ئانا سەھىپەبىلىمتەۋسىيەلىرىمىزبەدەن چېنىقتۇرغاندا دېققەت قىلىدىغان ئىشلار

بەدەن چېنىقتۇرغاندا دېققەت قىلىدىغان ئىشلار

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

1.ئەقىل بىلەن چېنىقىڭ :

ھەممە ئادەمنىڭ توغرا بولغان چېنىقىش ئۇسۇلى ئۇسۇلىنى بىلىشى ناتايىن . مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىنىڭ چېنىقىشتىكى مۇددىئاسى پەقەتلا ئۆزىنى ھېرىپ _چارچاشتىن قۇتقۇزۇش ، بۇ خىل ئۇسۇلدا چېنىققاندا ئۆزىنى ناھايىتى ئاسانلا زەخىملەندۈرۈۋالىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈنۈمىمۇ ئانچە ياخشى بولمايدۇ . ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىزنىڭ چېنىقىش ئۇسۇلىڭىزغا قارىتا بىر قېتىم توغرا باھالاش ئېلىپ بېرىڭ .

2.ۋېلىسىپىتنى كۆپ مىنىڭ :

نورمال سۈرئەتتە ۋېلىسىپىت مىنىپ بەرگەننىڭ يۈرەك ۋە ئۆپكىنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاشقا ناھايىتى پايدىسى بار، ئورۇقلاشقىمۇ پايدىلىق .

3.يېرىم سائەت سەيلە قىلىڭ :

ھەر ھەپتىدە تۆت ،بەش قېتىم ، ھەر قېتىمدا يېرىم سائەت ئەتراپىدا سەيلە قىلىپ ئايلىنىشنىڭ بەدەنگە ناھايىتى زور پايدىسى بولىدىكەن .

4.پەلەمپەيدىن كۆپرەك مېڭىڭ :

ئەڭ ياخشىسى لىفىتقا چىقماي ، كۆپرەك پەلەمپەيدىن مېڭىش كېرەك ، بۇ بىر خىل ياخشى چېنىقىش شەكلى بولۇپ ، يۈرەك قان تومۇرلىرى ئۈچۈن پايدىلىق ، يەنە تېخى پۇت مۇسكۇللىرىڭىزنى ياخشىلىيالايسىز . ئۇنىڭدىن باشقا ، قورساق مۇسكۇللىرىنىمۇ ياخشى چېنىقتۇرالايمىز .

5.توغرا بولغان قىياپەتنى ساقلاڭ :

توغرا بولغان مېڭىش ۋە ئولتۇرۇش قىياپىتىنى ساقلاش سالامەتلىك ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم .ماڭغاندا ئىككى مۈرىنى بوش قويۇۋېتىش ، بويۇن قىسمىنى تۈز تۇتۇش ، داس سۆڭىكى مۇسكۇللىرىنى چىڭ تارتىپ ، كۆكرەكنى كېرىپ قورساقنى تارتىش كېرەك ،مۇشۇنداق ماڭغاندا تېخىمۇ قاۋۇل كۆرۈنىسىز ، ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ ئەركىن ھېس قىلىسىز .

6.دائىم بوينىڭىزنى سوزۇپ بېرىڭ :

ھەر كۈنى ۋاقىت چىقىرىپ ، بوينىڭىزنى ئاستا -ئاستا سوزۇپ بېرىڭ ، نۇرغۇنلىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك باش ئاغرىقىنى بويۇن سۆڭەكلىرىنىڭ تۇتىشىش ئورنى ۋە نېرۋىنىڭ زەخىملىنىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئىمكانقەدەر ئېڭەكنى تۆۋەنگە بېسىپ ، كۆكرەكنى ئىچىگە تارتىپ تۇرغاندا ،باش ئاغرىقىنى يەڭگىللەتكىلى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-11-14

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-10-22 / 06:36:28

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ