ئانا سەھىپەساغلاملىقئوزۇقلۇقچامغۇر كىچىك تەرەت راۋان بولماسلىققا شىپا قىلىدۇ

چامغۇر كىچىك تەرەت راۋان بولماسلىققا شىپا قىلىدۇ

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

چامغۇر تەبىئىتى ئىسسىق، زەھەرسىز، ئوزۇقلۇق قىممىتى باشقا كۆكتاتلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولغان، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئىستېمال قىلىشقا بولىدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىرى.

ئۇيغۇرچە: چامغۇر
ئىنگىلىزچە: turnip
خەنزۇچە: 芜菁
تۈركچە: şalgam

چامغۇر تەركىبىدە ئاقسىل، ماي، قەنت، كراخمال، گلوكوزا قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار بولۇپلا قالماستىن، ئىنسانلار ھاياتى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان مېنىرال ماددىلاردىن تۆمۈر، كالىتسىي، فوسفور قاتارلىق ئېلېمنتلارمۇ بار. بۇ ماددىلار چامغۇرنىڭ كۆكىدە كۆپرەك بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ۋىتامىن A، ۋىتامىن B، ۋىتامىن D لارمۇ خېلى كۆپ بولۇپ، ۋىتامىن B يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان پۇت تەمرەتكىسى، نېرۋا ياللۇغى، جاۋغاي ياللۇغى، ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدۇ.

چامغۇرنى كۆپ ئىستېمال قىلسا يەنە ئىشتىھانى ئاچىدۇ، ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، يۆتەلنى توختىتىدۇ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ، قورساق كۆپۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ يەلنى ھەيدەيدۇ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا چامغۇرنى خام يىسە ياكى قاينىتىپ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، كىچىك تەرەت راۋان بولماسلىق، جىگەر كېسىلى، بۆرەك، سۈيدۈك يولى ياللۇغى، قېچىشقاق، قار داغ كېسىلىگە شىپا بولىدۇ.

ماغدۇرسىزلىق ۋە ئۆپكە تۇبېركۇليوزىغا گىرىپتار بولغانلار تازا پىشقان چامغۇرنى ئېتىزدىن يۇلماي تۇرۇپ كۆكىنى كېسىۋېتىپ، ئوتتۇرىسىنى ئويۇپ، ئۇيۇلغان جايغا ئازراق قارا شېكەر سېلىپ، ئۇيۇلغان تەرىپىنى پاكىز نەرسىلەر بىلەن يېپىپ، ئۈستىگە چىنە كۆمتۈرۈپ بىر كېچە- كۈندۈز تۇرغۇزغاندىن كېيىن ئويۇلغان جايغا يىغىلغان سۇنى كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر قوشۇقتىن ئىچىپ بەرسە ئىنتايىن ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-05-09

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-05-09 / 08:17:26

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ