دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

Dr.Mosajan Ablet

0 تانە باھا سۆزى بار
150 يازمىسى بار

بىئوخىمىيىلىك ئوكسىگېنغا ئېھتىياجلىق مىقدارى ( بىئو خىمىيىلىك ئوكسىگېن مىقدارى )

بىئوخىمىيىلىك ئوكسىگېنغا ئېھتىياجلىق مىقدارى قىسقارتىلىپ BOD دەپ ئاتىلىدۇ ،ئۇ سۇدىكى ئورگانىك ماددا قاتارلىق ئوكسىگېنغا ئېھتىياجلىق بۇلغىمىلارنىڭ مىقدارىنى ئۆلچەيدىغان ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچ. ئۇ سۇدىكى ئوكسىگېنلىق مىكرو ئورگانىزملارنىڭ مۇئەييەن تېمپېراتۇرىدا ئورگانىك ماددىلارنى پارچىلاپ ئانئورگانىك ماددىلارغا ئايلاندۇرۇشتا ئېھتىياجلىق بولغان ئېرىگەن ئوكسىگېن مىقدارىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

بىئولوگىيەلىك ياسالمىلار ( بىئولوگىيىلىك ياسالمىلار )

بىئولوگىيەلىك ياسالمىلار بىر خىل ئالاھىدە تېببىي دورا مەھسۇلاتى بولۇپ، ئۇلار بىئولوگىيەلىك تېخنىكا ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش ۋە دىياگنوز قويۇشتا ئىشلىتىلىدۇ.

پاتقاق گازىنى ئېچىتىش ( پاتقاق گازى ئېچىتىش )

پاتقاق گازىنى ئېچىتىش يەنە بىئولوگىيىلىك مېتانلاشتۇرۇش دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئوكسىگېنسىز شارائىتتا، مىكرو ئورگانىزملارنىڭ رولى ئارقىلىق ئورگانىك ماددىلارنى پارچىلاپ پاتقاق گازىغا ئايلاندۇرۇش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. پاتقاق گازىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى مېتان ( CH4 ) ۋە كاربون ( Ⅳ ) ئوكسىد ( CO2 ) بولۇپ، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ھېسابلىنىدۇ.

خاگېن – پوسۇيې قانۇنى

خاگېن - پوسۇيې قانۇنى ئاقار جىسىم مېخانىكىسىدا يېپىشقاق ئاقار جىسىمنىڭ ئىنچىكە نەيچىنىڭ ئوتتۇرا قەۋىتىدە ئېقىشىنى تەسۋىرلەيدىغان تەڭلىمە.

لاپلاس قانۇنى

لاپلاس قانۇنى سۇيۇقلۇق تامچىسى يۈزىنىڭ كېرىلىش كۈچى بىلەن ئىچكى - تاشقى بېسىم ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەسۋىرلەيدىغان فورمۇلا بولۇپ ،P = 2T/r.

پاستېر باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش ئۇسۇلى ( پاستېرىزاتسىيە ئۇسۇلى )

پاستېرچە باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش ئۇسۇلى يېمەكلىكنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل تېخنىكا بولۇپ، ئاساسلىقى ئالاھىدە تېمپېراتۇرىغا قىزدۇرغاندىن كېيىن تېز سۈرەتتە سوۋۇتۇش ئارقىلىق يېمەكلىكتىكى مىكرو ئورگانىزملارنى ئۆلتۈرۈپ ياكى ئازايتىپ، شۇ ئارقىلىق يېمەكلىكنىڭ ساقلىنىش ۋاقتىنى ئۇزارتىدۇ.

پاسسىپ ئىممۇنىتېت

پاسسىپ ئىممۇنىتېت سىرتتىن كەلگەن ئانتىتېلا ياكى ئىممۇنىتېت ماددىلىرىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن ئىممۇنىتېتلىق قوغداشنى كۆرسىتىدۇ.

پەرقلەندۈرگۈچى ئۆستۈرگۈچ

پەرقلەندۈرگۈچى ئۆستۈرگۈچ ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى مىكرو ئورگانىزملارنى پەرقلەندۈرۈشتە مەخسۇس لايىھەلەنگەن ئۆستۈرگۈچ.

پەرقلەندۈرۈپ بوياش

پەرقلەندۈرۈپ بوياش ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى باكتېرىيەلەرنى پەرقلەندۈرۈشتە ئىشلىتىلىدىغان سېلىشتۇرۇپ بوياش ئۇسۇلىدۇر.

پىۋا ئېچىتقۇسى

پىۋا ئېچىتقۇسى پىۋا ئېچىتىشقا ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل مىكرو ئورگانىزم بولۇپ، ئۇ ئېچىتىش جەريانى ئارقىلىق بۇغداي شىرنىسىنى پىۋىغا ئايلاندۇرىدۇ.