ئانا سەھىپەئۇچۇر خەۋەرلەرقىزىقارلىق ئۇچۇرلارچېنىقىش ھەۋىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان «مولېكۇلا ۋىكليۇچاتېلى» ئاقسىللىرى

چېنىقىش ھەۋىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان «مولېكۇلا ۋىكليۇچاتېلى» ئاقسىللىرى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ھەرىكەت-چېنىقىش سالامەتلىككە پايدىلىق، لېكىن كىشىلەر دائىم چېنىقىشنى خالاپ كەتمەيدۇ، بۇ زادى نىمىنىڭ تەسىرىدىن بولىدۇ؟ ئىسپانىيە دۆلەتلىك راك كېسىلى تەتقىقات مەركىزى سابىئو تەتقىقات كوللېكتىپى ئۈچ خىل ئاقسىلنىڭ بەدەن ھەرىكىتى ۋە چېنىقىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان. بۇ ئاقسىللار ھەرىكەت قىلىش ئارزۇسىنى قوزغىتىدىغان «ئۈزچات» بولۇشى مۇمكىنلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئالاقىدار ئىلمىي ماقالىلەر «ئىلىم – پەن تەرەققىياتى» ژۇرنىلىنىڭ ئەڭ يېڭى سانىدا ئېلان قىلىندى.

مۇسكۇل ئەسلىدىنلا مۇسكۇل بىلەن چوڭ مېڭە ئارىسىدىكى بىر سىگنال يولى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ھەرىكەتكە بولغان قىزىقىشىنى تەڭشەيدۇ، بۇ كىشىلەردە ھەرىكەت قىلغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك چېنىقىش ھاياجىنىنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ سىگنال يولى چاشقان ۋە ئىنسانلارنىڭ جىسمانىي ھەرىكىتىنى تەڭشەشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئويناپ، بۇ يولنىڭ سېمىزلىك ۋە مېتابولىزم خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا يوشۇرۇن داۋالاش رولىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرگەن.

چېنىقىش ھەۋىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان «مولېكۇلا ۋىكليۇچاتېلى» ئاقسىللىرى

مۇسكۇللار ھەرىكەت قىلىش جەريانىدا قايتا – قايتا قاتتىق قىسقارغاندا، ئوخشاش بىر جەمەتتىكى ئىككى خىل ئاقسىل يەنى p38α ۋە p38γ نىڭ جانلىنىدىغانلىقىنى بايقالغان. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، تەنتەربىيە پائالىيىتىگە بولغان قىزىقىش بۇ ئىككى خىل ئاقسىلنىڭ قوزغىلىش دەرىجىسىگە باغلىق ئىكەن.

ئۈچىنچى خىل ئاقسىل ئىنتېرلېۋكىن 15 ( IL-15 ). تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆزىتىشىچە، ھەرىكەت p38γ نى ئاكتىپلاشتۇرسا IL-15 نىڭ بەدەندە پەيدا بولۇشىغا تۈرتكە بولىدىكەن، بۇ خىل ئاقسىل ھەرىكەتنى كونترول قىلىدىغان چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتى رايونىدا بىۋاسىتە رول ئوينايدىكەن. قاندىكى IL – 15 نىڭ كۆپىيىشى چوڭ مېڭىگە سىگنال بېرىش ئارقىلىق ھەرىكەتنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدىكەن، بۇنىڭ بىلەن ھايۋانلار ئىختىيارىي ھالدا تېخىمۇ جانلىنىپ كېتەلەيدىكەن.

ھايۋانلارنى قەرەللىك ھەرىكەت قىلىشنى تەلەپ قىلىنغاندا ( مەسىلەن: تەجرىبىخانىدا چاشقاننىڭ توختىماي يۈگۈرۈشى ) ، p38γ نىڭ ئاكتىپلىشىش دەرىجىسى p38α دىن يۇقىرى بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ پەرەز قىلىشىچە، قەرەللىك مەشىق چېنىقىشنى داۋام قىلغاندا، ئىلگىرلىگەن ۋاقىتلاردا، بەدەن ئۆزلۈكىدىن ھەرىكەت قىلىش ئارزۇسىنى ساقلاپ قالالايدىكەن. تەتقىقاتچىلار ئۇزۇن مۇددەت چېنىقىشقا كۆنگەن ئىنسانلاردا ئىككى خىل p38 ئاقسىلىنىڭ مۇسكۇلدىكى ھەرىكەت ئىزچىللىقىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ جانلىنىدىغانلىقىنى ۋە ئۇزۇن مۇددەت ھەرىكەتچان بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ ئىككى ئاقسىل ۋە IL-15 ھەممىسى بىرلىشىپ جانلىقلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئىزچىل ھەرىكەت قىلالىشىغا كاپالەتلىك بېرىشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.

بۇ ئاقسىللار ئەگەر ھەقىقەتەن ئىزچىل ھەرىكەت چېنىقىشنىڭنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكى كلىنىكىدا تېخىمۇ كۆپ تەجرىبە ۋە سىناقلار بىلەن ئىسپاتلانسا، كەلگۈسىدە سېمىزلىك ھورۇنلۇق قاتارلىق ئەھۋاللارغا خاتىمە بەرگىلى بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-08-19

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-08-24 / 07:32:35

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ