كالا سۈتى دىيابېت بىمالىرىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇۋاپىق بولغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى كالا سۈتى تەركىبىدە كۆپ مىقداردا سۇ، مول ئاقسىل، ۋىتامىن ۋە مىكرو ئېلېمېنتلار، شۇنداقلا مۇۋاپىق مىقداردىكى ياغ بار بولۇپ، دىيابېت بىمارلىرىنى كۆپ خىل ئوزۇقلۇق تەركىبلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە قاندىكى شېكەر ۋە ياغقا نىسبەتەن تەسىرى يوق دېيەرلىك
ئۇنىڭدىن باشقا، كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغاننى شۇكى، جۇڭگو خەلقىدە ئومۇميۈزلۈك كالتسىي كەملىك مەۋجۇت. ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان مەزگىلدە كالتسىي كەملىك تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن كالتسىي كەملىك تېخىمۇ روشەن ئىپادىلىنىدۇ. دىيابېت كېسىلى بار ياشانغان بىمارلاردا سۆڭەك ماددىسى شالاڭلىشىش، ھەتتا ئاسانلا سۆڭەك سۇنۇشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. شۇڭا كالتسىي تولۇقلاش دىيابېت بىمارلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.
كالا سۈتى تەركىبىدە كالتسىي ئىنتايىن مول بولۇپ، ھەركۈنى نورمال مىقداردا سۈت ئىچىپ بېرىش، كالتسىي تولۇقلاشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھازىر نۇرغۇن ئالىملار دورا يەپ كالتسىي تولۇقلاشنىڭ كالا سۈتى ئىچىپ كالتسىي تولۇقلاشقا يەتمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى.
ئادەتتە ھەر كۈنى 500 گىرام كالا سۈتى ئىچكەندە ئادەم ئورگانىزمىنىڭ كالتسىيغا بولغان ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدۇ.
شۇڭلاشقا، دىيابېت بىمارلىرىغا ئەتىگەنلىك ناشتىدا ياكى تاماق يېگەندە سۈت ئىچىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك. شېكەر، ناۋات قاتارلىق تاتلىق يېمەكلىكلەرنى قوشۇشقا بولمايدۇ. ئەمما تېتىتقۇلارنى مۇۋاپىق قوشۇشقا بولىدۇ.