەنە تۆۋەندىكىدەك خەۋپلىرى بار:

1) . جىنسىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەش

بەدەن ئەزالىرىمۇ ئىشلىتىلمىسە چېكىنىدۇ، كۆپىيىش سىستېمىسىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. ئەرلەر ئۇزاق مۇددەت جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزمىسە، جىنسىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىشى مۇمكىن.

بىر تەرەپتىن جىنسىي ھەۋەس ئۇزاق مۇددەت بېسىلغاندا زەكەرنىڭ چوڭ مېڭە سىگنالىنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، زەكەردە ھەرىكەت كەمچىل بولسا، ھەرىكەت نېرۋىسىمۇ گاراڭ بولۇپ قالىدۇ، ھەتتا چېكىنىپ ئاخىرىدا ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 

2) . مەنىي بالدۇر كېتىش ۋە جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

ئەرلەر ئۇزاق مۇددەت جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزمىگەن ئەھۋالدا تاسادىپىي كۈچلۈك ھاياجانلىنىش سەۋەبىدىن مەنىي بالدۇر كېتىش ياكى كۆتۈرۈلمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، ھەتتا ئۇرۇقنىڭ تېز سۈرئەتتە چىقىرىلىشى بىلەن ئۇرۇق خالتىسىدىكى كىچىك قان تومۇرلارنىڭ يېرىلىپ، قان ئىسپېرمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بۇنداق ئەھۋالدا، ھەتتا تېخىمۇ باھ زەئىپلىشىش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.

3) . مەزى بېزى كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

ئۇزۇن مۇددەت جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزمەسلىك ئوخشاشلا مەزى بېزىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. ئەگەر ئۇزاق مۇددەت جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈلمىسە ئەرلەرنىڭ داس بوشلۇقى ئۇزۇن مۇددەت قان تولۇش ھالىتىدە تۇرۇپ، مەزى بېزى سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشى تەسىرگە ئۇچراپ، بەز نەيچىسى ئاسانلا توسۇلۇپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەزى بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئېشىپ كېتىدۇ.

 

3. ئەرلەرنىڭ مۇۋاپىق جىنسىي تۇرمۇشى مەزى بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردىمى بولۇشى مۇمكىن

ئۇزۇن مۇددەت جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزمەسلىك ئەرلەرنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىسىز، ئۇنداقتا مۇۋاپىق جىنسىي تۇرمۇش ئەرلەرگە قانداق پايدا ئېلىپ كېلىدۇ؟

ئامېرىكا خارۋارد داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى «European Urology»دا مەنىي چىقىرىش قېتىم سانى ۋە مەزى بېزى راكى خەۋپى توغرىسىدىكى بىر پارچە تەتقىقاتنى ئېلان قىلدى. تەتقىقاتتا 31 مىڭ 925 نەپەر ئەر قاتناشقۇچى تەھلىل قىلىنىپ، 1992-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە قاتناشقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ھەر ئايلىق ئىسپېرما چىقىرىش چاستوتىسى خاتىرىلەنگەن، نەتىجىدە بايقىلىشىچە، ئىسپېرما چىقىرىش چاستوتىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئەرلەردە، ئوتتۇرا، مەزى بېزى راكىغا دىئاگنوز قويۇش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر كىچىك.

كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، 20 ياشتىن 29 ياشقىچە بولغان ئەرلەرنىڭ مەنىي چىقىرىش مىقدارى ھەر ئايدا تۆت قېتىمدىن يەتتە قېتىمغىچە بولغانلارغا سېلىشتۇرغاندا، مەنىي چىقىرىش مىقدارى ھەر ئايدا 21 قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەندە، مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى %19 تۆۋەنلەيدىكەن؛ 40 ياشتىن 49 ياشقىچە بولغان ئەرلەرنىڭ مەنىي چىقىرىش مىقدارى ھەر ئايدا 21 قېتىمدىن ئېشىپ كەتسە، مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى %22 تۆۋەنلەيدىكەن.

 

ئۇزۇن مۇددەت جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىك بەدەنگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ، جىنسىي تۇرمۇش بەك كۆپ بولۇپ كەتسىمۇ بەدەنگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، زىيادە كۆپ جىنسىي مۇناسىۋەت بولۇپ كېتىش مەزى بېزىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مەزى بېزىگە قايتا-قايتا قان تولۇپ، ئوخشاشلا ئاسانلا مەزى بېزىنىڭ ياللۇغلىنىش رېئاكسىيەسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، جىنسىي تۇرمۇش زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە، جىنسىي يول ۋە بالىياتقۇغا ئۇزۇن مۇددەت قان تولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاياللار كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىككى تەرەپنىڭ جىنسىي تۇرمۇشى زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە، ھېس قىلىش تۇيغۇسى تۆۋەنلەپ، ئىككى ئادەمنىڭ ھېسسىياتىغا تەسىر يېتىدۇ.

ئۇنداقتا جىنسىي تۇرمۇشتا قانداق چاستوتىنى ساقلاش كېرەك؟ ئامېرىكا جىنسىيەت ئالىملىرى مۇنداق بىر خىل جىنسىي تۇرمۇش چاستوتىسى فورمۇلاسىنى يەكۈنلەپ چىققان: جىنسىي تۇرمۇش چاستوتىسى=ياشنىڭ بىرىنچى سانى × 9..

مەسىلەن، 30 ياشلىق قۇرامىغا يەتكەن ئادەم 3 × 9=27 بولىدۇ، يەنى 20 كۈندە يەتتە قېتىم جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزسە بولىدۇ، تەخمىنەن ئۈچ كۈندە بىر قېتىم بولىدۇ.

 

ئەلۋەتتە، بۇ فورمۇلا پەقەت بىر پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولۇپ، جىنسىي تۇرمۇشنىڭ مۇۋاپىق بولغان-بولمىغانلىقىغا ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ھۆكۈم قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئەگەر جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىن ئىككى تەرەپ خۇشال بولۇپ پۈتۈن بەدىنى راھەتلەنسە، ئۇنداقتا بۇ ساغلام جىنسىي تۇرمۇش بولىدۇ، ئەگەر جىنسىي تۇرمۇشتىن كېيىن چارچاپ كەتسە، بۇ چارچاش قېتىم سانى ئېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا مۇۋاپىق ئازايتىش كېرەك.

مەنبە:
https://m.nur.cn

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-11-01

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-11-01 / 08:08:44

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ