نۇر تورى ئۇچۇرى
تۇنجى قەدەمنى تاشلاپ، بىر سائەت پىيادە ماڭغان ۋاقتىڭىزدا، بەدىنىڭىزدە بىر قەدەر ئاكتىپ فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ.

بىر مىنۇتتىن بەش مىنۇتقىچە:
ئالدىن تاشلىغان بىر قانچە قەدىمىڭىز ھۈجەيرىلەردىن ئېنېرگىيىگە ئايلىنىدىغان خىمىيىلىك ماددىلارنى تارقىتىپ، پىيادە مېڭىشىڭىزنى ئېنىرگىيە بىلەن تەمىن ئېتىدۇ، بۇ ۋاقىتتا يۈرەك رىتىمى مىنۇتىغا 70-100 قېتىمغىچە بولۇپ، قاننىڭ ئېقىش مىقدارى ئاشىدۇ، مۇسكۇللار قىزىشقا باشلايدۇ. قاتقان بوغۇملىرى يۇمشايدۇ ھەمدە سىلىقلىغۇچى سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ بەدىنىڭىزنى ئوڭاي يۆتكەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ، بۇ بەش مىنۇتتا ئورگانىزىمدا مىنۇتىغا بەش مىڭ كالورىيە ئىسىقلىق كۆپىيىدۇ، بۇ ئولتۇرۇش قاتارلىق نۇرغۇن ھالەتتىكىنىڭ بەش ھەسسىگە باراۋەر كېلىدۇ.
ئالتە مىنۇتتىن ئون مىنۇتقىچە:
يۈرەك رىتىمى مىنۇتىغا 140 قېتىمغا يېتىدۇ، قەدەم سۈرئىتىنىڭ تىزلىشىگە ئەگىشىپ، ئادەم ئورگانىزىمىدا ھەر مىنۇتتا كۆيىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارى ئالتە مىڭ كالورىيەگە يېتىدۇ، قان بېسىمى سەل پەل ئۆرلەيدۇ، لېكىن بەدەن قان تومۇرلارنى كېڭەيتىدىغان خىمىيەلىك ماددىلارنى قويۇپ بېرىپ، بۇنداق يوشۇرۇن خەۋپنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، تېخىمۇ كۆپ قان ۋە ئوكسېگىن خىزمەت ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان مۇسكۇللارغا يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.
11 مىنۇتتىن 20 مىنۇتقىچە:
بەدەن تېمپېراتۇرىسى داۋاملىق ئۆرلەپ، تېرىگە يېقىن جايلاشقان قان تومۇرلىرى كېڭىيىپ، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى چىقىرىپ سىزنى تەرلىتىدۇ، يېنىك تاشلانغان قەدەملەرگە ماسلاشقان ھالدا ئادەم بەدىنى مىنۇتىغا يەتتە مىڭ كالورىيە ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى خورىتىدۇ. بۇ چاغدا نەپەس ئازراق قىيىنلىشىدۇ، ئادىرنالىن ۋە ئاشقازان ئاستى بېزىدىكى قان شېكىرى قاتارلىق ھورمۇنلارنىڭ ئاجرىلىش مىقدارى ئېشىپ، مۇسكۇللار ئېنېرگىيە بىلەن تەمىن ئېتىلىدۇ.
21 مىنۇتتىن 45 مىنۇتقىچە:
بۇ ۋاقىتتا سىز جىسمانىي كۈچىڭىزنىڭ تولۇپ تاشقانلىقىنى ھېس قىلىپ، بەدەننىڭ كېڭىيىش كۈچىگە ئەگىشىپ، چوڭ مېڭە ناھايىتى ياخشى تۇيغۇغا كەلتۈرىدىغان ھىدروگېننى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ-دە، ئادەم ئۆزىنى ئەركىن ئازادە ھېس قىلىدۇ، بەدەندىكى ياغ كۆپلەپ خورىغانلىقتىن ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىتىلىش مىقدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، بۇ ھال سېمىز ئادەملەر ياكى دىئابېت بىمارلىرى ئۈچۈن ناھايىتى خۇشاللىنارلىق خەۋەر ھېسابلىنىدۇ.
46 مىنۇتتىن 60 مىنۇتقىچە:
پىيادە مېڭىش ۋاقتى بىر سائەت بولاي دېگەندە مۇسكۇللىرىڭىزنى چارچىغاندەك ھېس قىلىسىز، چۈنكى بەدەندىكى كاربونلۇق سۇ بىرىكمىسىنىڭ زاپاس مىقدارى ئازىيىپ كېتىدۇ. ھاردۇقىڭىز چىققان ۋاقتىدا، يۈرەك رېتىمىڭىز ۋە نەپسىڭىز ئاستىلايدۇ، گەرچە ئۇنىڭدىن كېيىن خورايدىغان ئېنىرگىيە ئازىيىپ بارىدىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا چېنىقىشتىن بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ بولىدۇ، بۇنداق يۇقىرى ئېنېرگىيە ھالىتى بىر سائەت ئۆپچۆرىسىدە داۋاملىشىدۇ.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2025/10/458596.shtml


