ئانا سەھىپەخانىم قىزلارئاياللار ساغلاملىقىئاياللار بەدەن گۈزەللىكىنى ساقلاش ئۈچۈن كۈندىلىك تۇرمۇشتا..

ئاياللار بەدەن گۈزەللىكىنى ساقلاش ئۈچۈن كۈندىلىك تۇرمۇشتا..

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئاياللار بەدەن گۈزەللىكىنى ساقلاش ئۈچۈن كۈندىلىك تۇرمۇش جەريانىدا تۆۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك:

ئاياللار بەدەن گۈزەللىكىنى ساقلاش ئۈچۈن كۈندىلىك تۇرمۇشتا..

دائىم قاپىقىنى تۈرۈپ يۈرۈيدىغان ئاياللارنىڭ تىرىسىگە ئاسانلا ئۇزۇقلۇق يېتىشمەيدۇ. بۇنداق ناچار كەيپىيات تېرىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى تۆۋەنلىتىۋېتىپ، قورۇق پەيدا قىلىدۇ.

ئاياللار كەچلىك ئۇيقۇغا ئالاھىدە قارىشى كېرەك. سەۋەبى كەچلىك ئۇيقۇ يىتەرلىك بولمىسا، تېرىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ تەڭشەش ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا يەتتە، سەككىز سائەت ئوخلاشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

سۇ ئىچمەسلىك، ھەرىكەت قىلىشنى ياقتۇرماسلىق ئاياللار ئۈچۈن ناچار ئادەت ھىساپلىنىدۇ. سۇ ئىچمىگەندە تىرە ئاسانلا سۇسىزلىنىپ، قورۇق پەيدا بولۇپ، تېرىنىڭ ئىلاستىكىلىقى ئاجىزلىشىدۇ.

ئاياللار يەنە مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ، يىنىك تۈردىكى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ چېنىقىپ بەرگەندە قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ، بەدەننىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تېرىنىڭ نەملىكىنى ئاشۇرالايدۇ ھەمدە تەر چىقىرىش ئارقىلىق بەدەندىكى كىرەكسىز ماددىلارنى چىقىرىۋەتكىلى، قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

تېرىسىگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان پەرداز بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش، پەردازلىرىنى پاكىز يۇيماسلىقمۇ ئاياللار ئۆزگەرتىمىسە بولمايدىغان ناچار ئادەت ھېساپلىنىدۇ. سەۋەبى، ئەگەر ئىشلەتكەن پەرداز بۇيۇملىرى تېرىگە مۇۋاپىق كەلمىسە، تېرىنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۋىتىدۇ، ناۋادا بۇنداق پەرداز بۇيۇملىرى تېرىدە ئۇزاق تۇرۇپ قالسا، تېرىگە ئەكىس تەسىر كۆرسىتىپ، تېرىنڭ نورمال ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزۈپلا قالماستىن، ھەر خىل تىرە كېسەللىكلىرىنىمۇ پەيدا قىلىدۇ.

ئاياللار غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىشى، ۋىتامىن تولۇقلاشقا سەل قارىماسلىقى كېرەك. ئادەتتە تېرىنىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ ئىچكى ئاجراتما سىستېمىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن زىچ بولىدۇ. مۇچ، ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر ئادەم بەدىنىنىڭ ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىپ، تېرىگە زىيان يەتكۈزىدۇ.

ئەكسىچە، كۆكتات، مېۋە- چېۋە تەركىبىدە ھەر خىل ۋىتامىنلار كۆپ بولۇپ، تېرىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇپ، نەملىكىنى تەڭشەيدۇ.

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-10-10

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-10-06 / 01:44:46

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ