ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربوۋاق بالىلار ساغلاملىقى بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولۇشى قانداق بەلگىلىنىدۇ؟

[بىلگەجان] بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولۇشى قانداق بەلگىلىنىدۇ؟

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولۇشى قانداق بەلگىلىنىدۇ؟
ئاپتۇر: بىلگەجان

جەمئىيتىمىزدە بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولۇشىغا قارىتا ئوخشىمىغان چۈشەنچىلەر مەۋجۇت. گەرچە ئىلىم-پەن ساھەسىدە بالىنىڭ جىنسنىڭ قانداق بەلگىلىنىدىغانلىقى ئايدىڭلاشقىلى نەچچە ئون يىللار بولغان بولسىمۇ، لىكىن ئۇيغۇر جەمئىيتىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇنىڭدىن خەۋەرسىز قېلىشى كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئانىنىڭ قىز تۇغۇشى تۈپەيلىدىن نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ ئىناقلىقىنىڭ بۇزۇلغانلىقى ھەتتا ۋەيران بولغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز.

[بىلگەجان] بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولۇشى قانداق بەلگىلىنىدۇ؟ 

پات- پاتلا ئەر- ئاياللارنىڭ پەرزەنتىنىڭ قىز بولۇشى تۈپەيلىدىن ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز، ھەم بۇ مەسىلىنىڭ جەمئىيتىمىزدە خىلى ئېغىر ئىكەنلىكى ئېنىق. بىزنىڭ تارىختىن بۇيان مەيلى دىننىي جەھەتتىن بولسۇن ۋە ياكى مىللىي ئۆرپ- ئادىتىمىزدە بولسۇن ئوغۇل پەرزەنتنى چوڭ كۆرۈپ قىز پەرزەنتنى تۆۋەن كۆرىدىغان ئەنئەنىمىز يوق ئىدى. بەلكىم بۇمۇ باشقىلاردىن يۇققان بىر يېڭى كىسەل بولسا كېرەك. بۇ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر تېما يوللاپ تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش قارارىغا كەلدىم. مەن كۆپىيىش بىئولوگىيەسى كەسپىدە ئىزدىنىۋاتقان بىر تەتقىقاتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن كەڭ تورداشلارنىڭ ئىلمىي كۆز قاراشلىرى ياكى سۇئاللىرى بولسا ئورتاقلىشىشنى قارشى ئالىمەن. تۆۋەندە بالىنىڭ جېنسىنىڭ قانداق بەلگىلىنىدىغانلىقىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتمەكچىمەن:

ئاۋۋال ئىككى كەلىمە ھېكايە ئاڭلايسىلەر. غەرب دۇنياسىدا چوڭ-كىچىك، توڭ-پىششىق ھەممەيلەن دىگۈدەك بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولۇشىنىڭ ئاتا تەرەپتىن بەلگىلىنىدىغانلىغىنى بىلىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ بەك ئەقىللىق بولۇشىدىن كۆرە بىر تارىخى شەخىس ۋە ۋەقە بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەنگىلىيە پادىشاھى ھېنرى (1547-VIII (1491 تارىختىكى داڭلىق پادىشاھلارنىڭ بىرى، بۇنداق بولۇشى ئۇنىڭ ئەنگىليە باش چېركاۋىنىڭ رېم كاتولىگ چىركاۋىدىن ئايرىلىپ چىقىشىدىكى رولى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۇنىڭ 6 قېتىم ئۆيلەنگەنلىكى ۋە بۇ تويلارنىڭ قانداق بىر ئاقىۋەتتە ئاياغلاشقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇ توغرىدا تۆۋەندىكى قوشاق تارقالغان:

King Henry the Eighth,to six wives he was wedded.One died, one survived,two divorced, two beheaded.

بۇ قوشاقنىڭ مەزمۇنى پادىشاھ ھېنرى سەككىزنىڭ 6 قېتىم توي قىلغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككىسى بىلەن ئاجراشقانلىقى، يەنە ئىككىسىنى قەتلى قىلغانلىقى، بىرىنىڭ تۇغۇتتا ئۆزى ئۆلۈپ،ئالتىنچىسىنىڭ پادىشاھ ئۆلگەندىن كىيىن ھايات قالغانلىقىنى تەسۋىرلەيدۇ. بۇ ئەمەلىي ۋەقە بولۇپ، پادىشاھ ھېنرى 8 بۇ ئاياللاردىن ئاجرىشىش ياكى ئۆلتۈرۈشتىكى ئاساسلىق سەۋەب ئۇلارنىڭ بىرمۇ ئوغۇل تۇغمىغانلىقى، بۇزۇقچىلىق قىلغانلىغى ۋە ئۇنىڭغا مۇتلەق بويسۇنۇش پوزىتسىيەسىدە بولمىغانلىغى ئىدى. دەل قىز تۇغدى دەپ ئاجراشقاندىن كىيىن ئالغان ئاياللىرىمۇ توختىماي قىز تۇغقان. پەقەت تۇغۇتتا ئۆلگەن ئايالى جەيىن سەيمۇردىن بولغان بىردىنبىر ئوغلى ئۇنىڭ تەخىت ۋارىسى بولغان. ھېنرى 8 نىڭ ئاياللىرىنى ئوغۇل تۇغمىدى دەپ ئەيىپلەپ ئاجرىشىپ كەتكەندىن كىيىن باشقا ئاياللىرىنىڭمۇ توختىماي قىز تۇغقانلىقى كىشىلەرگە تۇنجى قېتىم بالىنىڭ قىز-ئوغۇل بولۇشى بەلكىم ئايال كىشىگە مۇناسىۋەتىسىز بولۇشى مۇمكىن دىگەن دەسلەپكى قاراشنى پەيدا قىلغان.

ئەمدى نەق گەپكە كىلەيلى:

جىنسنىڭ بەلگىلىنىشى ئككى مۇھىم ھالقىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇنىڭ بىرىنچىسى جېنسنىڭ گېنتىكىلىق بەلگىلىنىشى، ئككىنچىسى مېڭىنىڭ جېنىسقا ئايرىلىشى. ئادەتتە، ئىنساننىڭ ھاياتى ئاتىلىق ئىسپېرما ھۈجەيرىسى بىلەن ئانىلىق تۇخۇم ھۈجەيرىسىنىڭ بىرىكىپ ئۇرۇقلانغان تۇخۇم (يەنى زېگوتا) نىڭ ھاسىل بولۇشى بىلەن باشلىنىدۇ. گەرچەنۇرغۇن كىشىلەر تۆرەلمە يېتىلىپ بىر نەچچە ئايلىق بولغۇچە بىر ھاياتلىق سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلمىسىمۇ، لىكىن ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ ئۆزى تولۇق بىر تۆرەلمە ۋە بالا ھەمرىيى ھاسىل قىلىش ئىقتىدارىغا، ئاخېرىدا بىر يىتىلگەن جانلىققا ئايلىنىش پوتىنسىئالىغا ئىگە بولغاچقا، ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنى ھاياتلىقنىڭ باشلىنىشى دەپ قارايمىز. جېنىسنىڭ گېنتىكىلىق بەلگىلىنىشى دېگىنىمىز ئاتىلىق ئىسپېرماھۈجەيرىسى بىلەن ئانىلىق تۇخۇم ھۈجەيرىسى بىرىككەندە جىنسىي خىروموسوملارنىڭ تەقسىملىنىشى ۋە ئىپادىلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى ئىسپېرما ۋە تۇخۇم ھۈجەيرىسىدىن باشقا بارلىق ھۈجەيرىلەردەجەمئىي 23 جۈپ خىروموسوم بار بولۇپ بۇنىڭ22 جۈپى تەن (جېنىسسىز) خىروموسومى، بىرجۈپى جىنىسلىق خىروموسومدۇر. ئىسپېرما ۋەتۇخۇم ھۈجەيرىلىرى ئالاھىدە ھۈجەيرىلەر بولۇپ، ئۇلاردا پەقەت 23 تال خىروموسوم بولىدۇ. ئىسپېرما ھۈجەيرىلىرىدە 22 تال تەن خىروموسومى بىلەن بىر تال بىر تال X ياكىY خىروموسومى بولىدۇ. تۇخۇم ھۈجەيرىلىرىدە بولسا 22 تال تەن خىروموسومى بىلەن بىر تال X خىروموسوم بولۇپ، Y خىروموسوم مەۋجۇت بولمايدۇ. دىمەك ئىنسان ھاياتىنىڭ باشلىنىشى بولغان ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ھاسىل بولۇش جەريانىدا ئىسپېرما ھۈجەيرىسىدىكى 23 تال خىروموسوم بىلەن تۇخۇم ھۈجەيرىسىدىكى 23 تال خىروموسوم بىرىكىپ ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنى مۇكەممەل بولغان 23جۈپ خىروموسومغا ئىگەقىلىدۇ. بۇ جەرياندا تۆرەلمە جېنسىنىڭ گېنتىكىلىق بەلگىلىنىشى تاماملىنىدىغان بولۇپ، ئەگەر Y خىروموسوملۇق ئىسپېرما تۇخۇم ھۈجەيرىسى بىلەن بىرىكسە ئوغۇل بولۇشنى بەلگىلەيدۇ؛ ئەگەر X خىروموسوملۇق ئىسپېرما تۇخۇم ھۈجەيرىسى بىلەن بىرىكسە قىز بولۇشنى بەلگىلەيدۇ. شۇنداق قىلىپ كەلگۈسىدە ئوغۇل بولىدىغان تۆرەلمىنىڭ جېنىسىي خىروموسومى ئىسپېرمىدىن كەلگەن Y خىروموسوم بىلەن تۇخۇمدىن كەلگەن X خىروموسوم(XY)دىن تەركىب تاپىدۇ؛ قىز بولىدىغان تۆرەلمىنىڭ جېنىسىي خىروموسومى ئىسپېرمىدىن كەلگەن X خىروموسوم بىلەن تۇخۇمدىن كەلگەن X خىروموسوم (XX) دىن تەركىب تاپىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، پەقەت ۋە پەقەت ئاتىدىن كىلىدىغان Y خىروموسومنىڭلا جىنىسنى بەلگىلەش ئىقتىدارى بار. ئەمما قايسى خىللىق خىروموسومغا ئىگە ئىسپىرمنىڭ تۇخۇم بىلەن بىرلىشىشىنى كونتىرول قىلغىلى بولمايدۇ ھەم بۇ ئەرنىڭ بەدەن ساپاسى ياكى باشقا ئامىللار بىلەن زىچ باغلىنىشى يوق.

مېڭىنىڭ جىنىسقا ئايرىلىشى جەريانىدا XY تىپلىق (ئوغۇل) تۆرەلمە تەرەققىي قىلىپ مېڭە يېتىلگەندىن كىيىن، كۆپىيىش ئورگانلىرى شەكىللىنىش جەريانىدا ئىپتىدائىي كۆپىيىش ئورگانلىرىنى تەشكىل قىلىدىغان ھۈجەيرىلىرىنىڭ Y خىروموسومىدىكى گېنلار قوزغىلىپ ئەرلىك جېنسىي ھورمونلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ، ھەم مۇشۇ ھورمونلارنىڭ تەسىرىدە مېڭە ئۆز جىنسىنى تونۇپ يىتىدۇ. XX تىپلىق تۆرەلمە بەدىنىدە ئەرلىك جېنسىي ھورمون ئىشلەپچىقىرىلمايدىغان بولغاچقا، تەبئىي ھالدا مېڭە ئاياللىق جىنىسنى تونۇيدۇ. شۇڭا تۆرەلمە مەزگىلىدىلا مېڭە جىنىسقا ئاساسەن ئوخشىمىغان دەرىجىدە ھەرىكەتنى بەلگىلەيدۇ. مېڭىنىڭ تۆرەلمە مەزگىلىدە ئۆز (گېنتىكىلىق) جىنسىنى توغرا تونۇشى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بۇ جەريان ئاساسلىقى ھورمون ۋە باشقا تۆرەلمە مۇھىت ئامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. شۇڭا مېڭىنىڭ ئۆز جىنسىنى تونۇش جەريانى گېنتىكىلىق ئامىلدىن بەكرەك ئېپىگېنتىكىلىق (گېننىڭ ئىپادىلىنىش تىپىنى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىغا ئىگە مۇھىت ئامىللىرى) ئامىللارنىڭ تەسىرىدە ئىلىپ بېرىلىدۇ. بۇ بىرقەدەر يېڭى تەتقىقات ساھەسى بولغاچقا، بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشلەر داۋاملاشماقتا. بۇ توغرىدا بەزى تەتقىقات نەتىجىلىرى ئوخشاش جىنسلىقلارغا قىزىقىشنىڭ تۆرەلمە يىتىلگەندىلا بەلگىلىنىپ بولۇشى مۇمكىنلىكىگە بەزىبىر ئىسپاتلارنى تەمىنلىگەن بولۇپ، شۇنداقتىمۇ كىشىلەرنىڭ بۇ مەسلىگە بولغان قارىشى قارىمۇ-قارشىلىققا تولغان. بۇ بىز ھازىرچە بۇ تىمىدا قىزىقىدىغان مەسلە بولمىغاچقا ئارتۇق توختالمايمەن.
شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولىشىدا ئانىنىڭ ھىچقانداق بىۋاستە تەسىرى يوق، بەلكى ئاتا تەرەپتىن «تاساددىپىي» ھالدا بەلگىلىنىدۇ. ھازىرغىچە ئىنسانلار تېخى بالىنىڭ جىنسىنى تەبئىي ھالدا ئۆز ئىختىيارى بويىچە تاللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئەمەس. ئەلۋەتتە، تەن سىرتىدا سۈنئىي ئۇسۇلدا يىتىلگەن تۆرەلمىلەر بۇنىڭ سىرتىدا. دىمەك، بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولۇپ قىلىشىنى مەيلى ئەردىن ياكى ئايالدىن كۆرۈش بەكمۇ بىمەنىلىك. ئاخىرىدا، تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتە ئاز- تولا بېلىمگە ئىگە بولۇشىنى، ھەم ئۆگەنگەنلىرىنى باشقىلارغىمۇ يەتكۈزۈپ قويۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

(2013-يىلى قەھرىتان، ئامرىكا)
مەنبە: ئىزدىنىش مۇنبىرى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-05-28

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-05-28 / 11:47:14

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ