بىئولوگىيەلىك ياسالمىلار ( بىئولوگىيىلىك ياسالمىلار )
生物制品
Biologic product
بىئولوگىيەلىك ياسالمىلار بىر خىل ئالاھىدە تېببىي دورا مەھسۇلاتى بولۇپ، ئۇلار بىئولوگىيەلىك تېخنىكا ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش ۋە دىياگنوز قويۇشتا ئىشلىتىلىدۇ.
بىئولوگىيەلىك ياسالمىلارنى تەييارلاش ئادەتتە مۇرەككەپ بىئولوگىيەلىك تېخنىكا جەريانىغا چېتىلىدۇ، گېن قۇرۇلۇشى، ھۈجەيرە قۇرۇلۇشى ۋە ئېچىتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ تېخنىكىلار ئالىملارنىڭ مىكرو ئورگانىزم، ھۈجەيرە، ھايۋانات ياكى ئادەم مەنبەلىك توقۇلما ۋە بەدەن سۇيۇقلۇقى قاتارلىقلارنى خام ئەشيا قىلىپ، يۈكسەك خاسلىققا ۋە بىئولوگىيىلىك ئاكتىپلىققا ئىگە دورىلارنى ئىشلەپچىقىرىشىغا يول قويىدۇ. بىيولوگىيەلىك ياسالمىلارنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ:
1. ۋاكسىنا:ئالاھىدە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئىشلىتىلىدىغان بىئولوگىيىلىك ياسالمىلار، مەسىلەن، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى، غالجىر ئىت ۋاكسىنىسى قاتارلىقلار.
2. ئانتىتوكسىن ۋە ئانتىسېۋوروتكا:توكسىن كەلتۈرۈپ چىقارغان كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ، مەسىلەن، قاتما ئانتىتوكسىنى.
3. قان ياسالمىلىرى:قان پلازمىسى، قان زەردابى، قان ھۈجەيرىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، قانغا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
4. ئىممۇنىتېت شارچە ئاقسىلى:ئالاھىدە ئىممۇنىتېتلىق قوغداش بىلەن تەمىنلەشكە ئىشلىتىلىدۇ، مەسىلەن، ئىممۇنىتېت شارچە ئاقسىلىنى ۋېنادىن ئوكۇل قىلىش.
5. ھۈجەيرە فاكتورى ۋە ئۆستۈرگۈچى فاكتور:ئورگانىزمنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارىنى تەڭشەشكە ئىشلىتىلىدۇ، مەسىلەن، ئىنتېرلېۋكىن، قىزىل قان ھۈجەيرىسىنى ھاسىل قىلغۇچى ماددا قاتارلىقلار.
6. ئېنزىم:بەدەندىكى كەم ئېنزىملارنىڭ ئورنىنى ئېلىش ياكى تولۇقلاشقا ئىشلىتىلىدۇ، مەسىلەن ئىنسۇلىن.
7. دىئاگنوز بۇيۇمى:كېسەللىك ياكى كېسەللىك قوزغاتقۇچىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.مەسىلەن ،HIV تەكشۈرۈش رېئاكتىپى.
ئۇنىڭدىن باشقا، بىئولوگىيىلىك ياسالمىلارنىڭ ئېلىمىزدىكى تەرەققىياتى تېز، مەھسۇلات تۈرلىرى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى كېڭىيىۋاتىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى ۋە كەسىپكارلارنىڭ سانىمۇ كۆپىيىۋاتىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر – سەنئىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە سۈپەت باشقۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشىگە ئەگىشىپ، بىئولوگىيەلىك ياسالمىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئۈنۈملۈكلۈكى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.
ئومۇمەن ئېيتقاندا، بىئولوگىيەلىك ياسالمىلار ھازىرقى زامان مېدىتسىناسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشلىتىلىشى ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىدى. بىئولوگىيىلىك ياسالمىلارنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنىڭ ئالاھىدىلىكى تۈپەيلىدىن، ئۇنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سۈپەتنى كونترول قىلىشتا قاتتىق ئۆلچەملەرگە ئەمەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.مەسىلەن:GMP ( دورا ئىشلەپچىقىرىش سۈپىتىنى باشقۇرۇش قائىدىسى ) قاتارلىقلار مەھسۇلاتنىڭ يۇقىرى سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.