ئانا سەھىپەتاغدىن باغدىنھىكايەتلەردوختۇرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىنكى تەسىراتى

دوختۇرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىنكى تەسىراتى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

توۋتياۋ تورى خەۋرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

مەن رەسمىي ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرى بولغان يىلى، ئانامنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ئاڭلىدىم. دوختۇرلۇقنى ئۆگىنىۋاتقىلى شۇنچە يىل بولدى، ئانامنىڭ مېنىڭ ئەڭ دەسلەپكى بىمارلىرىمنىڭ بىرى بولۇپ قېلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم.

بىراق، ئەينى چاغدا ئانام بېيجىڭدا، مەن ئامېرىكىدا ئىدىم، مەن پەقەت تېببىي شۆيۈەندىكى ساۋاقداشلىرىمغا تېلېفون قىلىپ، دوختۇرخانىدا يېتىش، تەكشۈرۈش، ئوپېراتسىيە قىلىش قاتارلىق ھەممە ئىشلارنى ئوڭۇشلۇق قىلالايتتىم.

قايتىپ بېرىپ ئانامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمايدىغانلىقىمدىن تولىمۇ خىجىل بولدۇم، پەقەت ھەر كۈنى تېلېفون ئارقىلىق مەن ئېرىشەلەيدىغان بارلىق ئۇچۇرلارنى سۈرۈشتۈرۈپ، تەسەللىي بېرەلەيىتتىم.

ئانام دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئۆيگە قايتقان كۈنى، دوختۇرخانىنىڭ دەرۋازىسىدىن ئەمدىلا چىقىشىغا، بىرەيلەن ئۇنىڭغا مېھرىگىياھ ئىسپورا تالقىنى (灵芝孢子粉)نى تونۇشتۇرۇپ، بۇ مەھسۇلاتنىڭ راكنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، راكقا قارشى تۇرىدىغانلىقى، ئىممۇنىتېت كۈچىنى تەڭشەيدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.

مەن: « مەسئۇل دوختۇرىڭىز نېمە دەيدۇ؟» دەپ سورىدىم.

ئانام: «دوختۇر بەدىنىمدىكى ئۆسمىنى پاكىز كېسىپ ئېلىۋەتكەنلىكىنى، لىمفا تۈگۈنىگە كۆچمىگەنلىكىنى، قوشۇمچە خىمىيەلىك داۋالاش، رادىئاتسىيەلىك داۋالاشنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى، بۇ ئاتالمىش قۇۋۋەت دورىلىرىنى يېمەسلىكنى ئېيتتى»، دېدى.

«ئۇنداق بولسا، مەسئۇل دوختۇرىڭىزنىڭ گېپىنى ئاڭلاڭ»، دېدىم مەن.

«لېكىن، نۇرغۇن بىمارلار بۇنىڭ پايدىسى بار دەيدۇ، يەنە زىيانلىق ئەمەستۇ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى تەبىئىي تۇرسا!»، دېدى ئانام.
«بۇنداق دېيىشكە بولمايدۇ، بۇ قۇۋۋەت دورىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ دورىلىق خۇسۇسىيىتى ئېنىق ئەمەس. دورىنىڭ ئۈچ ئۈلۈشى زەھەر، ئەكس تەسىرى يوق دېگىلى بولمايدۇ. بەزىلىرى بەدەنگە زىيانلىق بولۇشى مۇمكىن»، دېدىم.

ئانام جىمىپ قالدى، مەن تېلېفوندىن بىر خىل ئۈمىدسىزلىكنى ھېس قىلغاندەك بولدۇم.

مېھرىگىياھ جۇڭگو مەدەنىيىتىدە «ئۆمۈرنى ئۇزارتىدىغان خىسلەتلىك ئوت» دەپ تەرىپلىنىپ، ئەنئەنىۋى جۇڭگو تېبابىتىدە كەڭ قوللىنىلىپلا قالماي، ياپونىيە، كورېيە ۋە پۈتكۈل ئاسىيا رايونىدا ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى تەڭشەپ، ئەيدىز كېسىلى ۋە راك كېسىلىگە تاقابىل تۇرۇشقا ئىشلىتىلگەن.

گەرچە تەجرىبىخانىدا ھۈجەيرە يېتىشتۈرۈشتە يەنە ھايۋانات مودېلى تەجرىبە سانلىق مەلۇماتلىرىدا مېھرىگىياھنىڭ ئىممۇنىتېتنى تەڭشەش، جىگەرنى قۇۋەتلەش، بۆرەكنى ياخشىلاش، ياللۇغقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى بار بولسىمۇ، لېكىن ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈمدە يەنىلا كلىنىكىلىق ئادەم بەدىنى تەجرىبىسىگە قاراش كېرەك.

بۇنىڭغا قارىتا، بۈگۈنگە قەدەر، پەقەت بەزى كىچىك تىپتىكى كلىنىكىلىق تەجرىبىلەردىن بەزى تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق يەكۈن چىقتى، چوڭ تىپتىكى ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە تاسادىپىي كلىنىكىلىق تەجرىبە تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، مېھرىگىياھ ئىككىنچى تىپلىق دىيابېت كېسەللىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە پايدىسىز ئىكەن.

راكقا قارشى تۇرۇش جەھەتتە، ھۈجەيرە يېتىشتۈرۈش ۋە ھايۋانات مودېلىدىكى سانلىق مەلۇماتلار كىشىنى نەقەدەر ھاياجانلاندۇرىدۇ، لېكىن مېھرىگىياھ تەركىبىنىڭ كلىنىكىلىق داۋالاشتا باشتىن-ئاخىر ھېچقانداق بىۋاسىتە قىممىتى يوق.

كلىنىكا دوختۇرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز يەنىلا كلىنىكىلىق تەجرىبىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئاساس قىلىشىمىز كېرەك.
بىر تۈرلۈك راك كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قالغان بىمارلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 34 نەپەر بىمار مېھرىگىياھدىن ئايرىپ ئېلىنغان ماددىنى 12 ھەپتە ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، ھەقىقەتەن قان پلازمىسىدىكى ئاق قان ھۈجەيرىسى ۋاسىتىچى ماددىسى 2-، ئاق قان ھۈجەيرىسى ۋاسىتىچى ماددىسى 6-ۋە ئىنتېرفېروننىڭ قويۇقلۇقى ئېشىپ كەتكەنلىكى، ئاق قان ھۈجەيرىسى ۋاسىتىچى ماددىسى 1-ۋە ئۆسمىنى نېكروزلىغۇچى فاكتورنىڭ قويۇقلۇقى تۆۋەنلىگەنلىكى بايقالغان، لېكىن ماقالىدە بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئۆسمە كېسىلىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى چۈشەندۈرۈلمىگەن.

بىر تۈرلۈك ياپونىيە كلىنىكا تەتقىقاتى بوغماق ئۈچەي ئۆسمىسى بىمارىدىن 123 نى ۋە نورمال بىماردىن 102 نى سېلىشتۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزگەن، تەتقىقاتچىلار بىمارنىڭ مېھرىگىياھدىن ئايرىپ ئېلىنغان ماددىنى 12 ئاي ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، مېھرىگىياھ تەركىبىنىڭ بوغماق ئۈچەي ئۆسمىسىنى چەكلەش رولى بارلىقىنى بايقىغان.

ئەمما، بوغماق ئۈچەي ئۆسمىسى راك پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرىكى بىر خىل كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولۇپ، بىمارلار دائىم بوغماق ئۈچەي ئەينىكىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا شۇنى بايقايدۇكى، بۇ ۋاقىتتا ئەينەك ئاستىدا ئۆسمىنى كېسىپ ئېلىۋەتكىلى بولىدۇ، ھەم ئېنىق دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ، ھەم يىلتىزىدىن داۋالاش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ، بىر يىل مېھرىگىياھدىن ئايرىپ ئېلىنغان ماددىنى ئىچىشنىڭ ھەقىقەتەن ھاجىتى يوق! شۇڭا، گەرچە بۇ كىلىنىكىلىق تەتقىقاتنىڭ بايقىلىشى ئاكتىپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كىلىنىكىلىق ئەمەلىيەتكە نىسبەتەن ئانچە كۆپ ئەھمىيىتى يوق.

يەنە بىر تۈرلۈك ئالدىن كۆرەرلىك تاسادىپىي كىلىنىكىلىق تەجرىبە ئەسلەش خاراكتېرلىك خۇلاسە بولۇپ، مېھرىگىياھتىن ئايرىپ ئېلىنغان ماددىنى راك كېسىلىنىڭ بىرىنچى سېپىدە داۋالاشقا ئىشلىتىش ياكى راك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئۆمىرىنى ئۇزارتىشتا ئەمەلىي قىممىتى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق دەلىل-ئىسپات بايقالمىدى.

مېھرىگىياھنىڭ ئۆسمە بىمارلىرىغا ھېچقانداق پايدىسى يوق ئىكەن، ئۇنداقتا ئۇنىڭ زىيىنىمۇ يوقمۇ؟

ئۇنداق ئەمەس.

كانادالىق تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، ئۈچ خىل ئوخشاش بولمىغان قويۇقلۇقتىكى مېھرىگىياھدىن ئايرىپ ئېلىنغان ماددا ساغلام ئادەم ۋە راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ئاق قان ھۈجەيرىلىرىگە قارىتا چەكلەش خاراكتېرلىك زەھەرلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ، كلىنىكىدا جىگەرنى زەھەرلەش بىلەن مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر كۆپ قېتىم خەۋەر قىلىنغان.

كۆپلىگەن تەتقىقات گۇرۇپىللىرى مېھرىگىياھدىن ئايرىپ ئېلىنغان ماددا ھەزىم قىلىش يولى ئۆسمىسى بىمارلىرىنىڭ تېنىدىكى ئۆسمە بەلگە ماددىسى CA72-4 نىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بايقىغان، ئەمما ئۇلار بۇ خىل ماددىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى بىلەن ئۆسمە كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنى بايقىمىغان، چۈنكى بۇ تەجرىبىلەردە، بىمارلارنىڭ مېھرىگىياھدىن ئايرىپ ئېلىنغان ماددىنى ئىستېمال قىلىش ھەرىكىتى ناھايىتى تېزلا توختاپ قالغان. مېھرىگىياھدىن ئايرىپ ئىلىنغان ماددىنى ۋاقتىدا توختاتقاندىن كېيىن، بىمارنىڭ CA72-4 سەۋىيەسى ناھايىتى تېزلا ئەسلىگە كەلگەن.

گەرچە بۇنىڭ ئارقىسىدىكى مېخانىزم تېخى ئېنىق بولمىسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەت بىزگە مېھرىگىياھدىن ئايرىپ ئېلىنغان ماددىلارنى كىلىنىكىدا ئىشلىتىشتە ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولۇشنى ئەسكەرتىدۇ.

مېھرىگىياھدىن ئايرىپ ئېلىنغان ماددا تەجرىبىخانىدىكى تەكشۈرۈشكە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، يەنە كلىنىكىلىق خىمىيەلىك داۋالاشقا يوشۇرۇن تەسىر كۆرسىتىدۇ. چۈنكى مېھرىگىياھنىڭ ئەڭ ئاساسلىق رولى ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇشتۇر. نۇرغۇن خىمىيەلىك داۋالاش دورىلىرى دەل ئەركىن رادىكالنىڭ ئوكسىگىندىن پايدىلىنىپ راك ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرىدۇ. ئەگەر خىمىيەلىك داۋالاش مەزگىلىدە مېھرىگىياھدىن ئايرىپ ئېلىنغان ماددا ئىستېمال قىلىنسا، مېھرىگىياھنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى ئەكسىچە خىمىيەلىك داۋالاشقا قارشى تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.

ئانامنىڭ ئۈمىدسىزلىكىگە قارىتا، مەن بۇ تەتقىقاتلارنى سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرمىدىم، بەلكى ئۇنى ئىلمىي ئەمەس دەپ ئەيىبلىدىم، مەن: ـــ ئىككىڭلار پېنسىيەگە چىققان پىروفېسسور، بىر ئۆمۈر ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللاندىڭلار، نېمىشقا ئادەمنى قايمۇقتۇرىدىغان بۇ نەرسىلەرگە ئىشىنىسىلەر؟». دېدىم.

توغرا، بۇمۇ مەن بىر ئادەمنىڭ قارشى تۇرۇشى ئەمەس، لېكىن مۇشۇ ياشقا كىرگەن ئاتا-ئانىسى بار ساۋاقداشلاردىن كىمنىڭ قورسىقى ئاچچىق بولمايدۇ! بىر توپ پېنسىيەگە چىققان ياشانغانلار ياش سېتىقچىلار تەرىپىدىن بىردەم ئۆمەككە ساياھەتكە، بىردەم ئۆمەككە ئېكسكۇرسىيەگە قاتنىشىپ، ئاندىن بىر دۆۋە ھەر خىل تەبىئىي قۇۋۋەت بۇيۇملىرى، ئورگانىك يېشىل مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىۋاتسا.

مەن شۇنى ھېس قىلدىمكى، سىزنىڭ ھەمراھىڭىزلا ئەمەس، ئاتا-ئانىڭىزمۇ سىزنىڭ پىكىرىڭىزگە قوشۇلۇپ كەتمەيدۇ.

لېكىن، مەن ئۇ چاغدا ئانامغا بۇ گەپلەرنى دېگەنلىكىمگە قاتتىق پۇشايمان قىلدىم، مەن بىمارلار بىلەن بىمالال سۆزلىشەلەيتتىم، نېمىشقا ئانامغا بىر-ئىككى ئېغىز گەپ قىلسام مېنىڭ گېپىمگە ئىشەنمەيدىغاندۇ؟

كېيىنكى كۈنلەردە ئانام ماڭا پات-پات مەلۇم بىر بىمارنىڭ مېھرىگىياھ، سپورا تالقىنى يەۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭدىن يېگەن-يېمىگەنلىكىنى سورايتتى. ئۇ پەخىرلەنگەن ھالدا: «مەن يېمىدىم، ئوغلۇم يېمىسىمۇ بولىدۇ دېگەن ئىدى»، دەيتتى.

ئەمما كۆڭلۈمنىڭ چوڭقۇر يېرىدە، بۇ گەپلەرنى پەقەت ماڭا دەپ بېرىش ئۈچۈنلا دېگەنلىكىنى بىلىمەن، ئەمەلىيەتتە ئۇ يەنىلا ۋاز كېچەلمەيتتى.
ئانام دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئىككى ئايدىن كېيىن، مەن ئاخىرى رۇخسەت سوراپ بېيجىڭغا قايتتىم. ئىلگىرىكى ئۆتكەن ئىشلارغا قارىتا، ئانامنىڭ ئىپادىسى بۇرۇنقىدەكلا ئىدى، ئەمما مەن بۇ ئىشلارنىڭ ئۇنىڭ مېنىڭ يۈزۈمنى چۈشۈرمەسلىك ئۈچۈن دېگەندىن كۆرە، مېنىڭ ئالدىمدا يۈز تۆكۈشنى خالىماسلىق ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.

ئاخىر بىر كۈنى دادام ئانامغا: «مەن تېببىي ماتېرىياللارنى كۆرۈپ چىقتىم، بۇ نەرسىنىڭ ھەقىقەتەن پايدىسى يوق ئىكەن»، دېدى. مەن دەرھال ئانامنىڭ كەيپىياتىنىڭ خۇددى قانات قاققاندەك ئاسماندا پەرۋاز قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم.

دادام ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىلىم ـ پەنگە ئىشىنىدىغان ئادەم ئىكەنلىكىنى، ئانامغا بولغان مېھرى-مۇھەببىتىنى ئىسپاتلىدى.
بىز كېسەل بولۇپ قالغاندا، بۇ چاغ چوقۇم بىزنىڭ ئەڭ ئاجىز ۋاقتىمىز. ئەگەر سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادەم ياكى سىزنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادەم سىزنى ئېغىر يۈكتىن قۇتۇلدۇردىغان بىر ئىش قىلىپ بەرسە، بۇ چوقۇم سىزگە چوڭقۇر تەسىر قىلىدۇ.

ئانامنىڭ سالامەتلىكى ناھايىتى ياخشى ئەسلىگە كەلدى، پات-پات تارتۇقتىن كېلىپ چىقىدىغان ئاغرىقتىن باشقا، 15 يىلدىن بۇيان قايتا قوزغالغاندەك ئالامەتلەر كۆرۈلمىدى. راك كېسىلى بىلەن ھايات قالغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلار دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق راك كېسىلىنىڭ قايتا قوزغىلىشىدىن ئەنسىرەش ۋە تەشۋىش. ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى روھىي جەھەتتىكى تەسەللى، يەنى ئۇ ئەڭ ئىشىنىدىغان ئادەمنىڭ قايتا-قايتا تەسەللىسى.

مېھرىگىياھ ياكى باشقا خىسلەتلىك قۇۋۋەت تولۇقلاش بۇيۇملىرىغا بولغان خۇراپىيلىقنى ئەمەلىيەتتە بەك ئەيىبلەپ كېتىشكە بولمايدۇ. بىراق ئۇمۇ پەقەت بىر خىل روھىي تەسەللى. ئەگەر كەسپىي خادىملار بىمارغا كەسپىي جەھەتتىن مەسىلىھەت بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارغا ھېسسىيات ۋە پىسخىكا جەھەتتىكى غەمخورلۇق ۋە ئىشەنچنى ھېس قىلدۇرسا، بۇ خۇددى ئايالى يولدىشىنىڭ مۇھەببىتى ۋە قوللىشىنى ھېس قىلغانغا ئوخشايدۇ.

كۆڭۈلدىكىدەك دوختۇر بىلەن بىمارنىڭ مۇناسىۋىتى، ئەمەلىيەتتە سىزنى ياخشى كۆرگەندىكى ھېسسىياتقا ئوخشايدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-05-21

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-05-20 / 03:35:48

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ