ئانا سەھىپەساغلاملىقئادەم بەدىنىيۈرەكنى ئاسرىغانلىق مېڭىنى قوغدىغانلىقتۇر

يۈرەكنى ئاسرىغانلىق مېڭىنى قوغدىغانلىقتۇر

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

يۈرەك بەدەندىكى پۈتكۈل ئايلىنىش سىستېمىسىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچىسى بەدەن يۈرەكنىڭ قان بىلەن تەمىنلىشىگە موھتاج چوڭ مېڭىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس قاننىڭ تەمىنلىنىشى ئادەمنىڭ ئەقىل – ئىدراك، بىلىش، تەپەككۇر ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

يېقىندا ئامېرىكا «پەن – تېخنىكا گېزىتى»دە كۆرسىتىلىشىچە، يۈرەك بىلەن چوڭ مېڭە تومۇرداش بولغان مۇھىم ئەزالار بولۇپ، يۈرەكنى ياخشى ئاسرىغانلىق مېڭىنى ئاسرىغانلىق بولىدىكەن.

يۈرەك بىلەن چوڭ مېڭىنىڭ «قانداشلىق مۇناسىۋىتى»

ئامېرىكا «پەن – تېخنىكا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە، كانادا مۇنتىرال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتىدا ئارتېرىيە تومۇرلىرى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ قېتىشىدىغانلىقى، قان تومۇرنىڭ قېتىشىشى بىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان.

تەتقىقاتچىلار بۇنىڭغا قارىتا، يۈرەك بىلەن قان تومۇرلارنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى مۇقىم ھالەتتە ساقلىغاندا، ئادەملەرنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بېيجىڭ شەھەرلىك ئۈچىنچى دوختۇرخانا يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شۈ شۇنلېن مۇنداق دېدى: چوڭ مېڭىنىڭ بىلىش ئىقتىدارىدا يۈرەك بىلەن قان تومۇرنىڭ مۇھىم رولى بار.

قان تومۇر ياخشى بولمىسا بەدەننىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىزلايدۇ، قان تومۇر كېسەللىكلىرى ئادەمنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. يۈرەك بىلەن مېڭە تۇتاش، مېڭە بولسا يۈرەك بىلەن قان سۇيۇقلۇقىنىڭ تەمىنلىشى ئارقىلىق نورمال خىزمەت قىلالايدۇ. ئادەمنىڭ يۈرەك قان تومۇرلىرى نورمال بولغاندا، روھى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. كەيپىياتى ياخشى، زېھنى ئۆتكۈر، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى يۇقىرى بولىدۇ. يۈرەك بىلەن قان تومۇرلار نورمال بولمىسا، ئىچى تىتىلداش، چۈشكۈنلىشىش، ئۇيقىسى ناچارلىق، ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

شۇڭا چوڭ مېڭىنى قوغداش بىلەن بىللە باشقا ئەزالارغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. مۇھىمى يۈرەكنى ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. يۈرەك زەخىملەنسە چوڭ مېڭىمۇ زەخىملىنىشى مۇمكىن. تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، يۈرەكنىڭ بېسىمى ئاشسا مېڭىنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدىكەن.

تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلىش

يېڭى ئىنگلاند تېببىي ژۇرنىلىدا كۆرسىتىلىشىچە، تۇز يۈرەكنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان چوڭ ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇزاق مەزگىل تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا، قان سۇيۇقلۇقىدا تۇز مىقدارىنىڭ توپلىنىش ھادىسىسى كۆرۈلۈپ، يۇقىرى قان بىسىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدىكەن.

مايلىق تائاملار

تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، مايلىق تاماقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، ئاسانلا يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن. بولۇپمۇ ماي ۋە گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى ياغ كېسلاتاسىنىڭ يۈرەككە بولغان تەسىرى يۇقىرى بولىدىكەن.

ھەددىدن زىيادە چارچاش

تەتقىقاتچىلانىڭ بايقىشىچە، زىيادە چارچاش يۈرەك كېسلىنىڭ پەيدا بولۇشىنى تېزلىتىۋېتىدىكەن. جىسمانىي جەھەتتىن ياكى ئەقلىي جەھەتتىن چارچاش بولسۇن، ئوخشاشلا قان تومۇرلارنىڭ جىددىي سوقۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۈرەكنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. بۇ چوڭ مېڭىنىڭ ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىنىشىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىكەن.

ھاراق – تاماكىغا زىيادە بېرىلىپ كېتىش

ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىسپىرتنى قالايمىقان ئىشلىتىش ۋە ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىشنى تەتقىق قىلىش ئورنىنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھاراق ئىچكەندە دەسلەپ چوڭ مېڭىنى غىدىقلايدۇ، كەينىدىنلا بەزى ناچار ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئىسپىرىت تەركىبىدە ساقلىنىپ قالغان ئېتىل چوڭ مىڭىگە تەسىر قىلدۇ. تاماكىنىڭ زىيىنىمۇ ھاراقنىكىدىن قېلىشمايدۇ. تاماكا قان تومۇرلارنىڭ كېڭىيىپ – تارىيىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ قان نوكچىلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. گوللاندىيەنىڭ مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىق قىلىشچە، تاماكا چېكىدىغان قەنت كېسىلى ئاغرىقلىرىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشى تېز بولىدىكەن.

ھاۋا سۈپىتىنىڭ ناچار بولۇشى

ئامېرىكا ۋاشىنگىتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھاۋا تەركىبىدىكى مىكروبلار قان تومۇرلارنىڭ كېڭىيىپ – تارىيىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن، ھەتتا يۈرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

يۈرەك مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرى

تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشى يۈرەكنى ئاسراش، مېڭىنى قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن تۈرلۈك قىممەتلىك بۇيۇملارنى ئىشلىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە كىشىلەر كۆپرەك ئارام ئالغاندا ئاندىن يۈرەكنى ئاسرىيالايدۇ.

مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش

تەتقىقاتلاردا ئسپاتلىنىشىچە، پىيادە مېڭىش يۈرەكنىڭ ساغلاملىقىدا مۇھىم رول ئوينايدىكەن، ھەر قېتىم ئۈچ مىنۇت ئاستا، بىر مىنۇت تېز ماڭغاندا يۈرەكنىڭ رىتىمىنى نورماللاشتۇرۇپ، قان تومۇر ئىقتىدارنى ياخشىلايدىكەن. ھەپتىدە ئۈچ قېتىمدىن بەش قېتىمغىچە مېڭىپ بەرسە مۇۋاپىق بولىدىكەن.

ئوزۇقلىنىشقا ئېتىبار بېرىش

ئامېرىكا ئوزۇقلۇقشۇناسلارنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ئاساسىي ئوزۇقلۇقنى ئاز ئىستېمال قىلغان كىشىلەرنىڭ ناچار بولغان خۇلستىرىن مىقدارى ئۆرلەپ كەتكەچكە، يۈرەك كېسلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن. ئەگەر بىر ھەپتىگىچە ئاساسىي يېمەكلىك بىلەن ئوزۇقلانمىسا، ئادەمنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى بىلەن ئەقىلىي ئىقتىدارىغا كۆرۈنەرلىك تەسىركۆرسىتىدىكەن.

خۇشال كەيپىياتنى ساقلاش

جۇڭيىدە كۆرسىتىلىشىچە، خۇشاللىق، ئاچچىقلىنىش، غەم قىلىش، ئويلىنىش، قايغۇرۇش، ئەندىشە قىلىش، قورقۇش قاتارلىق يەتتە خىل ھالەت ئىچدە خۇشاللىقلا ئىلغار بولغان غىدىقلاشقا كىرىدۇ. دائىم خۇشال يۈرۈش ساغلاملىقتا مۇھىم رول ئوينايدۇ، يەنە كەڭ قورساق بولۇش، كۆپ تەپەككۇر قىلىش، پىكىر يۈرگۈزۈش ھەم شەيئىلەرگە خۇشاللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش، ھەسەتخورلۇق قىلماسلىق قاتارلىقلارمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ئۇششاق ھەرىكەتلەر ئارقىلىق يۈرەك، مېڭىنى ئارام ئالدۇرۇش

ئادەم كېرىلگەندە، ئەسنىگەندە كەينىگە قاراش، ئىككى بىلىكىنى كۈچەپ ئۆستىگە كۆتۈرۈش قاتارلىق ئادەتلەر باش قىسمىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. كېرىلىش يۈرەك، ئۆپكە قاتارلىق ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆزگەرتىشكە پايدىلىق ھەم ئۆپكىنىڭ ئوكسىگېن سۈمۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ماددا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ. چوڭ مېڭە ۋە باشقا ئەزالارنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرىدۇ. بۇ ئۇسۇل يۈرەك كۈچەيتىش ئوكۇلى ئۇرغانبىلەن باراۋەر بولۇپ، دائىم ئولتۇرۇپ، ئۇزاق مەزگىل ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇنلانغانلارغا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ.

يۈرەك مېڭىنى قوغداش

تېرىق 150 گىرام، چۇقۇر ئۇرۇقى، يالپۇز يوپۇرمىقى، ئۈزبەر باشىقىدىن ئايرىم – ئايرىم ھالدا 50 گىرام تەييارلايمىز. چۇقۇرنى قاينىتىپ پۇستىنى ئاجرىتمىز. ئايرىم قازانغا يالپۇز يوپۇرمىقى بىلەن ئۈزبەر باشىقىنى سېلىپ قىيام ھالەتكە ئەكىلىمىز. ئاندىن چۇقۇر ئۇرۇقى بىلەن تېرىقنى سېلىپ، ئۇماچ ھالەتكە ئەكېلىپ تەييارلايىمىز. ھەر كۈنى بىر ۋاخ ئىستېمال قىلسا، شامالدارىش، شۇنداقلا چوڭ ئۈچەي راۋان بولماسلىققا پايدا قىلىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-08-19

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-06-12 / 07:40:35

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ