ئانا سەھىپەخانىم قىزلارئاياللار كېسەللىكلىرىبالىياتقۇ ياللۇغى ۋە ئالدىنى ئېلىش

بالىياتقۇ ياللۇغى ۋە ئالدىنى ئېلىش

سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بالىياتقۇ ئاياللارنىڭ تېنىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر ئ‍ەزا، شۇنداقلا ئاياللار تېخىمۇ ئاسراشقا تېگىشلىك ئورۇن، بالىياتقۇ كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ قالسا سالامەتلىككە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى بالىياتقۇنى ئاسراش كېرەك.

ھەيز مەزگىلى، تۇغۇش، بويىدىن ئاجراپ كېتىش ۋە ھەر خىل بالىياتقۇ بوشلۇقى مەشغۇلاتى قىلغاندا، جىنسىي يولنىڭ ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا دائىم تۇرۇشلۇق باكتېرىيە توپى كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيەگە ئايلىنىپ، جىنسىي يول توسۇقىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغى پەيدا بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلماسلىق، ھەيز مەزگىلىدە جىنسىي ئالاقە قىلىش ۋە جىنسىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان يات جىنسلار بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىش قاتارلىقلارمۇ بالىياتقۇنى زەخىملەندۈرىدۇ.

بالىياتقۇ ياللۇغىنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟

1. نورمال بولغان مەشغۇلات ۋاقتىنى ساقلاش كېرەك.

نۇرغۇن ئاياللار تۈنەش تېرىگە ياخشى ئەمەس دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە تۈنەشنىڭ بەدەننىڭ ئىچكى قىسمىغا بولغان زىيىنى تېرىدىن كۆپ چوڭ بولىدۇ. ئاياللار يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىشى، ساغلام دەم ئېلىش ۋاقتى بولۇشى كېرەك.

2. ئىچ كىيىملەرنى قولدا يۇيۇش.

ھەممە ئادەمنىڭ ھېرىپ-چارچىغان، ھەرىكەت قىلىشقا ئېرىنىدىغان چاغلىرى بولىدۇ، بەزى ئاياللار ھۇرۇنلۇق قىلغاندا، قولايلىق بولسۇن دەپ، ئىچ كىيىم ۋە باشقا كىيىملەرنى كىرئالغۇغا سېلىپ يۇيۇۋېتىدۇ. بۇنداق قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. ئىچ كىيىمنى چوقۇم ئايرىم يۇيۇش، ھەمدە چوقۇم قولدا يۇيۇش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئىچ كىيىملەرنىڭ پاكىزلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، باكتېرىيەلەرنىڭ گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

3. قەرەللىك ھالدا يۇيۇش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىش.

بەزى ئايال دوستلار دائىملا يۇيۇش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق دائىم پاكىز مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىش ئەكسىچە جىنسىي يولنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كىسلاتا-ئىشقارلىق تەڭپۇڭلۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. توغرا ئۇسۇل بولسا، ئادەتتە ئىلمان سۇ بىلەن يۇيۇپ، قەرەللىك ھالدا پاكىز مەھسۇلاتلارنى ئىشلەتسىلا بولىدۇ.

4. ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، تاماكا چەكمەسلىك.

ئايال دوستلار ئەڭ ياخشىسى تاماكا چەكمەسلىكى كېرەك، تاماكا چەككەندە ھاسىل بولغان كاربون چالا ئوكسىدى نەپەسلىنىشكە ئەگىشىپ بەدەنگە كىرىپ، بالىياتقۇغا كېڭىيىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت تاماكا چەكسە ئاسانلا بالىياتقۇ بوينى راكى ۋە سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەيز قالايمىقانلىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەندىلا ۋە بەدىنىمىزنى قوغداشقا دىققەت قىلساقلا، كۆپ ھاللاردا ئاياللار كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇشتىن ساقلىنالايمىز. ئ‍ەگەر بەدەندە نورمالسىزلىق كۆرۈلسە چوقۇم ۋاقتىدا داۋالاش كېرەك.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17789670.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
2
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-05-11

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-05-11 / 01:36:32

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ