بەيدۇ تورى خەۋىرى نۇر تورى تەرجىمىسى:
ھازىرقى جەمئىيەتتە نۇرغۇن ئاياللار ياش ۋاقتىدا كەسىپكە كىرىشىشنى تاللايدۇ. 30 ياشتىن كېيىن ئاندىن توي قىلىپ بالىلىق بولۇشنى ئويلىشىدۇ، شۇڭا 30 ياشتىن ئاشقاندا ئاندىن توي قىلىپ، بالىلىق بولىدىغان ئاياللار بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ.
لېكىن 30 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن ئاندىن بالىلىق بولسا، سالامەتلىكنى ئاسراشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. بولۇپمۇ تۇغۇتتىن كېيىن قىرىقىنى چىقىرىشتا، 30 ياشتىن كېيىن پەرزەنتلىك بولغانلار تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. قىرىقىنى ياخشى چىقارسا، بەدەن قىياپىتى تېز ئەسلىگە كېلىدۇ. 30 ياشتىن كېيىن تۇغقانلار قىرىقى ئىچىدە بەش نۇقتىنى ياخشى ئورۇنلىسا، قىرىقى ئىچىدە پەيدا بولىدىغان كېسەللىكلەردىن خالىي بولۇپ، سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى تېز بولىدۇ.
1. قىرىقىنى تولۇق چىقىرىش.
قىرىقى پەقەت بىر ئاي ئەمەس، بالىياتقۇنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ئاز دېگەندىمۇ 42 كۈن كېتىدۇ. لېكىن 30 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن ئاندىن بالا تۇغسا، بولۇپمۇ قورساقنى يېرىپ بالا تۇغقان بولسا، قىرىقى 56 كۈن بولۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. قىرىقى مەزگىلىدە ئانا بەك ئېغىر نەرسىلەرنى يۆتكىمەسلىكى، ھەتتا بالىنىمۇ ئۇزۇن كۆتۈرمەسلىكى كېرەك، بالىنى ئېمىتكەندە كۆتۈرۈپ قويسا بولىدۇ، بەزلەپ ئۇخلىتىدىغان ئىشنى دادىسىغا تاپشۇرسا بولىدۇ.
2. تۇغۇتتىن كېيىن يېتەرلىك مىقداردا كالتسىي تولۇقلاش.
ھامىلىدار بولغاندا بالىياتقۇ يوغىناپ نېرۋىلارنى بېسىۋېلىپ، ئانىدا پۇتنىڭ پېيى تارتىشىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئانىغا كالتسىي تولۇقلاش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەنلىك. نۇرغۇن ئانىلار ئاكتىپلىق بىلەن سۈت ئىچىش ياكى كالتسىي تابلىتى يېيىش ئارقىلىق كالتسىي تولۇقلايدۇ، لېكىن بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن ئانىلار بۇ ئىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ھېچ ئىش بولمايدۇ، ھېچنېمە تولۇقلىمىسىمۇ بولىدۇ دەپ قارايدۇ. قىرىقى ئىچىدىكى ئېھتىياجلىق بولىدىغان كالتسىي مىقدارى ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى كالتسىي مىقدارى بىلەن ئوخشاش.
3. تۇغۇتتىن كېيىن تۆمۈر تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
ھامىلىدار بولۇپ 36 ھەپتە بولغاندا، ھامىلە كىندىك ئارقىلىق ئانىنىڭ تېنىدىن تۆمۈر قوبۇل قىلىدۇ. ھامىلىدار بولۇپ 40 ھەپتە ئەتراپىدا، مەيلى ئۆزى تۇغقان بولسۇن ياكى قورساقنى يېرىپ تۇغقان بولسۇن، ئانىنىڭ بەدىنىدىن كۆپ مىقداردا قان ئېقىپ كېتىدۇ. تۇغۇتتىن كېيىن ئانا تېنى تۆمۈر مىقدارى ئىنتايىن تۆۋەن ھالەتتە تۇرىدۇ، ھەتتا قان ئازلىق ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
قىرىقى مەزگىلىدە ئانىلار تۆمۈر تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك: ئورۇق گۆش، كالا گۆشى، قوي گۆشىدىن ئىبارەت گۆشلەرنىڭ تەركىبىدە تۆمۈر مىقدارى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. ھەر ھەپتىدە 3-2 قېتىمغىچە توخۇ جىگىرى، ئۆردەك جىگىرى ياكى قوي جىگىرى يېسە بولىدۇ.
4. قارا ئاشلىق، كۆكتات، مېۋە ئاز بولسا بولمايدۇ.
قىرىقى ئىچىدە كۆكتات، مېۋە ـ چېۋە يېمىسە، ئانا چوقۇم ئاسانلا قەۋزىيەت بولۇپ قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە تۇغۇتتىن كېيىن كۆكتات، مېۋە ـ چېۋىلەرنى كۆپرەك يېيىش، ھەتتا تاماق ئەتكەندە گۈرۈچ تامىقىنىلا يېمەي، ئۇنىڭغا قارا ئاشلىق قوشۇپ يېيىشى كېرەك. كۆكتات، مېۋە، قارا ئاشلىق قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ۋىتامىن C تولۇقلايدۇ ۋە بەدەن شەكلىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
5. تۇغۇتتىن كېيىنكى پائالىيەت ئاز بولسا بولمايدۇ.
تۇغۇتتىن كېيىن قىرىقى ئىچىدە ئانىنىڭ بەدىنىدىكى قاننىڭ ھەممىسى يۇقىرى ئۇيۇش ھالىتىدە بولۇپ، كۈندە ياتقاندا ئاسانلا قان نوكچىسى پەيدا بولۇپ، ئانىنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. تۇغۇتتىن كېيىن شۇ كۈنى ياكى ئەتىسى كارىۋاتتىن چۈشۈپ ھەرىكەت قىلسا بولىدۇ، قىرىقى ئىچىدە ئېغىر نەرسىلەرنى يۆتكىمىسىلا مېڭىپ بەرسە ياكى كارىۋاتتا ھەرىكەت قىلسا قول بوغۇمى، پۇت بوغۇمى بەل تېلىپ ئاغرىشنى پەسەيتىشكە، تۇغۇتتىن كېيىن قول ئاغرىش، پۇت ئاغرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17800918.shtml