سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
-نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟ بۇ زادى نېمىشقا؟-قىز يانفوننى تۇتقىنىچە يوتقانغا پۈركۈنۈپ يىغلاپ كەتتى.
شياۋلى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) 24 ياش، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىزچىل بويتاق ئۆتكەن، يېقىن دوستىدىن توردا دوست تۇتۇشقا بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، بىر يۇمشاق دېتال چۈشۈرۈپ سىناپ باققان. دوست تۇتۇش يۇمشاق دېتالىدا ئۇ ناھايىتى ياخشى كېلىشكەن بىر چەتئەللىك ئوقۇغۇچى بىلەن تونۇشۇپ قالغان، بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۇلار بىرەر جاينى تېپىپ كۆرۈشۈپ، كېچىنى بىللە ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان.
بۇ چەتئەللىك تورداش ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكىدىنمۇ بەكرەك مۆتىۋەر، ھەم قىزلارغا كۆيۈنىدىغان ئىللىق تەسىر بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى بىر كۆرۈشۈپلا قەدىناس دوستلاردەك بولۇپ كەتكەن. شياۋلى مۇھەببەت دېڭىزىغا غەرق بولۇپ، ئۆزىنى تارتالماي تۇرغاندا، ئۇ ئوغۇل بالىنىڭ بىر تال ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالغان، ئۇچۇردا: «كەچۈرۈڭ، سىز بىر ياخشى قىز، سىز دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىڭ، ئەمەلىيەتتە مەن بىر ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى، كەچۈرۈڭ، بىز ئەمدى كۆرۈشمەيلى» دەپ يېزىلغان ئىدى.
شياۋلى بۇ ئۇچۇرنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇنىڭدىن ئېنىق سورىماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنى ئاللىقاچان قارا تىزىملىككە كىرگۈزىۋەتكەنلىكىنى بايقىغان، ئەتىسى ئەتىگەندە ئۇ دوختۇرخانىغا نومۇر ئالغىلى بارغان، ئۇ بۇ ئىشلارنىڭ بىر چاقچاق بولۇپ قېلىشىنى ناھايىتى ئۈمىد قىلغان.
ھەممە ئادەمنىڭ مۇھەببەتكە ئىنتىلىش ھوقۇقى بار، لېكىن مۇھەببەت ھەرگىزمۇ ئاسانلا ئېرىشكىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس، ئۆزىنى مۇھەببەتكە يولۇقتۇم دەپ قارىغان چاغدىمۇ ناھايىتى ئېھتىيات قىلىش لازىمدۇر.