تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئادەم سەمرىسىلا قورسىقى چىقىپ قالىدۇ، شۇڭا ئورۇقلاش مەزگىلىدە بەل ۋە قورساق قىسمىدىكى ئارتۇق گۆشلەرنى ئورۇقلىتىش بىر قەدەر تەس. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن بەل ۋە قورساقتىكى ئارتۇقچە گۆشلەرنى ئورۇقلىتىش ناھايىتى تەس؟ تۆۋەندە بۇ ھەقتە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ باقايلى.
بەل قورساق قىسمى ئىچكى ئەزالار توپلاشقان جاي، شۇنداقلا ھەرىكەت مىقدارى ئەڭ ئاز ئورۇن بولۇپ، بەدەندىكى مايلار ھەرىكەت مىقدارى ئاز جايلارغا يىغىلىۋېلىشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى ئىسسىقلىق مىقدارى ئېشىپ كەتكەندە ئىچكى ئەزالارنىڭ ئەتراپىدا ئاسانلا ماي يىغىلىپ قالىدۇ. بەدەندىكى ئىچكى ئەزالار ۋە تېرە ئاستى مايلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، سىزنىڭ بەل ئايلانمىڭىزدا ئارتۇقچە گۆشلەر جۇغلىنىشقا باشلايدۇ.
قانداق قىلغاندا قورساق قىسىمىدىكى مايلارنى يوقاتقىلى بولىدۇ؟
تۈز قورساقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزىڭىزگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ. تۇرمۇشتىكى يامان ئادەتلەردىن يىراق تۇرۇشىڭىز، شۇنداقلا توغرا بەدەن چېنىقتۇرۇپ، بەدىنىڭىزنى ئورۇقلىتىشىڭىز، بەلنىڭ كىچىك بولۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىڭىز كېرەك.
قورساقتىكى مايلارنى خورىتىش ئۈچۈن كۈچ مەشىق قىلىش ئارقىلىق ئەمەس ئوكسىگېنلىق ھەرىكەتكە تايىنىش كېرەك. ماينىڭ خورىشى پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك بولىدۇ. پەقەت پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك ھەرىكەتنى تاللىغاندىلا ئاندىن ماي كۆيدۈرۈش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. يېڭى باشلانغاندا، ئەگەر سىز چوڭ سىجىللىقتىكى مەشىقنى كونترول قىلالمىسىڭىز، تۆۋەن سىجىللىقتىكى ھەرىكەتنى باشلىسىڭىز بولىدۇ، مەسىلەن تېز مېڭىش، مەيدان ئۇسسۇلى قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى باشلىسىڭىز بولىدۇ. بەدەننىڭ چىدامچانلىقىنى تەدرىجىي ئاشۇرۇپ، ئاندىن چوڭ سىجىللىقتىكى ھەرىكەتنى ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا ماي كۆيدۈرۈش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
بىز بەدىنىمىزدىكى كالورىيەنىڭ خورىشىنى ۋە ئىسسىقلىقنىڭ چىقىرىلىشىنى يۇقىرى كۆتۈرسەكلا، بەدەندىكى ماي نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەل ۋە قورساقتىكى ئارتۇق گۆشلەرنى ئازايتالايمىز. شۇڭا بەل ۋە قورساقتىكى ئارتۇقچە گۆشلەرنى ئازايتىش ئۈچۈن، يۈگۈرۈش، ئارغامچا سەكرەش، پۇتنى ئىككى تەرەپكە ئېچىپ سەكرەش، ئۇسسۇل ئويناش، سۇ ئۈزۈش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى تاللىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. ھەر كۈنى بىر سائەت مەشىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرسىڭىز، بەدەندىكى ماي نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. بىراق زىيادە سېمىز كىشىلەر ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت ئېلىپ بارغاندا، تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك:
ئاقسىل تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش ۋە ھەر كۈنى قورساقنى قاتلاش مەشىقى ئېلىپ بېرىش
ئاقسىل بەدەننى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەپ، مۇسكۇللارنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۈچ ۋاق تاماقتا توخۇ گۆشى، تۇخۇم، بېلىق قاتارلىق يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق تولۇقلاپ ئىستېمال قىلىش كېرەك. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىش شۇكى بۇ يېمەكلىكلەرنى تۇز ئارىلاشتۇرۇپ پىشۇرۇش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا ئىسسىقلىقنىڭ تېز ئۆرلەپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا قورساق قاتلاش ھەرىكىتىنى كۆپرەك قىلىپ بەرگەندە قورساق قىسىمىدىكى ئارتۇقچە مايلارنى يوقاتقىلى بولىدۇ، قورساق قاتلىغاندا قالايمىقان مەشىق قىلماسلىق ۋە ياكى ئىككى كۈن قىلىپ تاشلىۋەتمەسلىك لازىم، ئىككى ئاي بەرداشلىق بېرىپ مەشىق قىلالىسىڭىز، ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلغان گۈزەل بەدەنگە ئېرىشەلىشىڭىز مۇمكىن.
ياخشى بەدەن شەكلىنى ساقلاپ قېلىش بەل ۋە قورساقتىكى ئارتۇقچە گۆشلەرنىڭ قايتىدىن يىغىلىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۆزىڭىزنى كونترول قىلىدىغان تۇرمۇش ئادىتىنى ساقلىشىڭىز كېرەك، مەسىلەن: ئەتكەن چاي ئىچىش، مايدا پىشۇرۇلغان توخۇ، ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى يېيىش قاتارلىق ئادەتلەرنى تاشلاپ، يۇقىرى تالالىق كۆكتاتلارنى كۆپرەك يېيىش ئارقىلىق ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ياغلارنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى تىزگىنلەپ، ھەر ھەپتىدە 2-3 قېتىم بەدەن چېنىقتۇرۇش ئادىتىنى ساقلىسىڭىز، ئاندىن ئارتۇقچە گۆشلەرنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17898204.shtml