دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

نۇرمەمەت دوختۇر

تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ! 😀
29 تانە باھا سۆزى بار
4476 يازمىسى بار

ساغلام ياشاي دېسىڭىز بۇ يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈڭ!

ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ۋە ساغلام ياشاش ئۈچۈن ئۈچەيدە زەھەر يىغىلىپ قالماسلىقى كېرەك. كونىلاردا: «ئەگەر بەدىنىم تېخىمۇ ساغلام بولسۇن دېسىڭىز، قورسىقىڭىز كۆپۈپ كەتمىسۇن، ئازراق يەڭ، ئازراق ئاچلىق ھېس قىلىپ تۇرسىڭىز، ئەكسىچە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.» دەيدىغان گەپ بار. ھەقىقەتەن شۇنداق بولامدۇ؟

تاماقتىن كېيىنلا چوڭ تەرەت قىلىش قانداق ئىش؟

بەزى كىشىلەر كۆپچىلىك بىلەن يەل قازان شورپىسى يەۋاتقاندا، قازاندىكى نەرسىلەرنى سۈزۈپ بولمايلا قاچىنى قويۇپ، تازىلىق ئۆيىگە يۈگۈرىدۇ. بۇنداق كىشىلەرنى ئادەتتە «تۈز ئۈچەي» دەپ قويىدۇ. تاماقنى يەپ بولۇپلا چوڭ تەرەت قىلىش ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسىمۇ ياكى ئاشقازان، ئۈچەيدىن چاتاق چىققانلىقىنىڭ ئىپادىسىمۇ؟ بىز بىرلىكتە تەھلىل قىلىپ كۆرەيلى.

قانداق قىلغاندا بەدەن ئېغىرلىقنى ئىلمىي كونترول قىلغىلى بولىدۇ؟

كاربون سۇ بىرىكمىسى (ئۇن، گۈرۈچ): بىر مۇشتۇمچىلىك بولۇش. مۇشتۇمىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە ئاساسەن بىر ۋاق يەيدىغان يېمەكلىك مىقدارىنى تاللاش. مەسىلەن: موما، خۇاجۈەن، گۈرۈچ تامىقى قاتارلىقلار. مېۋىنىڭ بىر كۈنلۈك ئېھتىياجلىق مىقدارى بىر مۇشتىنىڭ چوڭلۇقىغا تەڭ كەلسە بولىدۇ.

سۇ بەدىنىمىزنىڭ ھەر قايسى ئەزالىرىنى قانداق قوغدايدۇ؟

سۇ تۇرمۇشىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئۇنداقتا ئۇنىڭ بەدىنىمىزدىكى ھەرقايسى ئەزالار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قانداق؟ بەدىنىمىزنى كېسەللىكلەردىن قانداق قوغدايدۇ؟ راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھۇجۇمىنى قانداق توسىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە سۇ بارلىق ھاياتلىقنىڭ ئاساسى، بىز سۇنىڭ بەدىنىمىزدىكى ھەر قايسى ئەزالارنى قانداق قوغدايدىغانلىقىنى بىرلىكتە چۈشىنىپ باقايلى.

ھەر كۈنى قولىڭىزنىڭ بۇ يەرلىرىنى ئۇۋۇلاپ بەرسىڭىز سالامەتلىكىڭىزگە پايدىلىق

قولدا ناھايىتى مۇرەككەپ پەللىلەر بار بولۇپ، ئادەتتە بۇ پەللىلەرنى كۆپرەك ئۇۋۇلاپ بەرگەندە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، ساغلاملىقنى ساقلىغىلى بولىدۇ.

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئېمىش قېتىم سانى ۋە رېتىمى قانداق بولىدۇ؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ سۈت ئىچىش قېتىم سانى بوۋاقلارنى بېقىشتىكى بىر مۇھىم مەسىلە، چۈنكى يېتەرلىك ئوزۇقلۇق ئۇلارنىڭ ساغلاملىقى ۋە يېتىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم. نورمالدا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئاشقازىنىنىڭ سىغىمچانلىقى بىر قەدەر كىچىك، ئۆسۈشى تېز بولىدۇ، شۇڭا ئۇلار كۆپ قېتىم ئوزۇقلىنىش ئارقىلىق بەدەننىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئېمىتىش قېتىم سانى ۋە ھەر قېتىملىق ئېمىتىش مىقدارى بوۋاقنىڭ يېشى، بەدەن ئېغىرلىقى، ئىشتىھاسى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئاساسەن ئوخشاش بولمايدۇ.

ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۈرۈش خەتىرى ۋە ئەكىس تەسىرلىرى

ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۈرۈش ( Upper Endoscopy ياكى Gastroscopy ) : بىر تال كامېرا ۋە يورۇقلۇق مەنبەسى بار ئىنچىكە ئۇزۇن يۇمشاق ئىچكى بوشلۇق ئەينىكى ( endoscope ) نى قىزىلئۆڭگەچ، ئاشقازان ۋە ئون ئىككى بارماق ئۈچەيگە كىرگۈزۈش ئارقىلىق ھەزىم قىلىش يولىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بەزىدە ئېغىزغا شىلەڭكە سېلىپ تەكشۈرۈش، ئاشقازان شىلەڭكىسى تەكشۈرۈشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ۋىتامىن D نىڭ رولى

ۋىتامىن D بارلىق خولېكالسىيفېرول بىئوئاكتىپلىقىغا ئىگە ستېروئىدلارنىڭ ئورتاق نامى بولۇپ، ئۇنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، ئەمما ئادەم بەدىنىگە قارىتا رول ئوينايدىغىنى ئاساسلىق ئىككى تۈرلۈك، بىرى، ۋىتامىن D3، بۇ يەنە  خولېكالتسىيفېرول دەپ ئاتىلىدۇ.

بەل قىسمى قېتىپ قېلىش تۇيغۇسى

بەل قىسمى قېتىپ قېلىش سېزىمى بەل قىسمى قېتىپ قېلىش ۋە جانسىز بولۇشنى كۆرسىتىدۇ، بەزىدە ئاغرىيدۇ. بۇ خىل سېزىم كۆپ خىل سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، مۇسكۇللار زورۇقۇش، بوغۇم ياللۇغى، ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى مەسىلىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ۋىتامىن E نىڭ رولى

ۋىتامىن E قان تومۇرنى تازىلىغۇچى دەپ تەرىپلىنىدۇ، ئۇنىڭ يۈرەك قان-تومۇر كېسەللىكلىرىگە قارىتا روشەن ئۈنۈمى بار بولۇپ، قېرىشنى كېچىكتۈرۈش، ياشلىق باھارىنى ساقلاش رولىغا ئىگە.