تورداشدىن سوئال
ياخشىمۇسىز دوختۇر،
بىز ياۋرۇپادا ياشايمىز. بالام تولا ئاڭگىنا بولۇپ قالىدۇ، ئەمما ھەر قېتىم بۇ يەردىكى دوختۇرلارغا ئېلىپ بارسام، ئۆيدە ئارام ئالسۇن دەپ قايتۇرۋېتىدۇ. يا تەپسىلىي كۆرۈپ قويمايدۇ. قانداق قىلىشىمىزنى بىلەلمەي قالدۇق. بىر يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز. رەھمەت.
نۇرمەمەت دوختۇردىن جاۋاپ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشىمۇسىز.
ئاڭگىنا بىز تولا دەيدىغان بوغۇز ياللۇغى، ياكى بادامسىمان بەز ئىششىپ قېلىشنى كۆرسىتىدۇ. نورمالدا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئىككى سەۋەبتىن بولىدۇ، بىرسى ۋىرۇسلۇق يۇقۇملىنىش سەۋەبلىك بادامسىمان بەز ئىششىپ قېلىش، يەنە بىرسى مىكروپ (باكتېرىيە) يۇقۇملىنىش سەۋەبلىك كېلىپ چىققان بادامسىمان بەز ئىششىپ قېلىشتۇر.
مىكروپ يۇقۇملىنىش سەۋەبلىك ئاڭگىناغا ياللۇغ قايتۇرۇش يەنى ئانتىبىئوتىك دورىسى لازىم بولىدۇ. مىكروپنى ئانتىبىئوتىك بىلەن ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ. ئەگەر ئانتبىئوتىك قوللانمىسا بالىنىڭ ساقىيىشى ئاستا بولىدۇ، ياكى ئېغىرلاپ يىرىڭداپ كېتىش ۋەيا تېخىمۇ ئېغىر نەتىجىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئانبىئوتىك دورىسىغا قوشۇمچە قىلىپ، قىززىتما چۈشۈرۈش، ئاغرىق توختىتىش ۋە باشقا ئالامەتلەرنى داۋالايدىغان دورىلار قوشۇپ بېرىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ۋىرۇس يۇقۇملىنىش سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ئاڭگىناغا بولسا ئانتىبىئوتىك پايدا قىلمايدۇ. بۇ خىلدىكى ئاڭگىناغا پەقەت قىزىتما چاشۈرۈش، ئاغرىق توختىتش، ۋە باشقا ئالامەتلىرىنى داۋالايدىغان دورىلار بېرىلىدۇ. بالىنىڭ بەدىنىدە مۇشۇ ۋىرۇسقا قارشى ئىممۇنىتېت كۈچى پەيدا بولغاندىن كېيىن ئاستا ئاستا ساقىيىدۇ.
قايسى تۈردىكى ئاڭگىنا ئىكەنلىكىنى دوختۇر يۈزتۇرانە تەكشۈرۈش ئارقىلىق دىئاگنوز قويۇلىدۇ، ۋە ئۈستىدىكى ئىككى تۈرلۈك داۋالاش پىلانىنى تۈزىدۇ. سىزنىڭ بالىڭىزدىكى ئىككىنجى تۈرلۈك كېسەللىك بولغانلىق سەۋەبلىك دوختۇر سىزگە ئۆيگە بېرىپ دەم ئېلىشنى تاپىلىغان بولۇشى مۇمكىن. بۇنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ. دوختۇرلار كىسەلنىڭ ئەھۋالىنى باھالىغاندىن كېيىن، ئەگەر بىمار ئۆزىنىڭ بەدەن ئىممۇنىتېت كۈچىگە تايىنىپ ساقىيىش ئىھتىماللىقى بار ھىس قىلسا، ئادەتتە دورا بېرىپ كەتمەيدۇ. بىمارنىڭ بەدىنىدە شۇ ۋىرۇسقا قارشى تەبىئىي ئىممۇنىتېت كۈچى پەيدا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەمما بىمار، ياكى بىمار يېقىنى دوختۇرنىڭ بۇ ياخشى كۆڭلىنى چۈشەنمەي قالىدۇ.
(داۋامى بار…)
ياخشىمۇ دوختۇر قانداق ئەھۋالىڭىز مەسلىھەت سوراي دىگەن يولدۇشۇمدا B تىپلىق جىگەر ياللۇغى باركەن تەكشۈرتۈش قىلغان نەتىجىسى ياخشى چىقمىدى تۆۋەندىكى نەتىجىسى
HBV DNA PCR KANTİTATİF 977IU/ml