دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

ئانا سەھىپەخانىم قىزلارھامىلىدارلىق بىلىملىرىئاياللار بىر قېتىم تۇغسا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟

ئاياللار بىر قېتىم تۇغسا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟

ھامىلدارلىق ۋە تۇغۇتنىڭ ئاياللار ساغلاملىقىدىكى مۆجىزىۋى رولى: راكتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش

ئاياللارنىڭ ھايات مۇساپىسىدە ھامىلدار بولۇش ۋە پەرزەنت مەيدانغا كەلتۈرۈش پەقەت بىر ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش جەريانىلا ئەمەس، بەلكى ئۇ ئايال كىشىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ۋە پىسخىكىلىق جەھەتتىن «قايتا تۇغۇلۇشى» دەپ قارىلىدۇ. زامانىۋى تېببىي تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بىر قېتىملىق مۇكەممەل ھامىلدارلىق ۋە تۇغۇت جەريانى ئاياللارنىڭ ئىممۇنىت سىستېمىسىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۈچەيتىپ، كەلگۈسى ئون يىللىق، ھەتتا ئۇنىڭدىن كۆپ ۋاقىتتىكى ساغلاملىق ئاساسىنى يارىتىپ بېرىدۇ.

ئاياللار بىر قېتىم تۇغسا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟

 

راك كېسەللىكلىرىدىن تەبىئىي مۇداپىئەلىنىش سېپى

ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان سۈت بىزى راكى ۋە تۇخۇمدان راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، تۇغۇت ئەڭ تەبىئىي ۋە ئۈنۈملۈك قالقان ھېسابلىنىدۇ. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى ھورمون سەۋىيىسى زور دەرىجىدە ئۆزگىرىدۇ. سۈت بىزى ھۈجەيرىلىرى تۇغۇت ۋە بالا ئېمىتىش جەريانىدا ئاندىن ھەقىقىي تۈردە پىشىپ يېتىلىدۇ. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، پىشىپ يېتىلگەن سۈت بىزى ھۈجەيرىلىرىنىڭ راكقا ئايلىنىش ئېھتىماللىقى تۇغۇپ باقمىغان ئاياللارنىڭكىگە قارىغاندا خېلىلا تۆۋەن بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۇخۇمدان راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىمۇ تۇغۇتنىڭ رولى چوڭ. چۈنكى ھامىلدارلىق ۋە بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە تۇخۇمدان تۇخۇم چىقىرىشتىن توختايدۇ، بۇ تۇخۇمداننىڭ «دەماللىق ئارام ئېلىشى» غا پۇرسەت يارىتىپ، تۇخۇمدان يۈزىدىكى زەخىملىنىش ۋە ئەسلىگە كېلىش قېتىم سانىنى ئازايتىدۇ، بۇ ئارقىلىق راكقا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۈپتىن تۆۋەنلىتىدۇ.

 

ھورمون تەڭپۇڭلۇقى ۋە بالياتقۇ ساغلاملىقى

تۇغۇپ باقمىغان ئاياللاردا بالياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە بالياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ نورمالسىزلىشىشى كۆپ كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، تۇغۇپ باقمىغان ئاياللار بەدىنىدىكى ئېستروگېن ( ئاياللىق ھورمون) ھورمونىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك يالغۇز تۈرتكىسىگە ئۇچرايدۇ. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە كۆپ مىقداردا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ھامىلە ھورمونى ( Progesterone ) ئېستروگېننىڭ بالياتقۇ ئىچكى پەردىسىگە بولغان ھەددىدىن زىيادە غىدىقلىشىنى توسۇپ، ئۈنۈملۈك قوغداش پەردىسى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ خىل «ھورمون يۇيۇش» جەريانى بالياتقۇنىڭ ئىقتىدارىنى ياشارتىپ، ھورمونغا تايىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى توسىدۇ.

 

كىلىماكتېرىيە دەۋرىنىڭ كېچىكىشى ۋە ياشلىقنىڭ ئۇزىرىشى

ئاياللارنىڭ ياشلىق ھاياتى تۇخۇمداننىڭ ئىقتىدارى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ھەر بىر ئايال كىشىنىڭ تۇخۇمدانىدىكى تۇخۇم ھۈجەيرىسىنىڭ سانى تۇغۇلغاندا بېكىتىلىپ بولغان بولىدۇ. ھامىلدارلىق ۋە بالا ئېمىتىش جەريانىدىكى تەخمىنەن بىر يىلدىن بىر يېرىم يىلغىچە بولغان ۋاقىتتا تۇخۇمدان تۇخۇم چىقارمايدۇ. بۇ بىر بۆلەك ۋاقىت تۇخۇمداننىڭ «زاپاس كۈچى» سۈپىتىدە ساقلىنىپ قالىدۇ. نەتىجىدە:

  • تۇخۇمداننىڭ قېرىش سۈرئىتى ئاستىلايدۇ.
  • ئاياللارنىڭ كىلىماكتېرىيە (ھەيز توختاش) دەۋرى تۇغۇپ باقمىغان ئاياللارغا قارغاندا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كېچىكىدۇ.
  • بەدەندىكى ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسى تېخىمۇ مۇقىم بولىدۇ.
  • تېرە ۋە سۆڭەكنىڭ ياشلىق ھالىتى ئۇزاقراق ساقلىنىدۇ.

بۇ جەريان ئاياللارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك پىشىپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، بالا بېقىش جەريانىدىكى مېھرىبانلىق ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئاياللارنىڭ پىسخىكىلىق چىدامچانلىقىنى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ روھىي جەھەتتىن تېخىمۇ ساغلام ۋە كۈچلۈك بولۇشىغا شارائىت ھازىرلايدۇ.

 

زامانىۋى تەتقىقاتلار نېمە دەيدۇ؟

يېقىنقى يىللاردىكى تېببىي تەتقىقاتلار تۇغۇتنىڭ ئاياللار سالامەتلىكىگە بولغان ئۇزۇن مۇددەتلىك پايدىسىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەرمەكتە. مەسىلەن، 2020-يىلى «JAMA Oncology» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا، بىر قېتىم تۇغۇتنىڭ تۇخۇمدان راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى %30 تىن كۆپرەك تۆۋەنلىتىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 2022-يىلى ئېلان قىلىنغان «Human Reproduction» ناملىق تېببىي تەتقىقات نەتىجىسىدە، كۆپ قېتىم ھامىلدار بولغان ياكى بالا ئېمىتكەن ئاياللارنىڭ كىلىماكتېرىيە دەۋرىنىڭ تۇغۇپ باقمىغان ئاياللارغا قارغاندا خېلىلا كېچىكىپ كېلىدىغانلىقى ستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلار بىلەن دەلىللەنگەن.

ئاياللارنىڭ تۇغۇت مۇساپىسىنى تاماملىشى بىر تەرەپتىن ئىنسانىيەتنىڭ داۋاملىشىشى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئاياللارنىڭ ئۆز ساغلاملىقى ئۈچۈن قىلىنغان ئەڭ چوڭ «سېلىنما» ھېسابلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، تۇغۇتتىن كېيىنكى ئىلمىي كۈتۈنۈش ۋە ساغلام تۇرمۇش ئادىتىمۇ بۇ خىل ئىممۇنىت كۈچىنىڭ ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

 

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2026-03-06

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2026-03-07 / 04:18:26

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ