ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربالىلار تەربىيىسىقانداق بالىلار ئەقىللىق بولىدۇ؟

قانداق بالىلار ئەقىللىق بولىدۇ؟

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

1. ئانا سۈتى ئەمگەن بالىلار: ئانا سۈتى ئىمىپ چوڭ بولغان بالىلارنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى باشقا سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىمىپ چوڭ بولغان بالىلاردىن يۇقىرى بولىدىكەن، چۈنكى ئانا سۈتى تەركىبىدە كۆپ خىل ماددىلار بولغاندىن سىرت ئۇنىڭدا يەنە تائۇرېن دەپ ئاتىلىدىغان ئالاھىدە بىر خىل ئامىنو كىسلاتا بولۇپ، كالا سۈتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئانا سۈتى تەركىبىدىكى تائۇرېننىڭ مىقدارى ئون ھەسسىدىن كۆپرەك يۇقىرى ئىكەن.

قانداق بالىلار ئەقىللىق بولىدۇ؟

2. ئۇيقۇسى يېتەرلىك بالىلار: بالىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى بىلەن ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن – قىسقىلىقى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن.تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، سەككىز سائەتتىن ئاز ئۇخلىغان %61 بالىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ناچار بولغان، مەجبۇرىي ئۇخلاپ، نەتىجىسى ئوتتۇرىچە نۇمۇرسىزىقىغا يەتكەن %39 بالىدىن بىرسىمۇ ئالدىنقى قاتارغا ئۆتەلمىگەن؛ ئەمما، ئون سائەت ئۇخلىغان %76 بالىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ئوتتۇرىھال، %11 بالىنىڭ ئەلا، پەقەت %13 بالىنىڭ ناچار بولغان.

3.داۋاملىق تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بالىلار: ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كۈنى 20 مىنۇت يۈگۈرىدىغان ھەم گۈزەللىك گىمناستىكىسى ئويناش قاتارلىق تەنھەرىكەتنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشنى خالىمايدىغانلاردىن كۆرۈنەرلىكيۇقىرى بولغان.

4. ئۆگىنىش مۇھىتى ياخشى بالىلار: ئەنگلىيە ئالىملىرىنىڭ كۆزىتىشىچە، شاۋقۇن مۇھىتتا ياشىغان يەتتە ئايلىق بولغان بوۋاقنىڭ چوڭلارنىڭ ھەرىكىتىنى دوراش ئىقتىدارى نورمال مۇھىتتا ياشىغان بالىلاردىن تۆۋەن بولغان، ئىككى ياشقا كىرگەندە تىلى چىقىشىمۇ ئارقىدا قالغان.فىرانسىيەلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ تەجرىبىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شاۋقۇن 55 دېتسىبېل بولغاندا، بالىنىڭ خاتانى پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى %4.3 بولغان؛ شاۋقۇن 60 دېتسىبېل بولغاندا، خاتانى پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى ئۆرلەپ %15كە چىققان. ياپونىيەلىك ئالىملار خۇش پۇراقنىڭ بالىلارنىڭ ئەقىللىق بولۇشىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بايقىغان، يەنى خۇش پۇراق مۇھىت ئىچىدە چوڭ بولغان بالىلارنىڭ كۆرۈش سىزىمى، ئىنكاسى ۋە ئۆگىنىش نەتىجىسىدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئىناق ئائىلە مۇھىتىمۇ بالىلارنىڭ ئەقىللىق چوڭ بولۇشىغا پايدىلىق ئىكەن.

5. ئەتىگەندە ناشتا قىلىدىغان بالىلار: تەجرىبىلەردىن ئىسپاتلىنىشىچە، ئەتىگەنلىك ناشتا قىلىپ بولۇپ ئىككى سائەتتىن كېيىن، قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ئىمتىھانغا قاتناشقان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ناشتا قىلمىغان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان.

ئابلەت ئابلىز سەردارى تەييارلىغان

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-10-17

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-10-16 / 03:23:37

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ