سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ھەيز ئاياللاردىكى ئالاھىدە فىزىيولوگىيەلىك ھادىسە بولۇپ، كۆپ ساندىكى ئاياللاردا ھەيز مەزگىلىدە ئاسانلا ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ، شۇڭا بەزى ئاياللار ھەيزنىڭ كېلىشىنى ئانچە خالىمايدۇ، لېكىن ۋاقتىدا كەلمىسە ئەنسىرەيدۇ.
ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسى ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، سەللا دىققەت قىلمىغاندا بالىياتقۇدا كېسەللىك ئۆزگىرىشى يۈز بېرىشى مۇمكىن، بۇ ۋاقىتتا ھەيزگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا بالىياتقۇنى ئاسراپ، ھەيزنىڭ قانۇنىيەتلىك كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىنتايىن مۇھىم، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى بالىياتقۇغا زىيانلىق تۆۋەندىكى مېۋىلەرنى بىلىۋېلىش ناھايىتى زۆرۈر.
1. ھايمانتۇس (火龙果)
ھايمانتۇس تۇرمۇشىمىزدا دائىم يەيدىغان مېۋە بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا يېمەكلىك تالاسى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسسىقلىق مىقدارى بىر قەدەر تۆۋەن، ئاشقازان ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى تېزلىتىپ، قەۋزىيەتنى پەسەيتىدۇ. لېكىن ھايمانتۇسنىڭ تەبىئىيىتى سوغۇق، كۆپ يېسە بەدەننى سوغۇق قاپلاپ كېتىشى مۇمكىن، ئاياللار ئەگەر ھايمانتۇسنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، بالىياتقۇنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يېتىپ، بالىياتقۇنىڭ سوغۇق بولۇشىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
شۇڭا ئاياللار كۈندىلىك تۇرمۇشتا چوقۇم ھايمانتۇسنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى كونترول قىلىشى، ھەر قانچە ياقتۇرۇپ يېسىمۇ ئۆز بېشىمچىلىق قىلماسلىقى، بولۇپمۇ ھەيز مەزگىلىدە ئاز يەپ، بالىياتقۇنىڭ زەخىملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
2. ئەبنۇس (柿子)
ئەبنۇسنى نۇرغۇن كىشىلەر ياقتۇرۇپ يەيدۇ، ئۇنىڭ تەمى تاتلىق، قېقى تېخىمۇ يېيىشلىك، لېكىن ھەيز مەزگىلىدە ئەڭ ياخشىسى ئەبنۇسنى كۆپ يېمەسلىك كېرەك. ھەيز مەزگىلىدە كۆپ يېسە بالىياتقۇنى غىدىقلاپ، ھەيز مىقدارىنى ئازايتىۋېتىدۇ.
3. دولانا (山楂)
دولانا بىر خىل كىسلاتالىق يېمەكلىك بولۇپ، ئىشتىھانى ئېچىپ تالنى ساغلاملاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ، لېكىن دولانانى ھەيز مەزگىلىدە يېيىشكە ماس كەلمەيدۇ، شۇنداقلا دولانا بالىياتقۇ ياخشى كۆرمەيدىغان مېۋىلەرنىڭ بىرى. چۈنكى كىسلاتالىق مېۋىلەرنى كۆپ يېگەندە ھەيز مىقدارى بارغانسېرى ئازلاپ، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ھەتتا ھەيز مۇددەتتىن بۇرۇن توختاپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. تاۋۇز (西瓜)
تاۋۇزنىڭ شىرنىسى كۆپ، سۈيى تاتلىق بولۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا يەپ بەرسە كەيپىياتنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ، لېكىن ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە ئەڭ ياخشىسى تاۋۇز يېمەسلىكى كېرەك، بولۇپمۇ مۇزلىتىلغان تاۋۇزنى تېخىمۇ شۇنداق، بولمىغاندا بالىياتقۇ سوۋۇپ كېتىش مەسىلىسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17622513.shtml