ئانا سەھىپەمەخسۇس سەھىپىلەرۋاكسىناب تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام باكتېرىيىسى كېسىلى (Hib) ۋە ۋاكسىنىسى

ب تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام باكتېرىيىسى كېسىلى (Hib) ۋە ۋاكسىنىسى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ب تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام باكتېرىيىسى كېسىلى ، يەنى Hib كېسەللىكى ئىچىدە گەرچە نامىدا «زۇكام» دېگەن سۆز بولسىمۇ، ئۇ بىز دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىدىغان پەسىللىك زۇكام ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. ئەكسىچە، ئۇ تارقىلىشچان زۇكام قانخۇمار تاياقچە باكتېرىيىسى ب تىپى ( Haemophilus influenzae Type B )  كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان، بولۇپمۇ 5 ياشتىن تۆۋەن بالىلار ئۈچۈن ئىنتايىن خەتەرلىك بولغان بىر يۇقۇملۇق كېسەللىك. بۇ كېسەللىك قىسقارتىپ Hib كېسىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ كېسەللىك داۋالاش ئۈنۈملۈك بولمىغان ئەھۋالدا ئۆمۈرلۈك مېيىپلىك ياكى ئۆلۈمگە سەۋەب بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردا، Hib ۋاكسىنىسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ كېسەللىكنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى.

ب تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام باكتېرىيىسى كېسىلى (Hib) ۋە ۋاكسىنىسى

 

Hib كېسەللىكى دېگەن نېمە؟

Hib كېسەللىكى – تارقىلىشچان زۇكام قانخۇمار تاياقچە باكتېرىيىسى ( Haemophilus influenzae ) نىڭ «ب» تىپى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر قاتار ئېغىر يۇقۇملىنىشلارنىڭ ئومۇمىي نامىدۇر. بۇ باكتېرىيە ئادەتتە كىشىلەرنىڭ بۇرۇن ۋە كېكىردەك قىسىملىرىدا ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى پەيدا قىلماي ياشىيالايدۇ، ئەمما بەزى ئەھۋاللاردا، بولۇپمۇ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئاجىز كىچىك بالىلاردا، قانغا ۋە باشقا ئەزالارغا تارقىلىپ، ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە: ب تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام باكتېرىيىسى
ئىنگىلىزچە: Haemophilus influenzae Type B
تۈركچە: Haemophilus influenza tip b
خەنزۇچە: b型流感嗜血杆菌

قىسقارتىلمىسى: Hib

 

Hib كېسەللىكىنىڭ ئاساسلىق تۈرلىرى ۋە ئالامەتلىرى قايسىلار؟

Hib باكتېرىيەسى بەدەننىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئوخشىمىغان كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ۋە ئەڭ خەتەرلىك بولغانلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

  • باكتېرىيەلىك مېڭە ياللۇغى: بۇ Hib كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەڭ ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىك بولۇپ، مېڭە ۋە ئومۇرتقا پەردىلىرىنىڭ ياللۇغلىنىشىدۇر. ۋاكسىنا ئومۇملىشىشتىن ئىلگىرى، بۇ كېسەللىك 5 ياشتىن تۆۋەن بالىلاردا باكتېرىيەلىك مېڭە ياللۇغىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبچىسى ئىدى. ئالامەتلىرى: يۇقىرى قىزىش، باش ئاغرىش، بوينى قاتتىق بولۇش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، نۇرغا سەزگۈر بولۇش، ھوشىدىن كېتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ كېسەللىك بالىلاردا ئاڭلاش سېزىمىنىڭ يوقىلىشى، مېڭىنىڭ زەخىملىنىشى قاتارلىق ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
  • كېكىردەك قاپقىقى ياللۇغى (Epiglottitis) : بۇ كېكىردەكنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى قاپقاق توقۇلمىنىڭ ئىششىپ ياللۇغلىنىشى بولۇپ، نەپەس يولىنى توسۇۋېلىپ، تۇيۇقسىز تۇنجۇقۇپ قېلىش خەۋپىنى پەيدا قىلىدىغان جىددىي ئەھۋال. ئالامەتلىرى: ئېغىر دەرىجىدىكى كېكىردەك ئاغرىقى، نەپەس قىيىنلىشىش، يۇتۇش تەس بولۇش قاتارلىقلار.
  • ئۆپكە ياللۇغى: ئۆپكىنىڭ يۇقۇملىنىشى بولۇپ، ئالامەتلىرى قىزىش، يۆتىلىش، كۆكرەك ئاغرىش ۋە نەپەس سىقىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
  • باشقا يۇقۇملىنىشلار: Hib يەنە قان يۇقۇملىنىشى، بوغۇم ياللۇغى، ۋە تېرە ئاستى توقۇلمىلىرى ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

 

كېسەللىك قانداق يۇقىدۇ؟

Hib باكتېرىيەسى يۇقۇملانغان كىشىنىڭ يۆتىلىشى، چۈشكۈرۈشى ياكى يېقىن ئارىلىقتا سۆزلىشىشى ئارقىلىق ھاۋادىكى تامچىلار ئارقىلىق تارقىلىدۇ. بەزى كىشىلەر گەرچە كېسەللىك ئالامىتى بولمىسىمۇ، بۇرۇن ۋە كېكىردىكىدە بۇ باكتېرىيەنى ئېلىپ يۈرۈپ، باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن.

 

تەكشۈرۈش ئۇسۇلى

Hib كېسەللىكىگە دىئاگنوز قويۇش ئۈچۈن، دوختۇر ئالدى بىلەن بىمارنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرىنى تەكشۈرىدۇ. ئېنىق دىئاگنوز ئۈچۈن، بەدەندىكى سۇيۇقلۇق ئەۋرىشكىلىرىنى تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈش زۆرۈر. بۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتە قان ياكى مېڭە-ئومۇرتقا سۇيۇقلۇقى (ئەگەر مېڭە ياللۇغىدىن گۇمانلانسا) ئەۋرىشكىسى ئېلىنىدۇ. تەجرىبىخانىدا بۇ ئەۋرىشكىلەرنى يېتىشتۈرۈش ( باكتېرىيە ئۆستۈرۈش، كۇلتۇرا ) ئارقىلىق Hib باكتېرىيەسىنىڭ بار-يوقلۇقىنى جەزملەشتۈرگىلى بولىدۇ. نەتىجە ئۈچۈن بىر قانچە كۈن داۋاملىشىشى مۇمكىن، شۇڭا دوختۇرلار گۇمانلىق ئەھۋالدا تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ساقلىمايلا دەرھال داۋالاشنى باشلىۋېتىدۇ.

 

داۋالاش ئۇسۇلى

Hib باكتېرىيەسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېغىر يۇقۇملىنىشلار جىددىي داۋالاشنى تەلەپ قىلىدۇ، بىمارلار چوقۇم دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشى كېرەك. داۋالاشنىڭ ئاساسلىق ئۇسۇلى كۈچلۈك ئانتىبىئوتىكلارنى تومۇردىن ئوكۇل قىلىپ ئىشلىتىش. داۋالاش ئادەتتە 7 كۈندىن 10 كۈنگىچە، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن داۋاملىشىشى مۇمكىن. كونكرېت قايسى ئانتىبىئوتىكنى ئىشلىتىش ۋە داۋالاشنىڭ قانچىلىك داۋاملىشىشى يۇقۇملىنىشنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىگە ۋە قايسى ئەزاغا تەسىر قىلغانلىقىغا باغلىق.

ئانتىبىئوتىك بىلەن داۋالاشتىن باشقا، بىمارغا يەنە قوشۇمچە داۋالاش ۋە پەرۋىش قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. مەسىلەن، مېڭە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بالىلارغا نەپەسلىنىشىگە ياردەم بېرىش، قان بېسىمىنى نورماللاشتۇرۇش، تالالىق دورىلارنى بېرىش ۋە بەدەندىكى سۇيۇقلۇق تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش قاتارلىق تەدبىرلەر قوللىنىلىدۇ. بۆگۈرمە ياللۇغىدا نەپەس يولى توسۇلۇپ قېلىش خەۋپى يۇقىرى بولغاچقا، بەزىدە نەپەس يولىغا تۇرۇبا سېلىشقا توغرا كېلىدۇ. ۋاقتىدا ۋە توغرا داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا، كۆپىنچە بىمارلار ساقىيىپ كېتەلەيدۇ، ئەمما داۋالاش كېچىكىپ كەتسە، ئاڭلاش سېزىمىنىڭ يوقىلىشى، ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشى قاتارلىق ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

 

ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى

Hib كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك، ئەڭ بىخەتەر ۋە ئەڭ ئاسان ئۇسۇلى Hib ۋاكسىنىسىنى ئەملىتىش. ۋاكسىنا بالىلارنىڭ بەدىنىدە بۇ باكتېرىيەگە قارشى ئانتىتېلا ھاسىل قىلىپ، كەلگۈسىدە باكتېرىيە يۇقۇمىدىن ساقلايدۇ. بالىلارغا قەرەللىك ۋە تولۇق مىقداردا ۋاكسىنا ئەملىتىش ئىنتايىن مۇھىم.

بۇنىڭدىن باشقا، ياخشى تازىلىق ئادەتلىرىمۇ يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مەلۇم رول ئوينايدۇ. قولنى دائىم سوپۇنلاپ يۇيۇش، يۆتەلگەندە ۋە چۈشكۈرگەندە ئېغىز-بۇرۇننى توسۇش، بىمارلار بىلەن يېقىن ئارىلىقتا ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش قاتارلىقلار پايدىلىق. ئەگەر ئائىلىدە بىرەر كىشىدە Hib يۇقۇمى ئېنىقلانسا، دوختۇر بەزىدە ئائىلىدىكى باشقا كىشىلەرگە، بولۇپمۇ ۋاكسىنا ئەملەتمىگەن كىچىك بالىلارغا ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئانتىبىئوتىك بېرىشى مۇمكىن.

 

قىسقىچە تارىخچىسى

تارقىلىشچان زۇكام قانخۇمار تاياقچە باكتېرىيىسى Haemophilus influenzae تۇنجى قېتىم 1892-يىلى زۇكام چوڭ تارقالغان مەزگىلدە بايقالغان، شۇ ۋاقىتتا كىشىلەر ئۇنى زۇكامنىڭ سەۋەبچىسى دەپ خاتا قارىغان، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ نامىدا «زۇكام» (influenzae) دېگەن سۆز قېپقالغان. ئەمما كېيىن ئۇنىڭ زۇكام ۋىرۇسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، ئۆزى ئايرىم بىر باكتېرىيە ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشقان. 20-ئەسىرنىڭ كۆپ قىسمىدا، Hib بالىلاردا كۆرۈلىدىغان باكتېرىيەلىك مېڭە ياللۇغىنىڭ بىرىنچى سەۋەبچىسى بولۇپ، نۇرغۇن بالىلارنىڭ ئۆلۈشىگە ياكى مېيىپ بولۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان.

1980-يىللارنىڭ ئاخىرىدا تۇنجى Hib ۋاكسىنىسى ئىشلىتىلىشكە باشلىغان ۋە 1990-يىللاردىن كېيىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغان يېڭى ئەۋلاد ۋاكسىنىلار كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشقان. ۋاكسىنىنىڭ ئومۇملىشىشى بىر ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىپ، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە Hib كەلتۈرۈپ چىقارغان كېسەللىكلەرنى %99 تىن ئارتۇق ئازايتىپ، مىليونلىغان بالىلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالدى.

 

Hib ۋاكسىنىسى دېگەن نېمە؟

Hib ۋاكسىنىسى Hib باكتېرىيەسىدىن كېلىپ چىقىدىغان يۇقۇملىنىشلارنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىخەتەر ۋە ئۈنۈملۈك ۋاكسىنىدۇر. ئۇ دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە بوۋاقلارنىڭ قەرەللىك ئەملەش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن. بۇ ۋاكسىنا ئومۇملاشقاندىن بۇيان، Hib سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان مېڭە ياللۇغى، ئۆپكە ياللۇغى ۋە كېكىردەك قاپقىقى ياللۇغى قاتارلىق ئېغىر كېسەللىكلەرنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى.

 

Hib ۋاكسىنىسىنىڭ ئەملىنىش ۋاقتى ۋە تەرتىپى

بالىلارغا ئادەتتە بىر قانچە قېتىم Hib ۋاكسىنىسى ئەملىنىدۇ. ئادەتتىكى ئەملەش تەرتىپى تۆۋەندىكىچە:

  • بىرىنچى قېتىم: 2 ئايلىق بولغاندا
  • ئىككىنچى قېتىم: 4 ئايلىق بولغاندا
  • ئۈچىنچى قېتىم: 6 ئايلىق بولغاندا
  • كۈچەيتمە قېتىم: 12 ئايدىن 15 ئايلىققىچە بولغان ئارىلىقتا

ئاتا-ئانىلار پەرزەنتىنىڭ كونكرېت ئەملەش پىلانى ئۈچۈن ئائىلە دوختۇرى ياكى رايون ساقلىقنى ساقلاش پونكىتلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىشى كېرەك.

 

Hib ۋاكسىنىسىنىڭ قوشۇمچە تەسىرى بارمۇ؟

Hib ۋاكسىنىسى ناھايىتى بىخەتەر بولۇپ، كۆپىنچە بالىلاردا ھېچقانداق ئىنكاس كۆرۈلمەيدۇ. بەزىدە كۆرۈلىدىغان يېنىك قوشۇمچە تەسىرلەر تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

  • ئوكۇل ئۇرغان جاينىڭ قىزىرىشى، ئىششىشى ۋە ئاغرىشى
  • يېنىك دەرىجىدە قىزىش

بۇ ئالامەتلەر ئادەتتە بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ئۆزلۈكىدىن تۈگەيدۇ. ئېغىر دەرىجىدىكى ئەگەشمە كېسەللىك ئىنكاسى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ.

 

كۆپ سورالغان سوئاللار

1. Hib ۋاكسىنىسى بىخەتەرمۇ؟
ھەئە، Hib ۋاكسىنىسى بىخەتەر. مىليونلىغان بالىلارغا ئەملەنگەن بولۇپ، ئېغىر دەرىجىدىكى ئەگەشمە كېسەللىك ئىنكاسى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. كۆپ ئۇچرايدىغان يېنىك ئىنكاسلار ئوكۇل ئۇرغان جاينىڭ ئاغرىشى ۋە يېنىك قىزىش بولۇپ، تېزلا تۈگەپ كېتىدۇ.

2. پەرزەنتىم ۋاكسىنا ئەملەتكەندىن كېيىنمۇ Hib كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشى مۇمكىنمۇ؟
Hib ۋاكسىنىسى ناھايىتى ئۈنۈملۈك، ئەمما ھېچقانداق ۋاكسىنىلار %100 كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. ۋاكسىنىنى تولۇق ئەملەتكەن بالىلارنىڭ Hib بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن تۆۋەن. ئەگەر يۇقۇملىنىپ قالغان تەقدىردىمۇ، كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆپىنچە ھالدا يېنىك بولىدۇ.

3. پەرزەنتىمنىڭ بىر قېتىملىق Hib ۋاكسىنىسى ئۆتۈپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟
ئەگەر بىر قېتىملىق ۋاكسىنا ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، دەرھال دوختۇر بىلەن ئالاقىلىشىڭ. دوختۇر سىزگە كېچىككەن ۋاكسىنىنى قاچان ئەملىتىش ۋە كېيىنكى ئەملەشلەرنى قانداق داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا يول كۆرسىتىدۇ.

4. Hib كېسەللىكى پەقەت بالىلاردا كۆرۈلەمدۇ؟
Hib كېسەللىكى ئاساسلىقى 5 ياشتىن تۆۋەن بالىلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. لېكىن، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئاجىز بولغان چوڭلار، مەسىلەن، تال چىقىرىۋېتىلگەن، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ياكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەردىمۇ كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

5. Hib بىلەن پەسىللىك زۇكامنىڭ قانداق پەرقى بار؟
ئىككىسى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان كېسەللىك. Hib Haemophilus influenzae تىپلىق باكتېرىيە كەلتۈرۈپ چىقارسا، پەسىللىك زۇكامنى زۇكام ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. Hib ۋاكسىنىسى پەسىللىك زۇكامدىن ساقلىمايدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش، زۇكام ۋاكسىنىسىمۇ Hib كېسەللىكىدىن ساقلىمايدۇ.

 

Hib كېسەللىكى گەرچە ئېغىر بولسىمۇ، ئەمما ۋاكسىنا ئارقىلىق پۈتۈنلەي ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان كېسەللىكتۇر. Hib ۋاكسىنىسى پەرزەنتىڭىزنى مېڭە ياللۇغى، كېكىردەك قاپقىقى ياللۇغى قاتارلىق ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان كېسەللىكلەردىن قوغدايدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك قورال. پەرزەنتىڭىزنىڭ ۋاكسىنا ئەملىنىشىنى ۋاقتىدا ۋە تولۇق تاماملاپ، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىڭ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2025-07-25

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2025-07-25 / 10:48:38

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ