Cornelia de Lange يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى ( قىسقارتىلىپ CdLS ) بىر خىل ئاز ئۇچرايدىغان كۆپ ئەزالارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىرسىيەت خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ ،ئاساسلىق كىلىنىكىلىق ئىپادىسى تىپىك خاراكتېرلىك چىراي كۆرۈنۈشى ،ئۆسۈپ يېتىلىشى ئارقىدا قېلىش ،پۇت – قولى كەمتۈك بولۇش ،تۇغما يۈرەك كېسىلى ۋە ئاشقازان – ئۈچەي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 1933 – يىلى گوللاندىيەلىك بالىلار كېسەللىكلىرى دوختۇرى Cornelia de Lange تۇنجى قېتىم بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى بەرگەن ۋە بۇ سەۋەبلىك بۇ كېسەللىككە ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن نام بەرگەن.
CdLS نۆۋەتتە پۈتۈن يەرشارىدا كېسەل بولۇش نىسبىتى تەخمىنەن 1.6-2.2 / 100 مىڭ ،لېكىن كېسەللىك ئىپادىسىنىڭ كۆپ خىللىقى تۈپەيلىدىن ،بەزى كىلىنىكىلىق ئىپادىسى تىپىك بولمىغان ياكى بىر قەدەر يېنىك بولغان كېسەللەردە دىئاگنوز قويۇلماي قېلىش ئەھۋالى مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن.
ئۇيغۇرچە: Cornelia de Lange يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى
ئىنگىلىزچە: Cornelia de Lange syndrome
خەنزۇچە: Cornelia de Lange 综合征, 狄蘭氏症候群
تۈركچە: Cornelia de Lange sendromu
CdLS نىڭ كىلىنكىلىق ئالاھىدىلىكى
1) باش – يۈز قىسمىنىڭ ئالاھىدىلىكى:
كىلىنىكىدا ئاساسلىقى تىپىك باش – يۈز قىسمىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشى ئارقىدا قالغان بالىلارغا قارىتا گۇمانىي دىئاگنوز قويۇلىدۇ. 2007 – يىلى Kline قاتارلىق تەتقىقاتچىلار دىئاگنوز قويۇش ئۆلچىمى ۋە ئېغىرلىق دەرىجىسىگە نومۇر قويۇش سىستېمىسىنى تۈزۈپ چىقتى. CdLS كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 99 %بالىدا بۇ كېسەلنىڭ تىپىك باش – يۈز ئالاھىدىلىكى كۆرۈلىدۇ، مەسىلەن: تۈكلىرى كۆپ، پىشانىسى تار، تۇتاش قاش، ئۇزۇن كىرپىك، تاڭلاي ئەگمىسى يۇقىرى ، چىش يوچۇقى كەڭ ياكى چىشى كەمتۈك، كەڭ ياكى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن قاڭشار، قىسقا بۇرۇن ھەم بۇرۇن تۆشۈكى ئالدىغا قىيسايغان، ئۇزۇن ھەم تومپىيىپ چىققان، كالپۇكى نېپىز ھەم جاۋىغاي ساڭگىلىغان، قۇلاق يۇمىشىقى تۆۋەن ۋە ئاستىنقى تاڭلاي كىچىك ياكى چاسا شەكىللدە كۆرۈنۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
2) ئۆسۈش ۋە يېتىلىشى ئارقىدا قېلىش:
تىپىك CdLS بىمارلىرىدا ئادەتتە تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى ۋە تۇغۇتتىن كېيىنكى ئۆسۈپ يېتىلىشى ئاستا بولۇش ۋە پاكارلىق كېسىلى بولىدۇ. ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ بالاغەتكە يېتىش مەزگىلى ئايرىم – ئايرىم ھالدا 15 ياش ۋە 13 ياش بولىدۇ. تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئۇزۇنلۇقى ، ئېغىرلىقى ۋە باش ئايلانمىسى ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئوتتۇرىچە ھېساپتا 45.5 سانتىمېتىر ،2.28 كىلوگرام ۋە 30.9 سانتىمېتىر بولۇپ، ھەممىسى بالىلار ئۆسۈپ يېتىلىش جەدۋىلىدە 10% تىن تۆۋەن ئارىلىقتا بولىدۇ. پەقەت %33 بىماردا قولتۇق تۈكى ئۆسىدۇ، %90 بىماردا ئەۋرەت تۈكى ئۆسىدۇ. %87 ئايال بىمارلاردا ھەيز كېلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە %53 ئى ھەيز تەرتىپسىز كېلىدۇ. تەخمىنەن %80 ئايال بىمارلاردا سۈت بېزى يېتىلىدۇ.
3) ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش ۋە ھەرىكىتى بىنورمال بولۇش:
CdLS تىل ئىقتىدارىغا بولغان تەسىرى بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك بولۇپ ،%40 ~ %30 بالىنىڭ سۆزلەش يېشى بىر قەدەر كېيىن، %25 ~ %20 بالىنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ ،پەقەت %4 ~ %3 بالىنىڭ تىل ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى نورمال بولۇشقا يېقىنلىشىدۇ. تىپىك ھەرىكەت نورمالسىزلىقى كۆپ ھەرىكەت قىلىش كېسىلى، دىققىتىنى يىغالماسلىق، زورۇقۇش، ھۇجۇمكار، زىيادە تارتىنىش، خامۇشلۇق، تەشۋىشلىنىش ۋە ئۇيقۇسى توسقۇنلۇققا ئۇچراشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، قىسمەن بىمارلاردا يەنە ئۆزىنى زەخىملەندۈرۈپ مېيىپ قىلىۋېلىش قىلمىشى كۆرۈلىدۇ.
4) سۆڭەك ۋە مۇسكۇل سىستېمىسىنىڭ نورمالسىزلىقى:
يۇقىرىقى مۈچە سۆڭەكلىرىنىڭ نورمالسىزلىقى ئاساسەن بارلىق CdLS بىمارلىرىدا كۆرۈلىدۇ ،ئاساسلىق ئىپادىلىرى: ئىككى قولى قىسقا، بىرىنچى ئالقان سۆڭىكى قىسقا، چىمچىلاق ئىچىگە ئېگىلگەن غەيرىيلىك، ئالىقان تۇتاشقان، قىسقا بىلەك، يان بىلەك سۆڭىكى چىقىپ كېتىش، بىلەك – يان بىلەك سۆڭىكى بىرىكىش ۋە جەينەك ئېگىلىش غەيرىيلىكى قاتارلىقلار. تۆۋەنكى مۈچە ئۇچلىرىنىڭ بىنورماللىقى بىر قەدەر ئاز بولۇپ، تىپىك ئىپادىلىرى: ئىككى پۇتى كىچىك،2 -،3 – پۇت بارماقلىرى بىر – بىرىگە تۇتاش بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ،CdLS بىمارلىرىدا يانپاش قىسمى چىقىپ كېتىش ياكى يېتىلىشى ياخشى بولماسلىق ،ئومۇرتقا تۈۋرۈكى يانغا پولتىيىپ چىقىش ، بويۇن قىسمى غەيرىيلىك ، ۋارونكىسىمان كۆكرەك قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
5) ئاڭلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش ۋە كۆز نورمالسىزلىقى:
CdLS بىمارلىرىدا دائىم ئاڭلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش كۆرۈلىدۇ ،بۇ نېرۋا خاراكتېرلىك ۋە ئۆتكۈزۈش خاراكتېرلىك گاسلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىماردا دائىم قۇلاق يولى تارىيىدۇ، ئاسانلا ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى قوشۇلۇپ كېلىدۇ. 120 نەپەر CdLS كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە كۆز ئىپادىسى: ئۇزۇن كىرپىك ( 99 %)، تۇتاش قاش ( 99 %)، قويۇق قاش ( 96 %) ،ئەمچەك توپچىسى ئەتراپىغا پىگمېنت ئولتۇرۇشۇش ( 83 %) ،يىراقنى كۆرەلمەسلىك ( 58 %) ۋە ئۈستۈنكى قاپاق ساڭگىلاش ( 44 %) ۋە قاپاق ياللۇغى ( 25 %) ھەمدە ياش ئېقىش ( 22 %) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن كىچىك مۈڭگۈز پەردە ( %21 ) ۋە بۇرۇن ياش نەيچىسى توسۇلۇپ قېلىش ( %16 ).
6) ئاشقازان-ئۈچەي يولى نورمالسىزلىقى:
90 تىن ئارتۇق CdLS بىمارلىرىغا ئاشقازان – قىزىلئۆڭگەچ ياندۇرۇش ( GERD ) قوشۇلۇپ كەلگەن بولۇپ، ئادەتتە كۆپ ھەرىكەت قىلىش كېسىلى، قۇسۇش ۋە كېچىدە ئىچى تىتىلداش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئوزۇقلىنىش قىيىن بولۇش CdLS كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلار ئارىسىدا ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدۇ ، ئادەتتە بۇنىڭ سەۋەبلىرى تاڭلاي يېرىقى، كىچىك تۆۋەنكى جاغ، ئېغىز بوشلۇقى رايونى مۇسكۇلىنىڭ كېرىلىش كۈچى تۆۋەنلەش ياكى GERD كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاشقازان چىقىش ئېغىزى توسۇلۇش CdLS بوۋاقلىرىنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلىق مەزگىلىدە داۋاملىق قۇسۇشىدىكى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك سەۋەبى. باشقا ئاشقازان – ئۈچەي يولى نورمالسىزلىقى يەنە ئۈچەي ئايلىنىشى ياخشى بولماسلىق ( %2 ) ۋە تۇغما دىئافراگما چۇقۇقى ( %1 ) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
7) باشقا سىستېمىلارنىڭ نورمالسىزلىقى:
30 ~ %25 CdLS بىمارلىرىدا تۇغما يۈرەك كېسىلى قوشۇلۇپ كېلىدۇ ،ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان يۈرەك قان تومۇر نورمالسىزلىقى:قېرىنچە پاسىلى كەمتۈكلۈكى، دالانچە پاسىلى كەمتۈكلۈكى، ئۆپكە ئارتېرىيىسى تارىيىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دوۋساق – سۈيدۈك نەيچىسىدىن تەتۈر ئېقىش ،داس سۆڭىكى كېڭىيىش ۋە بۆرەكنىڭ يېتىلىشى ياخشى بولماسلىق تەخمىنەن 40 %CdLS بىمارلىرىدا كۆرۈلىدۇ. جىنسىي ئەزانىڭ يېتىلىشى ياخشى بولماسلىق ۋە يوشۇرۇن ئۇرۇقدان كېسىلىنىڭ CdLS ئەرلىرىدە كۆرۈلۈش نىسبىتى ئايرىم – ئايرىم ھالدا 57 %ۋە 73 %بولغان.
CdLS كېسەللىك سەۋەبى
نۆۋەتتە تەخمىنەن 80 %CdLS بىلەن NIPBL ،SMC1A ،HDAC8 ،RAD21 ،SMC3 گېنىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى بايقالغان. NIPBL ،RAD21 ۋە SMC3 گېنىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى CdLS نىڭ ئادەتتىكى خروموسومىنىڭ ئاشكارا ئىرسىيەت ئەندىزىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، SMC1A ۋە HDAC8 نىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى X خروموسومىنىڭ ئىرسىيەت ئەندىزىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. SMC1A ،RAD21 ۋە SMC3 نىڭ ئاقسىل ھاسىلاتى يېپىشقاق ئاقسىل ( Cohesin ) نىڭ قۇرۇلما تەركىبىنىڭ بەزى قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. Cohesin كومپلېكسى گېننىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، گېننىڭ كۆچۈرۈلۈشىنى تەڭشەش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
NIPBL بولسا 5p13.2 گە جايلاشقان بولۇپ ،47 ئېكسوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ ئاقسىل ھاسىلاتى خروموسوما يېپىشتۇرغۇچى ماددا جەمەتىگە تەۋە بولۇپ، تۆرەلمە توقۇلمىسى ۋە ئەزالىرىنىڭ نورمال يېتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. NIPBL ئۇشتۇمتۇت ئۆزگىرىشى ئۇنىڭ ئاقسىل ھاسىلاتلىرىنىڭ ئىپادىلىنىشىنى تۆۋەنلىتىپ ، CdLS كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. NIPBL – LOVD سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ( 2017 – يىلى 7 – ئايغا قەدەر ) 352 نەپەر CdLS بىمارىنىڭ 266 تانە DNA گېنىنىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشى بولغانلىقى خاتىرىلانغان بولۇپ، ئىشقار رادىكالىنىڭ ئورۇن ئالماشتۇرۇش توساتتىن ئۆزگىرىشى ( 65.1 %،229/352 )، كەمتۈك توساتتىن ئۆزگىرىش ( 23.9 %،84/352 )، تەكرار توساتتىن ئۆزگىرىش ( 8.8 %،31/352 ) ، قىستۇرۇلۇش/يوقىلىش توساتتىن ئۆزگىرىشى ( %1.4،5/352 ) ۋە قىستۇرۇلۇش توساتتىن ئۆزگىرىشى ( %0.9،3/352 ) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
5 % CdLS بىمارلىرىنى Xp11.22 گە جايلاشقان SMC1A گېنىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان. نۆۋەتتە 36 دانە SMC1A توساتتىن ئۆزگىرىشى ( 28 دانە خاتا مەنىلىك توساتتىن ئۆزگىرىش، 1 دانە كېسىپ ئۇلاش ئورنى توساتتىن ئۆزگىرىش، 7 دانە رامكا ئىچىدىكى تەڭ ئورۇنلۇق گېن كەمتۈكلۈكى ) بايقالدى. CdLS بىلەن SMC1A ئاقسىلىنىڭ ئىپادىلىنىشى ئازىيىشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، لېكىن SMC1A نىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى Cohesin كومپلېكسىنىڭ گېنغا بولغان تەڭشىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
تەخمىنەن 5 %CdLS بىلەن X زەنجىرسىمان HDAC8 گېنىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ،HDAC8 Xq13.1 گە جايلاشقان. HDAC8 SMC3 نىڭ خىروموسوماسىدىن ئايرىلىش جەريانىدا مۇھىم رول ئويناپ ،Cohesin كومپلېكسىنىڭ يېڭىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. نۆۋەتتە CdLS بىمارلىرى ئارىسىدا HDAC8 گېنىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئالتە خىل توساتتىن ئۆزگىرىشى ( 5 خىل خاتا مەنىلىك توساتتىن ئۆزگىرىش ۋە 1 خىل مەنىسىز توساتتىن ئۆزگىرىش ) بايقالدى.
RAD21 ۋە SMC3 نىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشى ئايرىم – ئايرىم ھالدا 8q24.11 ۋە 10q25.2 گە جايلاشقان بولۇپ، ئىككىسىنىڭ گېنىنىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشى پەقەت ئىنتايىن ئاز ساندىكى CdLS بىمارلىرىدىلا بايقالغان. RAD21 ئاقسىلى Cohesin كومپلېكسى ئىچىدە Uڭق1ئى ۋە SMC1/SMC3 غەيرىي دىمېر تەنچىسىنى تۇتاشتۇرىدۇ. نۆۋەتتە بايقالغان SMC3 گېنىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى 2 خاتا مەنىلىك تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش، 2 گېن ئىچىدىكى كەمتۈكلۈك ۋە 1 ئەھمىيەتسىز تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
CdLS بىمارلىرىنىڭ گېن تىپى بىلەن فېنوتىپنىڭ مۇناسىۋىتى
CdLS بىمارلىرىنىڭ گېن تىپى بىلەن فېنوتىپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، تىپىك CdLS باش – يۈز قىسمىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بىمارلارنى NIPBL قىسقا مۇددەتلىك تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، باشقا تىپتىكى تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش بولغان CdLS بىمارلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، قىسقا مۇددەتلىك تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش بولغان بىمارلارنىڭ كلىنىكىلىق ئىپادىسى ئادەتتە تېخىمۇ ئېغىر بولىدىكەن.
SMC1A توساتتىن ئۆزگەرگەن CdLS بىمارلىرىدا يۇقىرى تاڭلاي ئەگمىسى غەيرىيلىكى كۆرۈلۈش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. ئىلگىرى بىر ئەر CdLS بىمارلىرىدىن SMC1A نىڭ تەن ھۈجەيرىسى خىمېرا تەنچىسىنى بايقالغان، بۇ خىمېرا تەنچىسىنىڭ CdLS نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يەنە بىر سەۋەب بولۇشى مۇمكىنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. HDAC8 گېنىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى X خىروموسوما ئىرسىيەت ئەندىزىسىگە تەۋە بولۇپ، HDAC8 تۇيۇقسىز ئۆزگەرگەن بىمارلارنىڭ كلىنىكىلىق ئىپادىسى بىرقەدەر چوڭ بولۇپ، تىپىك CdLS بىمارلىرىنىڭ ئىپادىسىگە سېلىشتۇرغاندا، ئادەتتە ئالدى لىپىلداق يېپىلىشى كېچىكىش، كۆز ئارىلىقى زىيادە كەڭ بولۇش، قاڭشىرى تېخىمۇ كەڭ بولۇش، ئۈستۈنكى كالپۇك ۋە چىشى غەيرىي بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. نۆۋەتتە RAD21 ( 9 نەپەر ) ۋە SMC3 ( 6 نەپەر ) نىڭ توساتتىن ئۆزگەرگەن CdLS كېسەللىك مىسالى توغرىسىدىكى خەۋەر بىر قەدەر ئاز بولغاچقا، ئىپادىلىنىش تىپى بىلەن گېن تىپى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى تېپىش ناھايىتى تەس.
پەرقلەندۈرۈپ دىئاگنوز قويۇش
تىپىك CdLS كېسىلىنىڭ باش – يۈز ئالاھىدىلىكىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ دىئاگنوز قويۇش نىسبەتەن ئاسان، لېكىن CdLS ۋە باشقا بەزى كېسەللىكلەرنىڭ ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئالاھىدىلىكى بار، دىئاگنوز قويغاندا ئىنچىكە پەرقلەندۈرۈش كېرەك.
1) Coffin – Siris سىندرومى:
Coffin – Siris سىندرومى ( CSS ) بولسا بىر خىل ئاز ئۇچرايدىغان ئۆسۈپ يېتىلىشى ئاستىلاش ،ئەقلىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش ،يۈزى يىرىكلىشىش ،ئوزۇقلاندۇرۇش قىيىن بولۇش ۋە 5 – تىرناق ( ياكى پۇت تىرنىقى ) كەمتۈك بولۇش ۋە 5 – بارماق سۆڭىكى ( ياكى پۇت تىرنىقى ) نىڭ يىراق ئۇچى كەمتۈك بولۇشنى ئالاھىدىلىك قىلغان تۇغما غەيرىيلىك. 1970 – يىلى تۇنجى قېتىم خەۋەر قىلىندى ،نۆۋەتتە ئۇنىڭ كودلاشتۇرۇلغان BAF كومپلېكسى ( SWI – SNF كومپلېكسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) دىكى بەش گېن بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى بايقالدى ،ئۇلار ئايرىم – ئايرىم ھالدا SMARCB1 ،SMARCE1 ،SMRCA4 ،ARID1A ۋە ARID1B. CSS بىلەن CdLS نىڭ پۇت – قوللىرىنىڭ بىنورماللىقى جەھەتتىكى ئىپادىسى روشەن پەرقلىنىدۇ ،5 – تىرناق ( ياكى پۇت تىرنىقى ) كەمتۈك بولۇش ۋە 5 – بارماق سۆڭىكى ( ياكى پۇت تىرنىقى ) نىڭ يىراق ئۇچىدىكى كەمتۈكلۈك Coffin – Siris سىندرومىدا ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدۇ ،ئەمما CdLS بىمارلىرىدا بىر قەدەر ئاز ئۇچرايدۇ.
2) Fryns سىندرومى:
Fryns سىندرومى بىر خىل ئاز ئۇچرايدىغان ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئادەتتىكى خروموسوم يوشۇرۇن ئىرسىيەت خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ ، ئۇنىڭ كىلىنىكىلىق ئالاھىدىلىكى تۇغما دىئافراگما چۇقۇقى ،ئۆپكە تولۇق يېتىلمەسلىك ،ئالاھىدە چىراي ،كالپۇك – تاڭلاي يېرىقى ،يىراق ئۇچى پۇت – قول نورمالسىزلىقى ،ئېغىر ئەقلىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش ،ئۆسۈپ يېتىلىشى ئاستا بولۇش ۋە كۆپ ئورۇندا پەيدا بولىدىغان تۇغما غەيرىيلىك (ئاساسلىقى مەركىزىي نېرۋا ،يۈرەك قان تومۇر ،ھەزىم قىلىش ۋە سۈيدۈك ئاجرىتىش – كۆپىيىش سىستېمىسى). بۇ يىغىندى كېسەللىك ئالامىتىنى 1979 – يىلى Fryns ئىسىملىق تەتقىقاتچى تۇنجى قېتىم خەۋەر قىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە تۇغما دىئافراگما چۇقۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان جەمەت ئېرسىيەت خاراكتېرلىك كېسەللىك ھېسابلىنىدۇ. CdLS بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى ،Fryns يىغىندى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نورمال، كالپۇكى قىسقا، مەڭزى توغرىسىغا يېرىلغان، تۇغۇتتىن ئىلگىرى باش سۈيى زىيادە كۆپ ھەم تۇغۇت مەزگىلىدە ئۆلۈپ كېتىدۇ.
3) ھامىلە ئىسپىرت سىندرومى ( FAS – Fetal alcohol syndrome ):
ئانىنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ھاراقنى كۆپ ئىچىشى ھامىلىنىڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئېغىر بولغان ئەھۋال FAS بولۇپ، ئۇ ھامىلىنىڭ مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە نورمالسىزلىقىنى، ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ ئاستىلىشىنى ۋە باش – يۈز قىسمىنىڭ شەكلىنىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نۆۋەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان FAS كېسەل بولۇش ئېھتىمالى بولغان مېخانىزمى ئىچىگە قاراپ مۇسبەت ئېلېكتىر كالىي يولى Kir2.1، نېرۋا ئىممۇنىتېت مېخانىزمى ۋە كۆرۈنۈشتىكى ئىرسىيەتشۇناسلىق مېخانىزمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، لېكىن يۇقىرىقى مېخانىزملار تېخى ئېنىق ئەمەس، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. FAS بىلەن CdLS نىڭ ئورتاق كلىنىكىلىق ئالاھىدىلىكى بالىياتقۇ ئىچىدە يېتىلىشى ئاستا بولۇش، بېشى كىچىك ھەم غەيرىي بولۇش، يۈز قىسمىدا تۈك كۆپ بولۇش، قاپاق يوچۇقى قىسقا بولۇش، بۇرۇن تۆشۈكى يۇقىرىغا كۆتۈرۈلۈپ قېلىش، ئۈستۈنكى كالپۇكى نېپىز بولۇش ۋە يۈرەك ئىقتىدارى تولۇق بولماسلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما ،CDLS بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى ،قىسقا بارماق ۋە تىل ئىقتىدارى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچراش FAS دىكى بالىلار ئارىسىدا ئاز ئۇچرايدۇ ،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا FAS دىكى بالىلارنىڭ ئانىلىرىدا ئادەتتە ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ھاراق ئىچىش تارىخى بولىدۇ.
4) روبېرت سىندرومى (Roberts syndrome) :
Roberts يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى ESCO2 گېنىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاز ئۇچرايدىغان ئادەتتىكى خروموسوما يوشۇرۇن ئىرسىيەت خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ ،كىلىنىكىلىق ئالاھىدىلىكى پۇت – قوللارنىڭ ئوتتۇرا قىسمى قىسقىراش ،باش – يۈز قىسمى غەيرىيلىك ۋە تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى ۋە تۇغۇتتىن كېيىنكى ئۆسۈپ يېتىلىشى ئاستا بولۇشتىن ئىبارەت. ESCO2 گېنى 11 ئېكسوندىن تۈزۈلگەن بولۇپ،8p21.1 گە جايلاشقان. تيۇلېن پۇت – قول غەيرىيلىكى، يەنى پۇت – قوللارنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنىڭ قىسقىرىشى بۇ كېسەللىكنىڭ ئەڭ تىپىك كىلىنىكىلىق ئىپادىسى بولۇپ، ئادەتتە سىممېترىك بولىدۇ ھەمدە قول تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ، تۇغۇتتىن ئىلگىرى ياكى تۇغۇلغاندىن كېيىن پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ. Roberts يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى بىلەن CdLS نىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى تۆۋەن ئېڭەك ،تاڭلاي يېرىقى ،كىچىك مېڭە غەيرىيلىكى ۋە پۇت – قول كەمتۈكلۈكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما ئالدىنقىسى يەنە CdLS ئاز ئۇچرايدىغان يۈز ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ ،كالپۇك يېرىقى، كۆز ئالمىسى پولتىيىپ چىقىش، تۆۋەنگە قىيسايغان قاپاق يېرىقى، ياڭاق سۆڭىكى بېسىلىپ ياپىلاقلىشىش ۋە يېتىلىشى ياخشى بولمىغان بۇرۇن قانىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
5) KBG سىندرومى:
KBG يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى ANKRD11 گېنىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر خىل ئاز ئۇچرايدىغان تۇغما غەيرىيلىك بولۇپ ، تىپىك ئىپادىلىرى ئالاھىدىلىكى خاراكتېرلىك چىراي ( ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىك يۈز، ئۆرۈك مېغىزىسىمان قاپاق يوچۇقى، قاڭشار ئولتۇرۇشۇپ كېتىش، بۇرۇن ئۇچى يوغىناش، ياڭاق سۆڭىكى پولتىيىپ چىقىش، چىش غەيرىيلىكى، ئالدى – كەينى چاچ چېگرىسى سىزىقى تۆۋەن )، تۈكلۈك بولۇش، ئالدى يېپىق كېچىكىش، يەتكۈزۈش خاراكتېرلىك گاسلىق، ئوتتۇرا قۇلاق تەكرار يۇقۇملىنىش، ئۈستۈنكى تاڭلاي غەيرىيلىكى، ئوزۇقلاندۇرۇش قىيىن بولۇش، بىلىش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش، پاكارلىق كېسىلى، تۇتقاقلىق ۋە يۈرەك غەيرىيلىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. KBG يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى بىلەن CdLS نىڭ كلىنىكىلىق ئالاھىدىلىكىنىڭ ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى ،ئالدىنقىسىدا تىپىك بولغان زور چىش ئىپادىسى بار ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەتتە تۇغۇلغاندىكى بەدەن ئېغىرلىقى نورمال، تۇغۇلغاندىكى بەدەن ئۇزۇنلۇقى 3 پىرسەنت ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولىدۇ. KBG يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى بىمارلىرىنىڭ بىلىش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش ئەھۋالى تىپىك CdLS نىڭكىدىن يېنىك بولىدۇ.
CdLS داۋالاش
نۆۋەتتە CdLS ئىچكى كېسەللىكلەر ۋە تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە داۋالاشتا ئاساسلىقى كېسەلگە قاراپ بىر تەرەپ قىلىپ ،ئىمكانقەدەر بالدۇر داۋالاش كېرەك. پەقەت بىر پارچە ماتېرىيالدا قايتا گۇرۇپپىلانغان ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن ( rhGH ) ئارقىلىق CdLS نى داۋالايدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. بۇ خەۋەردە بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلاردا NIPBL گېنى c.771 + 1G > A توساتتىن ئۆزگىرىش ۋە قېشى تۇتاش، تۈكى كۆپ، ئىككى قولىنىڭ بارماق سۆڭىكى كىچىك،5 – چىمچىلاق ئىچىگە ئېگىلىش غەيرىيلىكى، تىل ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش، داۋاملىق ئۆسۈپ يېتىلىشى ياخشى بولماسلىقتەك ئالاھىدىلىكلەر بار ئىكەن. 4.3 ياش ۋاقتىدىن باشلاپ ( بوي ئېگىزلىكى 91.7 )، بۇ بىمار ھەر كۈنى 0.86 mg/m2 مىقداردىكى rhGH بىلەن داۋالىنىدۇ، داۋالاش ئىنكاسى ياخشى بولۇپ،12.3 ياش ( بوي ئېگىزلىكى 142.6 ) غىچە ئۆسىدۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە داۋالاش جەريانىدا ناچار ۋەيا ئەكىس تەسىر كۆرۈلمىگەن، بۇ rhGH داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ CdLS پەتەكلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارغا ئۈنۈمى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
CdLS كېسەلنىڭ ئاقىۋىتى
كۆپ ساندىكى CdLS كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن ـ قىسقىلىقى ئاساسلىقى ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىگە باغلىق بولۇپ، ئادەتتە نورمال ساغلام ئوخشاش ياشتىكىلەرگە قارىغاندا 10 ـ 20 يىل قىسقا بولىدۇ. ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئۆلۈش سەۋەبلىرى تۇتقاقلىق، قىزىلئۆڭگەچ ياندۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆپكە ياللۇغى، ھەزىم قىلىش يولى توسۇلۇش ۋە ئۈچەي تولغىنىش، تۇغما دىئافراگما چۇقۇقى ۋە تۇغما يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم بىمارلارنىڭ داۋالىنىشتىن ۋاز كېچىشىمۇ ئۆلۈش سەۋەبى ئىچىدە ناھايىتى زور نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ.
پايدىلانغان مەنبەلەر:
https://medlineplus.gov/genetics/condition/cornelia-de-lange-syndrome/
https://en.wikipedia.org/wiki/Cornelia_de_Lange_syndrome
https://rs.yiigle.com/cmaid/1066352
https://www.chop.edu/conditions-diseases/cornelia-de-lange-syndrome