ئەپ سىنىقىمىزغا قاتنىشىڭ

دوختۇرلار ئەپنىڭ ئاندروئىد نۇسخىسى ئىچكى سىناق شەكىلدە تارقىتىلدى. سىناققا قاتنىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!

ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربالىلار تەربىيىسىبالىلار ئارىسىدا تالاش تارتىش كۆرۈلگەندە ئاتا-ئانىلار قانداق قىلىشى كېرەك؟

ئەپ سىنىقىمىزغا قاتنىشىڭ

دوختۇرلار ئەپنىڭ ئاندروئىد نۇسخىسى ئىچكى سىناق شەكىلدە تارقىتىلدى. سىناققا قاتنىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!

بالىلار ئارىسىدا تالاش تارتىش كۆرۈلگەندە ئاتا-ئانىلار قانداق قىلىشى كېرەك؟

بالىلارنىڭ ئۆزئارا تارتىشىپ قېلىشى ياكى جېدەللىشىشى ھەر بىر ئائىلىدە كۆرۈلىدىغان نورمال ئەھۋال. مەيلى ئاكا-سىڭىللار بولسۇن ياكى دوستلار بولسۇن، تارتىشىش بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئۆگىنىش جەريانىدىكى بىر قىسمىدۇر. گەرچە بۇ ئەھۋال ئاتا-ئانىلارنى زېرىكتۈرسە ۋە ئاچچىقلاندۇرسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ بالىلارغا مەسىلە ھەل قىلىش، ھېسداشلىق قىلىش ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگىتىدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسەت ھېسابلىنىدۇ.

بالىلار ئارىسىدا تالاش تارتىش كۆرۈلگەندە ئاتا-ئانىلار قانداق قىلىشى كېرەك؟

بالىلار نېمە ئۈچۈن تارتىشىدۇ؟

بالىلارنىڭ تارتىشىشىغا نۇرغۇن سەۋەبلەر بولۇشى مۇمكىن. كۆپىنچە ھاللاردا ئويۇنچۇق تالىشىش، دىققەت تارتىش، ھارغىنلىق ياكى ئۆز ھېسسىياتىنى قانداق ئىپادىلەشنى بلمەسلىك تارتىشۇقنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ. كىچىك بالىلار تېخى ئۆز ئارزۇسىنى تىزگىنلەشنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشتا قىينىلىدۇ. بۇ جەرياندا ئاتا-ئانىلارنىڭ رولى پەقەتلا «سوتچى» بولۇش ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا توغرا يېتەكچىلىك قىلىشتۇر.

 

تارتىشىش يۈز بەرگەندە سوغۇققان بولۇش

بالىلار تارتىشىپ قالغاندا، ئاتا-ئانىلارنىڭ بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىشى سوغۇققانلىقىنى ساقلاشتۇر. ئەگەر ئاتا-ئانىمۇ ئاچچىقلىنىپ ۋارقىراپ-جارقىرىسا، بۇ جېدەلنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋېتىدۇ. جىددىي ئەھۋال ئاستىدا بالىلارنى ئايرىۋېتىش ۋە ھەممە ئادەم تىنچلانغاندىن كېيىن ئاندىن پاراڭلىشىش كېرەك. تىنچ كەيپىيات مەسىلىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.

 

مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك باسقۇچلىرى

بالىلار تارتىشىپ قالغاندا، تۆۋەندىكى باسقۇچلار بويىچە يېتەكلەش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مەسىلە ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ:

  • ئىككىلا تەرەپنى ئاڭلاش: ھەر بىر بالىنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى سۆزلىشىگە پۇرسەت بېرىڭ. بىرى سۆزلەۋاتقاندا يەنە بىرىنىڭ سۆزىنى بۆلۈشىگە يول قويماڭ.
  • ھېسسىياتىنى چۈشىنىش: بالىلارنىڭ ئاچچىقىنى ياكى خاپىلىقىنى ئېتىراپ قىلىڭ. مەسىلەن: «ھەقىقەتەن كۆڭلۈڭ يېرىپ بولۇپتۇ ، شۇڭا ئاچچىقىڭ كېلىپتۇ، چۈشىنىمەن» دېگەندەك.
  • چارە تېپىشقا ئىلھاملاندۇرۇش: بالىلارغا ئۆزى چارە تېپىش پۇرسىتى بېرىڭ. «بۇ ئويۇنچۇقنى ئىككىڭلار قانداق قىلساق تەڭ ئوينىيالايدىغانلىقىڭلارنى ئويلاپ بېقىڭلار» دەپ سوراڭ.

 

تەرەپۋازلىق قىلىشتىن ساقلىنىش

نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بىلىپ-بىلمەي كىچىكىنىڭ تەرەپدارى بولۇپ قالىدۇ ياكى بىرىنى ئەيىبلەيدۇ. «سەن چوڭ تۇرۇپ نېمىشقا يول قويمايسەن؟» دېگەندەك سۆزلەر بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنى ۋە ئۆچمەنلىكنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. كىمنىڭ بىرىنچى باشلىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرگەندىن كۆرە، كېيىنكى قېتىم بۇنداق ئەھۋالدا قانداق قىلىش كېرەكلىكىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

 

قائىدە-تۈزۈملەرنى ئېنىق بەلگىلەش

ئۆيدە جېدەل-ماجىرانى ئازايتىش ئۈچۈن ئېنىق قائىدىلەر بولۇشى كېرەك. مەسىلەن: «بىر-بىرىگە قول سالماسلىق»، «يامان سۆز قىلماسلىق» ۋە «ئويۇنچۇقنى نۆۋەت بىلەن ئويناش» دېگەندەك. بۇ قائىدىلەر ئالدىن بەلگىلەنگەن بولسا، بالىلار نېمىنى قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى ۋە بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئەگەر قائىدىگە خىلاپلىق قىلىنسا، ئالدىن بەلگىلەنگەن جازا (مەسىلەن، ئويۇنچۇقنى مەلۇم ۋاقىت ئوينىيالماسلىق) ئىجرا قىلىنىشى كېرەك.

 

ئۈلگە بولۇش ۋە يېتەكلەش

بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىش ھەرىكەتلىرىنى تەقلىد قىلىدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانىلار بىرەر مەسىلە كۆرۈلگەندە سۆزلىشىش، چۈشىنىش ۋە كېلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلالىسا، بالىلارمۇ بۇنى ئۆگىنىدۇ. سىز بالىڭىزغا باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى سۆز بىلەن ئەمەس، بەلكى ھەرىكىتىڭىز بىلەن كۆرسىتىشىڭىز كېرەك. ئۇلارغا باشقىلاردىن كەچۈرۈم سوراشنى ۋە باشقىلارنى كەچۈرۈشنى ئۆگىتىش ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىكى خاراكتېرىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.

بالىلار تارتىشىپ قالغاندا ئۇنى بىر بالايىئاپەت دەپ قارىماي، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى بىر دەرس دەپ قاراڭ. سىزنىڭ سەۋرچانلىقىڭىز ۋە توغرا يېتەكچىلىكىڭىز بالىلارنىڭ ئىناق ۋە مېھرىبان بولۇپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2026-02-20

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2026-02-20 / 09:55:32

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ