بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن كۆپرەك گەپ قىلىپ بېرىش كېرەك. بالا تۇغۇلغان چاغدا چوڭ مېڭىسىدە نەچچە يۈز مىليون ھۈجەيرە بولۇپ، ئۇلار بىر خىل ماددا ئارقىلىق ئۆزئارا باغلىنىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلىنىش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

لېكىن، بۇ خىل باغلىنىش يوشۇرۇن بولۇپ، ئۇ پەقەت نېرۋا ھۈجەيرىلىرى قوزغىتىلغاندىلا ئاندىن سىگنال قويۇپ بېرىدۇ. ئاتا – ئانىنىڭ بالىغا قىلغان ھەر بىر ئېغىز سۆزى، ئىش – ھەرىكىتى بۇ خىل باغلىنىش رولىنى ئوينايدۇ. ھەر بىر يېڭى باغلىنىش بالىنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.
بالىنى مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. بالىنى مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈش ئادىتى يېتىلدۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەش لازىم.
بالىنىڭ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا ياردەم بېرىش كېرەك.
ئېينشتېين «مەلۇم بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، شۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتىنمۇ مۇھىم» دەپ، توغرا ئېيتقان. شۇڭا، بالىنىڭ تېخىمۇ زېرەك، ئەقىللىق بولۇشى ئۈچۈن، سۇئال سوراشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.