سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
بەزى ئاياللار كۆكرەك قىسمىنىڭ ساڭگىلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ، يەنە بەزى ئاياللار كۆكرەك شەكلىنىڭ چىرايلىق ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىدۇ، ئۇنداقتا تۇرمۇشتا بۇنداق ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش ياكى بۇنداق ئەھۋال يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇنى ياخشىلايدىغان بىرەر مۇۋاپىق ئۇسۇل بارمۇ؟
جاۋابى ئەلۋەتتە مەۋجۇت، نۇرغۇن ئايال دوستلار بەلكىم ئىچ كىيىمنى مۇۋاپىق تاللىمىغانلىقى ياكى ئۇنىڭ ناچار قىياپىتى كۆكرەك قىسمىنىڭ ساڭگىلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، كۆكرەك قىسمىنىڭ ساڭگىلاپ كېتىشى دەل كۆكرەك قىسمىدىكى تارىمۇشنىڭ بوشىشىشى ۋە تەبىئىي قېرىغانلىقنىڭ نەتىجىسىدۇر.
ئەگەر كۆكرەك قىسمىنىڭ ساڭگىلاپ قېلىشىنى ياخشىلىماقچى بولساق، تارىمۇشنى كۈچەيتىش مەشىقى ۋە كۆكرەك مۇسكۇلىنى چېنىقتۇرۇش مەشىقنى ئېلىپ بارساق، ساڭگىلىغان كۆكرەكنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئەسلىگە قايتۇرغىلى بولىدۇ.
كۆكرەك قىسمىنىڭ ساڭگىلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل ئۇسۇلنى سىناپ باقسا بولىدۇ:
1. كۆكرەك قىسمىدىكى مۇسكۇللارنى كۆپرەك چېنىقتۇرۇش: كۆكرەك كېرىش ھەرىكىتى، يەر بېغىرلاش مەشىقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كۆكرەك بوشلۇقىنى ئېچىشقا ياردەم بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە كۆكرەك بوشلۇقىدىكى مۇسكۇللارنى چېنىقتۇرۇپ، كۆكرەك قىسمىنى كۆتۈرىدۇ.
2. كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ناچار بەدەن ھالىتىنى ئۆزگەرتىش: يول ماڭغاندا دۈمچەك بولۇپ مېڭىش، بەزى ناچار قىياپەتلەرنىڭ ھەممىسى كۆكرەكنىڭ ساڭگىلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەگەر سىز دائىم مۇشۇنداق ناچار بەدەن ھالىتىنى ساقلاپ قالسىڭىز، كۆكرەك قىسمىنىڭ ساڭگىلاپ كېتىشىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
3. يوگا ھەرىكەتلىرىنى كۆپرەك مەشىق قىلىش: يوگا پۈتۈن بەدەننى چېنىقتۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ، ئەلۋەتتە يەنە كۆكرەك قىسمىنى چېنىقتۇرۇشقىمۇ ياردەم بېرىدۇ.
4. قولتۇق ئاستى ۋە كۆكرەك قىسمىنى ئۇۋۇلاپ، شۇ ئورۇننىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىلەكنى، بولۇپمۇ يۇقىرىقى بىلەكنى چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بۇ ئارقىلىق كۆكرەكنى يىغىش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
ئايال دوستلار مۇكەممەل بولغان كۆكرەك شەكلىگە ئىگە بولغاندىلا، ئاندىن ئاياللارغا چۇشلۇق نازاكەتكە ئىگە بولغىلى بولىدۇ. شۇڭا تۇرمۇشتا يەنە ئۆزىنىڭ كۆكرەك قىسمىغا ماس كېلىدىغان ئىچ كىيىملەرنى تاللىشى، چوقۇم ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن سېتىۋېلىشى كېرەك.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17863943.shtml