ئانا سەھىپەخانىم قىزلارئاياللار ساغلاملىقىبالىياتقۇ بالدۇر قېرىشنىڭ سەۋەبى ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرى

بالىياتقۇ بالدۇر قېرىشنىڭ سەۋەبى ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرى

سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بالىياتقۇ بالدۇر قېرىپ كېتىش كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغان ئاياللىق كېسەللىكى، بالىياتقۇ بالدۇر قېرىپ كېتىش ئېغىر كېسەللىك بولۇپ، بالىياتقۇ بالدۇر قېرىپ كېتىش پەيدا بولغاندا چوقۇم ۋاقتىدا داۋالاشنى قوبۇل قىلىش، كېسەللىك سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ داۋالىنىش كېرەك.

بالىياتقۇ بالدۇر قېرىشنىڭ سەۋەبى ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرى

بالىياتقۇ بالدۇر قېرىپ كېتىشنىڭ سەۋەبلىرى

1. پىسخىكا ئامىلى

ناچار كەيپىيات بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاجىزلىتىدۇ، زىيادە ناچار كەيپىيات ئادەت قالايمىقانلىشىشنى پەيدا قىلىدۇ، ئاقىۋەتتە بالىياتقۇ بالدۇر قېرىپ كېتىشنى پەيدا بولىدۇ، ئادەتتە دائىم كاماندىروپكىغا چىقىش، مۇھىت ئۆزگىرىش، كەيپىيات جىددىي بولۇش قاتارلىقلار ئادەت قالايمىقان بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. ئىرسىيەت سەۋەبى

ئوپېراتسىيە تارىخى، ئائىلىسىدىكى ئاياللار 40 ياشتىن بۇرۇن ئادەتتىن توختاپ قېلىش، داس بوشلۇقى ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇش قاتارلىق سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسى بالىياتقۇ بالدۇر قېرىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. ياللۇغلىنىش

جىنسىي ئەزا ياللۇغى، بالىياتقۇ ياللۇغى قاتارلىقلار ئاخىرىدا بالىياتقۇ بالدۇر قېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. ئادەت، يەڭگىش تارىخى

ئادەتتە كىچىك تۇرۇپ ئادەت كەلگەن ئاياللارنىڭ ئادىتى بۇرۇنلا توختاپ قالىدۇ، ئادەتتىن قېلىش ۋاقتى بالىياتقۇ بالدۇر قېرىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئادەتتە بالىلىق بولۇش ئۈچۈن زىيادە كۆپ دورا يېيىش ھەم تۇخۇم ئېلىش بالىياتقۇ بالدۇر قېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. تۇرمۇش ئادىتى

ھەر كۈنى كەچ سائەت 11دە ئۇخلايدىغان ئاياللارنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتى تۆۋەنلەپ، ئادەت قالايمىقانلىشىش كېلىپ چىقىدۇ، ئۇزۇن ۋاقىت دورا ئىشلىتىش، ئاقسىل كەمچىل بولۇشمۇ بالىياتقۇ بالدۇر قېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

6. مۇھىت ئامىلى

دائىم زىيانلىق ماددىلار بىلەن ئۇچرىشىش كۆپىيىش سىستېمىسىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

 

بالىياتقۇ بالدۇر قېرىشنى داۋالاشنىڭ ئۇسۇللىرى

1. ئاياللىق ھورمۇنى ئارقىلىق داۋالاش: بالىياتقۇ بالدۇر قېرىش ئاساسلىقى بەدەندىكى ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاش سەۋەبىدىن بولىدۇ، ئاياللىق ھورمۇنى بالىياتقۇ ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ.

2. ئىممۇنىتېت ئارقىلىق داۋالاش: ئادەتتە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ياخشىلاش ئارقىلىق بالىياتقۇ ئىقتىدارىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

3. تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلاش: ھەر كۈنى بەدەن چېنىقتۇرۇش، ياخشى بولغان ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىش، كۈندىلىك غىزالىنىشتا ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق پۈتۈن بەدەن ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى، بالىياتقۇ ئىقتىدارىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2025/05/8417958.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2025-10-29

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2025-10-29 / 09:20:38

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ