توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
مېڭە قان تومۇر توسۇلۇش بىمارلىرى كېسەل بولۇشتىن 24 سائەت بۇرۇن، %85 ئادەمدە تۆۋەندىكى ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى پەيدا بولىدۇ.
1. يەر-جاھان چۆرگىلەش، باش قاتىق ئاغرىش، باش قېيىش
بۇ مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىققان مېڭە كېسەللىك ئالامىتى.
2. ئاغزى مايماق، كۆزى قىيسىق
ئاغزى مايماق، كۆزى قىيسىق بولۇش يۈز پالەچلىكىنىڭ ئالامىتى بولۇپ، يۈز مۇسكۇللىرىنىڭ ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچراشنى ئالاھىدىلىك قىلغان دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك. ئەگەر سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ يۈز قىسمىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى بايقىسا، سەكتە بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.
3. پۇت-قولنىڭ بىر تەرىپى نورمالسىز بولۇش
مېڭە قان تومۇرلىرى توسۇلۇپ قالسا، قارشى تەرەپتىكى بەدەننىڭ ھەرىكىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، سەزگۈ جەھەتتىمۇ نورمالسىزلىق كۆرۈلىدۇ.
4. ئەسنەش
نۇرغۇن مېڭە قان تومۇر توسۇلۇش بىمارلىرىدا كېسەللىك قوزغىلىشتىن ئىلگىرى داۋاملىق ئەسنەش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بۇ چوڭ مېڭىگە قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنىڭ ئىپادىسى.