قىشتا ئىشلەتكەن تېرە ئاسراش بويۇملىرىنىڭ يۇمرانلىقىنى ساقلاش تەركببى بىر قەدەر يۇقىرى ، لېكىن بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى ئەتىيازدا ئىشلىتىشكە ماس كەلمەيدۇ ، شۇڭا ھەم نەملىك ساقلايدىغان ، ھەم ئاپتاپتا كۆيۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش كېرەك .
يۈز يۇيۇش سۇيۇقلۇقى : ئەتىيازدا سۈتسىمان ، مازغاپسىز ، تازىلاش ئىقتىدارى كۈچلۈك ، لېكىن تېرىنى زەخمىلەندۈرمەيدىغان مۆتىدىل يۈز يۇيۇش مەھسۇلاتلىرىنى تاللاپ ئىشلىتىش ، تېرىنىڭ مۈڭگۈز قەۋىتىنى تازىلايدىغان يۈز يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرىنى بۇ پەسىلدە كۆپ ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
نەملىك ساقلاش مېيى : راھەت ، مايسىز بولغان ئەتىيازلىق نەملىك ساقلاش مايلىرىنىڭ تېرىنى تىنىتىش ، راھەتلەندۈرىدىغان تەركىبلىرى بار . ئەتىيازدا تېرىگە گۈل چاڭلىرى رىئاكسىيە قىلىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ . بۇ خىل مايلاردىكى تەركىبلەر مۇھىتنىڭ تېرىگە بولغان زەخمىسىنى تۈگىتىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا ، ئەتىيازدا بەك تولۇق ئىقتىدارلىق نەملىك ساقلاش مايلىرىنى ئىشلەتمەستىن ، سۇ تولۇقلاش ، نەملىك ساقلاش ئىقتىدارى بار مايلارنى تاللىغاندا قىلچە كۈچىمەيلا ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
ئاپتاپتا كۆيۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش : ئەتىيازدابىنەپشە نۇر بىر قەدەر كۈچلۈك بولىدۇ ، ئاپتاپتا كۆيۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مېيىنى تاللىغاندا ، ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى يۇقىرى بولغانلىرىنى تاللىسىڭىز بولىدۇ.