بالدۇر تۇغۇت قانداق ئەھۋال؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ھامىلدارلىقنىڭ 28-ھەپتىسىدىن كېيىن ياكى ئاي كۈنى تۇلۇشقا ئىككى ھەپتە قالغان چاغدا تۇغۇپ قۇيۇش <بالدۇر تۇغۇت> ياكى بىمەھەل تۇغۇت> دەپ ئاتىلىدۇ.

ھامىلىدارلىقنىڭ 40-ھەپتىسىدە تۇغۇش ئاي كۈنى تولغان تۇغۇت دېيىلىدۇ.

سەۋەبى: كۆپ قېتىم بۇيىدىن ئاجراش، بالا ئالدۇرۇش، بىمەھەل تۇغۇپ قۇيۇشقا سەۋەبچى بولىدۇ. ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغانلىرى ئانىنىڭ جىددىي يۇقۇملۇق كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇشى، بۆرەك كېسەللىكى، سىفلىسدەك بولۇشىدەك سوزۇلما كېسەللىكلەرنىڭ مەۋجۇتلىقى، ھامىلىدار ئايالنىڭ بالىياتقۇ بوينىدا كونا يېرىقى بارلىقى، بۇلاردىن باشقا غەيرىي نورمالنى ھامىلىدارلار، بالا ھەمرىيى، ھامىلە ئالدىغا ئورۇنلىشىش، بالا ھەمرىيى بالدۇر سويۇلۇپ چۈشۈش ھامىلىدارلىق، تۇتقاقلىق كېسىلى ياكى بەلگىلىرى كۆرۈلگەن ھامىلدارلىق تۇتقاقلىقى، باش سۈيى زىيادە كۆپ بولۇشى، قاتارلىقلارمۇ بىمەھەل تۇغۇشقا سەۋەپ بولىدۇ.

ئالامىتى: 28-30 ھەپتە ئارىلىقتا باش سۈيى قېپى يېرىلىپ كېتىدۇ، تولغاق تۇتۇش ۋە قان كېلىش ئەھۋاللىرى بولىدۇ. ئەگەر بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشى كۈچىيىپ كەتسە بالىياتقۇ ئېغىزى ئېچىلىپ بالدۇر تۇغۇپ قويىدۇ.

داۋالاش پرىنسىپى: كۆپ قېتىم بالدۇر تۇغقان ئاياللارغا قارىتا سەۋەبىنى تېپىپ داۋالاش لازىم. ئادەتتە بالدۇر تۇغۇشنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلسە دەرھال ياتقۇزۇپ ئارام ئالدۇرۇش، باش سۈيى قېپى يېرىلمىغان بولسا، ھامىلىنى مۇقىملاشتۇرغۇچى دورىلارنى ئىشلىتىش كېرەك.

باش سۈيى قېپى يېرىلىپ كەتكەن بولسا ھامىلىنىڭ چۈشۈشنى تېزلىتىدىغان دورىلارنى ئىشلەتمەسلىك لازىم.  چۈنكى ھامىلە بالىياتقۇ ئىچىدە ئۆشۈپ زورىيىپ ئۆزۈلۈكىدىن تۇغۇلۇشى مۇمكىن. بۇنداقتا ھامىلىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. لېكىن ئوفۇنەتلىنىشتىن ساقلىنىش، جاراسىمسىزلاندۇرۇلغان داكىلار بىلەن جىنسىي يولنى تېڭىپ قويۇش كېرەك. تۇغۇلغان ھامىلە تەخمىنەن 2.5 كىلوگرامدىن تۆۋەن بولسا بالدۇر تۇغۇلۇش (ئېيى تولماي تۇغۇلغان بالا) ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق بالا تۇغۇلغاندا ئىسسىق ساقلاش، كۆپ مىدىرلاتماسلىق، كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىش زۆرۈر.

مەنبە:
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-05-02

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-05-02 / 09:36:14

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ