يىغا بولسا بىر خىل ئالدىنقى تىل سەۋىيە سىرتقىى ئالاقە قىلىش شەكلى ئۇ مۇئەييەن دەرىجىدىكى ئالاقىلىشىش رولىغا
يىغا بولسا بىر خىل ئالدىنقى تىل سەۋىيە سىرتقىى ئالاقە قىلىش شەكلى.ئۇ مۇئەييەن دەرىجىدىكى ئالاقىلىشىش رولىغا ئىگە بولغاندىن سىرىت،يەنە تىلنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا نسبەتەن يەنە بىر مەنىگە ئىگە بولۇپ،تاۋۇش چىقىرش ئەزالىرىنى مەشىق قىلدۇرىدۇ.ئادەم سۆزلەش جەريانىدا خىلمۇخىل تاۋۇش چىقىرش ئەزالىرىنىڭ ماسلىشىشىغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ.
ئېغىز،تىل،ئاستىنقى ۋە ئۇستۇنكى ئېڭەك ،بوغۇز،ئاۋاز پەردىسى،ئۆپكە قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ھەممىسى تىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ،بىرسى كەم بولسا بولمايدۇ.بۇ ئورۇنلارنىڭ ئىقتىدارىنىڭ نورمال بولۇش-بولماسلىقى تىلنىڭ ئوڭۇشلۇق چىقىش-چىقماسلىقىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بوۋاق يېڭى تۇغۇلغاندا بۇ ئورۇنلارىنڭ ئىقتىدارى ئاجىز بولىدۇ.يىغلاش دەل مۇشۇلارنى چېنىقتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.شۇڭا يېغىمۇ ئاكتىپ مەنىگە ئىگە .
بەزى بالىلار ناھايىتى ئاز يىغلايدۇ،ئانىلىرى بۇلارنى ناھايىتى مۇلايىم يۇۋاش دەيدۇ.چوڭ بولغاندىن كېيىن تىل جەھەتتە توسالغۇ بارلىقىنى بايقايدۇ .بەزى ئانىلارنىڭ بالىغا ئىچى ئاغىرىپ ،بالا يىغلىغان ھامان قۇچقىغا ئېلىۋالىدۇ.بۇمۇ ئوخشاشلا بوۋاقنىڭ تىل تەرەققىي قىلىشىغا پايدىسىز .
بالىنىڭ يىغلاش ھوقۇقىنى《تارتىۋېلىش》ھەركىتىگە تەسىر يەتكۇزۇپلا قالماي،ئۇلارنىڭ ئاۋاز چىقىرىش مەشىقىغىمۇ تەسىر يەتكۇزىدۇ.مۇۋاپىق يىغىنىڭ زىيىنى يوق.ئەلۋەتتە بۇ دېگىنىمىز ھەرگىزمۇ بالا ئۇزۇن ۋاقىت يىغلىسىمۇ كارىڭىز بولمىسۇن دېگىنىمىز ئەمەس.ھەددىدىن زىيادە ئارتۇق يىغا بوۋاقنىڭ پسىخىكا جەھەتتىن تەرەققىي قىلىشىغا پايدىسىز نەرسىلەرنى پەيدا قىلىدۇ.يىغا بالىنىڭ .ئالاقىلىشىشىتكى بىر خىل ئۇسۇلى،بىراق ھەددىدىن زىيادە قىرقىراپ يىغلىغان يىغا چوقۇم ئاتا-ئاننسىنىڭ دىققىتىنى قوزغىشى كېرەك.