بالىلار ئائىلە زوراۋانلىقىنى دائىم كۆرۈۋەرسە، چوڭ مېڭىنىڭ كۆرۈش سېزىمى پوستلاق قەۋىتى يىگىلەپ قالىدۇ
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، توكيو خەۋىرى. ياپونىيەنىڭ كۇماموتو ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىشىپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بالىلىق مەزگىلىدەئائىلە زوراۋانلىقىنى كۆرۈپ باقمىغان ئوخشاش ياشتىكى بالىلارغا سېلىشتۇرغاندا، دائىم ئائىلە زوراۋانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىدىغان بالىلار چوڭ بولغاندىن كېيىن، ئوڭ مېڭىسىنىڭ كۆرۈش سېزىمى پوستلاق قەۋىتىدىكى ھەر بىر نۇقتىنىڭ تەخمىنەن %20.5 يىگلەيدىغانلىقىنى بايقىغان.
ياپونىيە ‹‹ توكيو خەۋەرلىرى ›› گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كۇماموتو ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتى ھاياتلىق ئىلمى تەتقىقات ئورنىنىڭ دوتسېنتى تومادا ئاكىرابى باشلامچىلىقىدىكى گۇرۇپپا ئامېرىكىلىق 1455 كىشى ئىچىدىن 18 25 ياشلىق 48 پىدائىينى تاللاپ چىققان. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 15 كىشى بالىلىق چېغىدىن ياشلىق دەۋرى(ئۈچ يېشىدىن17 يېشىغىچە)گىچە دائىم ئائىلە زوراۋانلىقىنى كۆرۈپ تۇرغان، قالغان 33 كىشى ئائىلە زوراۋانلىقىنى كۆرۈپ باقمىغان.
تەتقىقاتچىلار يادرو ماگنېتىك رېزونانس ئارقىلىق تەسۋىر ھاسىل قىلىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، بۇ پىدائىيلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنى تەھلىل قىلىپ سېلىشتۇرغان. نەتىجىدە، دائىم ئائىلە زوراۋانلىقىنى كۆرۈپ تۇرغانلارنىڭ ئوڭ مېڭىسىنىڭ كۆرۈش سېزىمى پوستلاق قەۋىتى قاپقاق تاختا دەيدىغان بىر ئورۇندا يىگلەش بولغانلىقنى بايقىغان.
ياپونىيە بالىلارنى خورلاشقا قارشى تۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، سىكۇبا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى مىياموتا نوبو تەكىتلەپ، بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئانىسىنىڭ زوراۋانلىققا ئۇچرىشى ئۆزى زوراۋانلىققا ئۇچرىغانغا ئوخشاش بولۇپ، ئائىلە زوراۋانلىقىدا بىۋاسىتە زەخىملەنگۈچىلا زوراۋانلىققا ئۇچراپ قالماستىن، يەنە ئەتراپتىكى كۆرگۈچىلەرمۇ تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن. شۇڭا، زوراۋانلىققا ئۇچرىغان ئاياللار ‹‹ سەۋر قىلساق ئۆتۈپ كېتىدۇ ›› ، دەيدىغان قاراشنى ئۆزگەرتىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.
مەنبە:
شىنجاڭ گېزىتى