ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ياخشىمۇسىلەر قېرىنداشلار. مەن نۇرمەمەت دوختۇر. ئوماق بوۋىقىڭىز ئاخىرى 1 ياشقا كىردى. بىر يىل مۇساپىنى سىز بىلەن بىللە بېسىپ ئۆتكەن بۇ ئوماقنىڭ بەدىنىدە ئۆزگىرىشلەرنى سىز ئازدۇر كۆپتۇر ھېس قىلالىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. بۇ ۋىدىئومىزدا سىزگە بوۋاقنىڭ بەدىنىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى يىغىنچاقلاپ چىقىشنى پىلانلىدۇق. قېنى ئەمىسە فىلىمنى باشلاشنىڭ ئالدىدا، فىلىم ئاستىدىكى بارىكاللا بارمىقىنى بېسىۋېتىڭ، بىزگە مۇشتەرى بولۇۋېتىڭ، ئەمىسە ھېكايىمىزنى باشلايلى.
12 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ بەدەن سانلىق ئۇچۇرلىرى
باش ئايلانمىسى: 43.6 – 48.5 سانتىمېتىر
بوي ئۇزۇنلۇقى: 71.3 – 80.2 سانتىمېتىر
بەدەن ئېغىرلىقى: 7800 – 11800 گىرام
12 ئايلىق ساغلام بوۋاقلارنىڭ ئۆزگىرىشلەر
بىر ياشقا كىرگەن بوۋاق ، بىر قولىنى تۇتۇپ تۇرسا، ئاستا ئاستا ماڭالايدۇ. ياردەم يوق ئەھۋال ئاستىدا، ئۆز ئالدىغا قىسقا ۋاقىت تىك تۇرالايدۇ، بىرقانچە قەدەم ماڭالايدۇ. 3-4 سۆزلەرنى چۈشىنىپ تۇرۇپ دېيەلەيدۇ (ئاپا، دادا..). ئويۇنچۇق جىسىملارنى تۇتۇپ سىنچىلاپ قاراپ، قانداق ئويناشنى ئويلىيالايدۇ مەسىلەن يالغۇز توپ ئوينىيالايدۇ.
ئاددىي بۇيرۇقلارنى قىلالايدىغان بولىدۇ. كىيىم كىيدۈرگەندە بەدەن ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ بېرەلەيدۇ. قولىدىكى جىسىمنى باشقىلارغا بېرەلەيدۇ. رەسىملىك كىتابلارنى كۆرگەندە خوش بولىدۇ.
ئاددىي دوراش ئۇسلۇبتىكى ئويۇنلارنى ئوينىيالايدۇ ( قوشۇق بىلەن تاماق يىگەننى دوراش..)
12 ئايلىق بوۋاققا ۋە ئاتا ئانىغا تەۋسىيەلىرىمىز:
- -12ئايلىق يەنى بىر ياشلىق ۋاكسىنىلىرىنى ئەملەش ۋاقتىغا كېلىپ قالدى. 12 -ئايلىق ۋاكسىنىسىنى ئەملەش ئۈچۈن ئائىلە ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىڭ. كۆپىنچە دۆلەتلەردىكى بوۋاقلار ۋاكسىنا ئەملەش پروگراممىسىدا، بۇ ئايدىكى ۋاكسىنىلار بالىلارغا مۇھىم بولغان سۇ چېچىكى ۋاكسىنىسى، قىزىل، سوغان، گۈرەن بەز (قۇلاق ئالدى بېزى) ياللۇغى ۋاكسىنىسى ۋە بىرىكتىرمە ئۆپكە ياللۇغى شارچە باكتىرىيىسى ۋاكسىنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ۋاكسىنا ئەملەش بىلەن بىرگە باش ئايلانمىسى، ئېغىرلىقى، بوي ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچەپ خاتىرە قالدۇرۇڭ. دوختۇرلار تور بېكىتىمىزدە ۋاكسىنىلارنىڭ تەرجىمىسى، تەسىرلىرى، بوۋاقنىڭ ھەر ئاي، ھەر ياشتىكى بەدەن ئېغىرلىقى، بوي ئۇزۇنلۇقى، باش ئايلانمىسى بولۇش ئېھتىماللىقى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تاپالايسىز.
- بوۋاقنىڭ بۇ ئايدىكى بەدەن ئېغىرلىقى تۇغۇلغان چاغدىكى بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ 3 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن تۇغۇلغاندا 3 كىلو بولسا، بۇ ئايدا 9 كىلوگرام ئەتراپىدا بولۇش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلىپ قويۇڭ. بوۋاقنىڭ بەدەن تەرەققىياتى توغرىسىدا، ئائىلە دوختۇرىڭىزدىن مەسلىھەت ئېلىشنى ئۇنۇتماڭ.
- ۋاكسىنا ئەملەش دەپتىرىنى ئامال بار يۈتتۈرۈپ قويماڭ. ياخشى يەردە ساقلاڭ.
- ئوزۇقلۇقنىڭ مول ھەم تەڭپۇڭ بولۇشى، ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك ھەم سۈپەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك بېرىڭ. ۋىتامىن بېرىشنى بۇ ئايلاردا ئائىلە دوختۇرىڭىزنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە تەۋسىيىسى ئاستىدا توختاتسىڭىز ۋەيا داۋام قىلىشنى قارار بەرسىڭىز بولىدۇ.
- بوۋاقنىڭ ھەرىكەت قىلىشىغا، ئولتۇرۇشىغا، قوپۇشىغا ياردەمدە بولۇڭ. كەچلىرى دۈمبە قىسمىنى، ئومۇرتقا قىسمىنى بويلاپ ئۇۋۇلاپ بېرىڭ. پۇتنىڭ ئاستىنى، تاپان قىسىملىرىنى ئۇۋۇلاپ بېرىڭ. چاچلىرىنى ئارىلاپ ئارىلاپ تاراپ بېرىڭ. قۇلاقنى ئۇۋۇلاپ بېرىڭ. بۇلارنىڭ ھەممىسى بوۋاقنىڭ بەدەن ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولىدۇ.
- بوۋاققا ماس كېلىدىغان قىزىتما چۈشۈرۈش شۈرۈپ ياكى فىتىل دورىلىرىنى زاپاس ئۆيگە تەييارلاپ قويۇڭ. قىزىتما چۈشۈرۈش شۈرۈپ دورىلار قۇتىسى ئېچىلغان تەغدىردىمۇ، قۇرغاق، سالقىن يەردە 6 ئايدىن 1 يىلغىچە ساقلىغىلى بولىدۇ. ئىناۋەتلىك ۋاقتىنى تەكشۈرۈشنى ئۇنۇتماڭ.
- بوۋاقنىڭ ئۆمىلەپ، مېڭىپ پائالىيەت قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆي ئىچىدىكى ئۇششاق بويۇملارنى، خەتەرلىك بويۇملارنى ۋاقتىدا يىغىشتۇرۇپ تۇرۇڭ. ئۇچلۇق قەلەملەرنى ھازىرچە بەرمەي تۇرۇڭ.
- بۇ ئايغىچە بوۋاقنىڭ سۈت چىشىنىڭ نەچچىسى چىقىپ بولۇشى كېرەك. ئەگەر بۇ ئايغىچە بوۋاقنىڭ ھىچبىر چىشى چىقمىسا، چىش دوختۇرى بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىڭ.
- بوۋاق بېشىنىڭ ئالدىدىكى ئۈچ بۇلۇڭلۇق ئوچۇقلۇق بۇ ئايغىچە ئېتىلىپ بولۇشى كېرەك. ئەگەر بوۋاق بېشىنىڭ ئالدىنقى قىسمىدا ھېلىھەم بىر يۇمشاق بوشلۇق باردەك ھېس قىلسىڭىز، ئائىلە دوختۇرىڭىز ۋەيا بالىلار دوختۇرى بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىڭ.
- 5-10 مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ ئالدىنقى ئايلاردا تىلغا ئېلىنغان تەۋسىيەلىرىمىزنى چوقۇم كۆرۈپ چىقىڭ. ئالدىنقى ئايلاردىمۇ ناھايىتى كۆپ پايدىلىق تەۋسىيىلەرنى ھەمبەھىرلەندۇق. تەڭدىن تولىسى بۇ ئايغىمۇ ماس كېلىدۇ.
قانىلىمىزدا 12 ئاي ۋە ئۇنىڭدىن چوڭ بولغان بوۋاق بالىلارنىڭ ھەرقايسى ياش دەۋرىدە بەدەندە كۆرۈلىدىغان ئۆزگىرىشلەرنى ۋە تەۋسىيەلەرنى قىسقا، ئىخچام، مېغىزلىق قىلىپ رەتلەپ چىقتۇق. ئەگەر يۇقىرىدا دېيىلگەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ يېرىمىغا يېقىنى كۆرۈلمىسە ياكى بىنورماللىق كۆرۈلسە، ئائىلە دوختۇرىڭىز ۋەيا بالىلار دوختۇرى بىلەن ۋاقتىدا كۆرۈشۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇنىڭدىن سىرت دوختۇرلار تور بېكىتىمىزدىنمۇ ئانا يېزىقىمىز ئۇيغۇر تىلىدا تەييارلانغان بوۋاق بالىلارنىڭ بەدەن يېتىلىشى جەدۋىلى ۋە باشقا ياخشى پايدىلىق مەزمۇنلارنى تاپالايسىز. جىددىيلەشمەڭ، سىز چوقۇم ياخشى ئاتا ئانا بولالايسىز. بوۋىقىڭىزنىڭ سالامەت چوڭ بولۇشىغا تىلەكداشمەن. بۇ فىلىمنى پايدىلىق ھېس قىلسىڭىز، قانىلىمىزغا مۇشتەرى بولۇڭ ھەم قانىلىمىزنى ئەتراپىڭىزدىكى دوستلارغا تارقىتىپ قويۇڭ.