ئانا سەھىپەساغلاملىقئوزۇقلۇقدائىم شوخلا يەپ بەرسە قان تومۇرغا پايدىلىق

دائىم شوخلا يەپ بەرسە قان تومۇرغا پايدىلىق

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

شوخلىنى خام يېگەن ياخشىمۇ ياكى قورۇپ يېگەن ياخشىمۇ؟

شوخلىنى خام يېگەندە ئىشتىھانى ئېچىپلاقالماستىن، يەنە ئۇنىڭ ئىچىدىكى ۋىتامىن، يېمەكلىك تالاسى قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار بەدەنگە تولۇق قوبۇل قىلىنىدۇ، بىراق شوخلا قىزىل ماددىسى، كاروتىن قاتارلىق ياغدا ئېرىيدىغان ئوزۇقلۇق ماددىلار، ياغ بىلەن ئارىلاشقاندىلا ئاندىن تېخىمۇ ياخشى سۈمۈرۈلىدۇ. شۇڭا، شوخلىنى قازانغا سېلىپ، ئاز مىقداردا ياغ بىلەن قورۇپ پىشۇرسا، شوخلا قىزىل ماددىسى ۋە كاروتىننىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە پايدىلىق. بۇ خىل ئەھۋالدا، ۋىتامىن Cنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىمۇ ناھايىتى ئاز بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، يېمەكلىك تالاسى ۋە مىنېرال ماددا قاتارلىق تېمپېراتۇرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ مىقدارىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ، شۇڭا، شوخلىنى خام يېسىمۇ، قورۇپ يېسىمۇبولىۋېرىدۇ. ئەگەر شوخلا قىزىل ماددىسى، كاروتىن قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تېخىمۇ ياخشى قوبۇل قىلماقچى بولسا، پىششىق يېگەندە ئېھتىياجنى تېخىمۇ قاندۇرغىلى بولىدۇ، لېكىن ياغ مىقدارى چوقۇم ئاز بولۇشى كېرەك، بىر قوشۇق بولسىلا بولىدۇ.

دائىم شوخلا يەپ بەرسە قان تومۇرغا پايدىلىق

شوخلا قىيامىمۇ كۆپ ئۇچرايدىغان تەم تەڭشىگۈچ بولۇپ، چۈچۈمەل، تاتلىق، ئىشتىھانى ئاچىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، شوخلا قىيامىنى تاللىغاندا، ئالدى بىلەن ساپ شوخلا بىلەن قاينىتىلغان قىياممۇ ياكى شوخلا قىيامى ئاساسىدا ئاق شېكەر، تۇز، پۇراقلىق ماددا قوشۇلغان شوخلا قىيامىمۇ شۇنىڭغاقاراش كېرەك، كېيىنكىسى تەم تەڭشەش ئىقتىدارىغا ئىگە تەم تەڭشىگۈچ بولۇپ، قورۇما قورۇغاندا شېكەر، تۇزنى ئازايتىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

ساپ شوخلا قىيامىغا ئوخشاش، سىقىلغان ساپ شوخلا شەربىتىدە شوخلىنىڭئاساسلىق ئوزۇقلۇق ماددىسى ساقلىنىپ قالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۈجەيرە دىۋارى، شوخلا قىزىل ماددىسى قاتارلىقلارنىڭ ئېرىشچان مىقدارى تېخىمۇ كۆپ بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى بىرقەدەر يۇقىرى ئىچىملىكتۇر. بىراق شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، تاللا بازارلىرىدا بوتۇلكىغا قاچىلانغان شوخلا شەربىتى سېتىۋالغاندا، ماتېرىيال تەڭشەش جەدۋىلىنى تەپسىلىي كۆزىتىش كېرەك، كۆپىنچىسىگە شوخلا شەربىتى ئاساسىدا شېكەر، تۇز قاتارلىق تەركىبلەر ئارتۇق قوشۇلىدۇ، بۇ خىل ئىچىملىكلەر تاتلىق ئىچىملىكتىن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ.

بەزى كىشىلەر شوخلىنى ئېھتىيات بىلەن يېيىشى ياكى ئاز يېيىشى كېرەك. 1. ئاشقازان قىزىلئۆڭگەچ سۈيى تەتۈر ئېقىشچان بىمارلار ۋە قورساق قىسمى ئاسان ئاغرىيدىغان كىشىلەر. ئاشقازان قىزىلئۆڭگەچ سۈيى تەتۈر ئېقىشچان كېسىلىيېمەك – ئىچمەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، شوخلىدىكى ئورگانىك كىسلاتا ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ تەتۈر ئېقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. خام شوخلىنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئالكالوئىد بولىدۇ، گەرچە پىشىپ، سولانىن مىقدارى تۆۋەنلىسىمۇ، لېكىن ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارى سەزگۈر كىشىلەر كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلسا بىئارام بولىدۇ. بۇ خىلدىكى كىشىلەر شوخلىنى پىششىق، ئاچ قورساق ياكى خام يېيىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. 2. شوخلا رېئاكسىيە قىلىدىغان كىشىلەر توپى. شوخلارىئاكسىيە مەنبەلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئاسان يۇقۇملىنىدىغان كىشىلەر توپى ئىستېمال قىلسا ياكى ئۇچراشسا، چۈشكۈرۈش، ھۆل تەمرەتكە، ئەسۋە قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. 3. ئۇيۇشقا قارشى دورا ئىشلىتىۋاتقان كىشىلەر. شوخلىنىڭ ۋىتامىن K تەركىبى بىر قەدەر يۇقىرى بولغاچقا، كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىنسا دورىنىڭ ئۇيۇشقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، ئاز مىقداردا ئىستېمال قىلساھىچقىسى يوق.

كوئىنلون تورى دىن ئېلىندى
مەسئۇل تەھرىر: ئەركىنجان

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-07-19

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-07-19 / 09:31:46

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ