پەن-تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ،MP3 مەدەنىيىتىمىزگە سۇدەك سىڭمەكتە.
MP3 كىشىلەرگە ھەرخىل ناخشىلار ئارقىلىق مەنىۋى ئوزۇق بەرگەندەك قىلغىنى بىلەن، كىشىلەرنىڭ ۋاقتىنى بىھۇدە زايە قىلىۋېتىدۇ. ئاڭلىغۇچىنىڭ دىققىتىنى بوغۇپ،ھەر خىل بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.ئادەمدە ھورۇنلۇق كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرىدۇ،ئاڭلاش سېزىمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.
ئەنگىلىيىدىكى بىر تەتقىقات كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئالىملىرى بۇ قاراشنى دەلىللىدى. تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە،يېنىدا ئېلىپ يۈرۈپ ئىشلىتىدىغان نۇرغۇن ئىچكى قۇلاق شەكىلدىكى تىڭشىغۇچلار ئادەمنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنى زەربىگە ئۇچرىتىدىكەن.ئۇنىڭدىن يۇقىرىراق ئاۋازلىق مۇزىكىنى ئاڭلىغاندا،ئاڭلاش ۋاقتى ھەر كۈنى 90مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەككەن.شۇنداق بولغاندا قۇلاق زەربىگە ئۇچرىمايدىكەن.
يۇقىرىدىكى تەتقىقات نەتىجىسىدىن شۇنى كۆرۈشكە بولىدىكى،MP3 نىڭ ئىقتىدارىغا بولغان تەسىرى ناھايىتى زور.كەلگۈسىنىڭ ئىگىلىرى بولغان ياش-ئۆسمۈرلەر ساغلام مۇھىتقا،ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشكە موھتاج،ئۇلار كەلگۈسىنىڭ ئىگىلىرى شۇڭا ئۇلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇشى،ئىزدىنىشى،يېڭىلىق يارىتىشى كېرەك.qm6ئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا،بالىلارنىڭ MP3 ئىشلىتىشى تازا ياخشى ئەمەس،ئۇلار ئۇنىڭغا بىرلا كىرىشىپ كەتسە،خۇما بولۇپ قېلىپ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىۋېتىش بىلەن بىللە،ئاڭلاش ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ.