ئانا سەھىپەكېسەللىكلەركەسىپ كېسەللىكلىرىكومپىيۇتېر رادىئاتسىيىسىدىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ بىر قانچە ئۇسۇلى

كومپىيۇتېر رادىئاتسىيىسىدىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ بىر قانچە ئۇسۇلى

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

1-ئۇسۇل:ئىشخانىڭىزدا كومپىيۇتېر يىنىغا بىر تەشتەك كاكتۇس گۇلىنى قويۇپ قويۇڭ،ئۇ ناھايىتى ئۈنۈملۈك ھالدا رادىئاتسىيە نۇرىنى سۈمۈرىۋالىدۇ.

2-ئۇسۇل:تۇرمۇشى تولىمۇ ئالدىراشچىلىقتا ئۆتىدىغان كىشىلەر ئۇچۇن ئېيتقاندا،كومپىيۇتېر رادىئاتسىيىدىن ساقلىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى كۇنىگە ئىككى-ئۇچ ئىستاكان يېشىل چاي ئېچىش ۋە بىر دانە ئاپېلىسىن يېيىش.چاي تەركىبىدە مول بولغان پىرو ۋىتامىن A بولۇپ،ئۇنى ئادەم بەدىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن،تىزلىك بىلەن ۋىتامىن A غا ئۆزگىرىدۇ. ۋىتامىن A كۆرۈش تور پەردە ماددىسى بىلەن بىرىكىپلا قالماستىن،يەنە تۇتۇق نۇر ئاستىدىمۇ كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ. ئەگەر يېشىل چاي ئىچىشكە ئادەتلەنمىگەنلەر بولسا،سەبدە گۈلى چېيى بىلەنمۇ ئوخشاشلا كومپىيۇتېرنىڭ رادىئاتسىيىسىگە قارشى تۇرغىلى ۋە سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلتۈگىلى بولىدۇ،بۇرمىلىق يۇسۇن ۋە چېغىناق مېيىنىڭمۇ رادىئاتسىيىگە قارشى تۇرۇش رولى بار.

3-ئۇسۇل: تورغا كىرىشتىن ئاۋۋال تېرە ئاسرىغۇچ بىلەن تېرىڭىزنى كومپىيۇتېر رادىئاتسىيىسىدىن مۇداپىيە كۆرۇڭ، مەرۋايىت مەلھىمىنى ئىشلىتىڭ.ئۆزگىچە بولغان جەنۇب سۈزۈك مەرۋايىت مەلھىمىنى يۇز تېرىڭىزگە بىر قەۋەت 0.001 مىللىمېتىر ئەتراپىدا سۈرۈۋالسىڭىز،ناھايىتى ئۇنۇملۈك ھالدا مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ زىيىنىدىن قوغدايدۇ ۋە رادىئاتسىيىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

4-ئۇسۇل: كومپىيۇتېر مەشغۇلاتى بىلەن شوغۇللانغاندا،رەڭ سۈزگۈچ ئەينەكنى ئورنىتىۋالغاندىمۇ رادىئاتسىيىنىڭ زىيىنىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.ئۆي ئىچىگە ئارتۇقچە مېتال بويۇملارنى قالايمىقان قويماي،ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنىنىڭ قايتا رادىئاتسىيە قوزغىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش كېرەك.كومپىيۇتېرنىڭ يورۇقلىقىنى ياخشى تەڭشەش كېرەك،ئادەتتە ئىكراننىڭ يورۇقلۇقى قانچە يۇقىرى بولسا،ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنىنىڭ رادىئاتسىيسىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.. ئەكسىچە بولسا شۇنچە كىچىك بولىدۇ. ئەمما،بەك تۇتۇق تەڭشىۋالغاندا ئۈنۈمگە تەسىر يېتېش بىلەن بىر ۋاقىتتا،يەنە كۆنىڭ چارچىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.

5-ئۇسۇل: ئامال بار يېڭى پاسۇندىكى كومپىيۇتېر ئىشلىتىش،كونا كومپىيۇتېرنى ئادەتتە ئىشلەتمەسلىك كېرەك.ئادەتتە كونا كومپىىيۇتېرنىڭ رادىئاتسىيىسى كۈچلۈك بولىدۇ.ئوخشاش ئارىلىقتا ئوخشاش تۈردىكى كومپىيۇتېرلار شەرتى ئاستىدا،ئادەتتە كومپىيۇتىر رادىئاتسىيىسىنىڭ بىر-ئىككى ھەسسىسىچىلىك بولىدۇ.

6-ئۇسۇل: كومپىيۇتېر قويىدىغان ئورۇنمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئامال بار كومپىيۇتېرنىڭ كەينى تەرىپىنىڭ رادىئاتسىيىسى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە،ئىكراننىڭ ئالدى تەرىپىنىڭ رادىئاتسىيىسى ھەممىدىن ئاجىز بولىدۇ، خەتنىڭ ئىنىق كۆرۇنۇشىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ئاز دېگەندە 50تىن 75 سانتىمېتىر ئەتراپىدا ئارىلىق قويۇش كىرەك، بۇنداق قىلغاندا ئېلېكتىر ماگنىت رادىئاتسىيىسىنىڭ زىيىنىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

7-ئۇسۇل: ئۆي ئىچىنىڭ شامال ئۆتۇشۇپ تۇرۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئالىملار تەتقىقات ئارقىلىق كومپىيۇتېر ئېكرانىدىن بىر خىل بىرومىدلاشقان دىغىنلامىن بىلەن غۇراندىن ئىبارەت راك ماددىسى پەيدا بولىدىكەن .شۇ سەۋەپتىن كومپىيۇتېر قويغان ئۆيگە ئەڭ ياخشىسى شامل تەڭشىگۇچ ئورنىتىش، ھېچبولمىسا شامالنىڭ ئۆتۇشۇپ تۇرۇشىغا ئەھمىيەت بىرىش كېرەك.

8-ئۇسۇل: ئەۋاغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا سەۋزە، پۇرچاق، پەمىدۇر، ئورۇق گۆش، ھايۋانات جىگىرى قاتارلىق ۋىتامىن A ,C ۋە ئاقسىل مول بولغان يىمكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىش ۋە يېشىل چاي دېگەندەك ئىچىملىكلەرنى كۆپرەك ئىچىپ بېرىش كېرەك.

9-ئۇسۇل: دائىمم كومپىيۇتېر ئالدىدا خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆزى قۇرغاقلىشىپ ئاغرىيدۇ، شۇ سەۋەپتىن كومپىيۇتېر ئۈستىلىگە بىر قانچە بانان قويۇپ قويۇش تولىمۇ زۆرۈر. بانان تەركىبىدىكى كالىي ئادەم بەدىنىدىكى ئارتۇقچە بولغان تۇز مىقدارىنى چىقىرېۋىتىشكە ياردەم قىلىپ،ئادەم بەدىنىدىكى ناترىي بىلەن كالىينىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ،كۆزنىڭ ساقسىزلىقىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا،بانان تەركىبىدە كۆپ مىقداردىكى كاروتىن B بار، ئادەم بەدىنىدە بۇ خىل ماددا كەم بولسا كۆز ئاغرىپ، قۇرغاقلىشىپ، كۆز قارىچۇقى نۇرسىزلىنىدۇ، كۆپ مىقداردا بانان يەپ بەرسە بۇ خىل ئالامەتلەرنى ئازايتقاندنن سىرت، يەنە مەلۇم مىقداردا كۆزنىڭ چارچىشىنى ئاستىلىتىپ، كۆزنىڭ بالدۇر قېرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

شىنجاڭ گىزىتىدىن ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-08-27

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-06-12 / 07:49:30

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ