ئامېرىكا ۋە ئىسپانىيىلىك ئالىملار يېقىندا ئۈچ ياشتىن سەككىز ياشقىچە بولغان 11 بالا ئارىسىدا تەكشۈرۈپ ئېلىپ باردى ئۇلار بۇ بالىلارغا كۈندىلىك ھەرىكىتىنى خاتىرلەيدىغان ئەسۋابنى ئېسىپ قويدى ئاندىن ئاتا – ئانىلاردىن بالىلىرىنىڭ بىر جايدا قوپماي ئولتۇرغان ۋاقتىنى سوراپ تۇردى ، يەنى بۇ بالىلارنىڭ تېلېۋىزور كۆرۈش ، ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇق ئويناش ، كومپىيۇتېر ئىشلىتىش ۋە رەسىم سىزىش ھەرىكەتلىرى قاتارلىقلارغا سەرىپ قىلغان ۋاقتىنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقى، ھەم بۇلارنىڭ قانداق كىسەللىكلەرگە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى تەتقىق قىلىش ئېلىپ بېرىلدى.

تەتقىقاتچىلار بۇ بالىلارنىڭ بىر ئورۇندىن قوپماي ئولتۇرىدىغان ۋاقتىنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن باش سائەتتىن ئاشمايدىغانلىقى ھەمدە باشقا خاتىرلەنگەن ئەھۋالغا ئاساسەن ، ئاخىرىدا مۇنداق يەكۈن چىقاردى . بالىلارنىڭ تېلېۋىزور ئېكرانى ئالدىدا قوپماي ئولتۇرىدىغان ۋاقتى قانچە ئۇزاق بولسا ، ئۇلارنىڭ يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ .
بالىلاردىكى يۇقىرى قان بېسىمى
بۇ تەتقىقات دوكلاتىنى يازغان ئالىملار يەنە مۇنداق دېيىشتى : رەسىم سىزىش ياكى كومپىيۇتېر ئويناش قاتارلىق بىر ئورۇندىن ئۇزاققىچە قوپماي ئولتۇرىدىغان ئەھۋالنىڭ بالىلاردا قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىش مەسلىسىدىكى رولى ئانچە بولمايدىكەن ، قارىغاندا بۇنىڭغا بالىلارنىڭ تېلېۋىزور كۆرگەندە بەزى يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك يېمەكلىكلەرنى يەيدىغانلىقىنى سەۋەب بولسا كېرەك . ئۇنىڭدىن باشقا ، ئۇزاققىچە تېلېۋىزور كۆرۈش يەنە بالىلارنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ ، بۇمۇ قان بېسىمىنىڭ ئۆرلەپ كېتىش خەۋپىنى زور دەرىجىدە كۆپەيتىۋېتىدۇ .