ئەنگلىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر 100 دىن ئارتۇق مەكتەپتىكى توققۇز ياشتىن 11 ياشقىچە بولغان 5000 ئوقۇغۇچىنىڭ ناشتا قىلىش ئەھۋالى ۋە ناشتىلىقنىڭ سۈپىتى بىلەن ئۆگىنىش نەتىجىسى ئارىسىدا باغلىنىش بار ياكى يوقلۇقىنى توققۇز ئاي تەكشۈرگەندىن كېيىن مۇنداق يەكۈن چىقاردى: «باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ناشتا قىلىش ئەھۋالى ۋە ناشتىلىقنىڭ سۈپىتى بىلەن ئۆگىنىش نەتىجىسى ئارىسىدا بىۋاسىتە مۇناسىۋەت بار ئىكەن، ئەتىگەندە ناشتا قىلىدىغان ۋە ناشتىلىقىنىڭ سۈپىتى ياخشى بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى بولىدىكەن».
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: «ناشتا قىلمىغان بالىلارغا قارىغاندا، ناشتا قىلىدىغان بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %10 يۇقىرى بولىدىكەن، بىراق ئەخلەت يېمەكلىك بىلەن ناشتا قىلىدىغان بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ناشتا قىلمايدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭكىدىنمۇ ناچار بولىدىكەن. بۇ بايقاشنىڭ ئەھىمىتى ناھايىتى چوڭ، ئۇ ناشتا قىلىش بىلەن ئۆگىنىش نەتىجىسى ئارىسىدا بىۋاسىتە مۇناسىۋەت بارلىقى تۇنجى قېتىم پاكىتلىق ئىسپاتلىنىشى».
بۇ تەتقىقاتقا رىياسەتچىلىك قىلغان دوكتور ھاننا رېتكىت مۇنداق دېدى: «گەرچە ئىلگىرى ناشتا قىلىش بىلەن ساغلاملىق، دىققەتنى يىغىش كۈچى ۋە بىلىش ئىقتىدارى ئارىسىدا مۇناسىۋەت بارلىقىغا ھەممە ئىشەنسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا زادى قانداق مۇناسىۋەت بارلىقى ئايدىڭلاشمىغان ئىدى. بۇ قېتىم ناشتىلىق بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى ئىپادىسى ئارىسىدا مۇناسىۋەت بارلىقى پاكىتلىق دەلىللەندى، بۇ مائارىپ ۋە ئاممىۋى سەھىيە تەدبىرىنى بەلگىلەشكە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ».
مەنبە: ئەرخەۋەر تورى