ئانا سەھىپەتاغدىن باغدىنھىكايەتلەرگۈزەل قىزنىڭ خاتا يوللاپ قويغان بىر ئۇچۇرى ھەممە ئادەمنىڭ قەلبىنى زىلزىلىگە سالدى

گۈزەل قىزنىڭ خاتا يوللاپ قويغان بىر ئۇچۇرى ھەممە ئادەمنىڭ قەلبىنى زىلزىلىگە سالدى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئوغۇل دوستى بىلەن گەپ تەگىشىپ قالغان بىر قىز بىر قىسقا ئۇچۇر يوللاپ يىگىتىنىڭ پوزىتسىيەسىنى سىناپ باقماقچى بوپتۇ.

گۈزەل قىزنىڭ خاتا يوللاپ قويغان بىر ئۇچۇرى ھەممە ئادەمنىڭ قەلبىنى زىلزىلىگە سالدى
“سىزنى بەك سېغىندىم” دېگەن ئۇچۇرنى يوللاپ بولۇپ خاتا يوللاپ قالغانلىقىنى بايقاپتۇ ۋە دەرھال يەنە بىر قېتىم يوللاپتۇ بۇ قېتىم ئۇ توغرا يوللىغان ئىدى.

لېكىن بىر ئاخشام ساقلىسىمۇ يىگىتى ئۇنىڭغا ئۇچۇر قايتۇرمىدى.

ئىككىنچى كۈنى قىز خىزمەت ئورنىدا خوش ياقمىغان ھالدا خىزمەت قىلىۋاتقاندا “تىرىڭ” قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ يىگىتىنىڭ ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالدى، ئۇچۇردا “بىز ئايرىلىپ كېتەيلى، مەن سىزنىڭ ئوسال مىجەزىڭىزگە چىدىيالمىدىم دەپ يېزىلغان ئىدى.”

بۇ ۋاقىتتا تۇيۇقسىز قىزنىڭ ئاپىسىدىن تېلېفون كېلىپ قالدى.
-ئاپا بۇ ۋاقىتتا تېلېفون قىلىپ قاپسىزغۇ؟
_جېنىم قىزىم سىزگە يۇرتتىن يوتقان كۆرپە ئېتىپ دادىڭىزدىن ماڭدۇرۋەتتىم، ئەمدى كەچلىرى يوتقاننى چىڭراق يېپىنىپ يېتىڭ، ھاۋا ئوبدانلا سوۋۇپ قالدى.
-يەنە تاماقنى ۋاقتى ۋاقتىدا يەڭ، ئۇششاق چۈششەك نەرسە يېگەنگە قورساق تويمايدۇ، ئورۇقلايمەن دەپ تاماق يېمەي يۈرمەڭ.
-ئاپا نېمىشقا تۇيۇقسىز ماڭا يوتقان كۆرپە ماڭدۇرسىڭىز كەپ قالدى؟
-جېنىم قىزىم ئاخشام سىز يوللىغان “سىزنى سېغىندىم” دېگەن ئۇچۇرنى كۆرۈپ بىر كېچە كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمىدى
– ھە … ھە ، ھېلىقى ئۇچۇر ..

-ئاخشام دادىڭىز بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئەتىگەندىن بىرى يوتقان كۆرپىنى تەييارلاپ ماڭدۇرۋەتتىم، ئەمدى ئۆيدە ياتقاندەك ئىسسىق ياتسىز قىزىم، خەقنىڭ يۇرتىدا بويۇن قىسىپ قالماڭ.
قىزچاق ئاپىسىغا مەن ئۇ ئۇچۇرنى خاتا يوللاپ قويغان دېمەكچى بولدىيۇ لېكىن دېيەلمىدى ، پەقەت كېكەچلەپ يۈرۈپ “ئاپا ئەنسىرىمەڭ، مەن ناھايىتى ياخشى تۇرۇۋاتىمەن ” دېگەن گەپلەرنى دېيەلىدى، ۋە تېلېفوننى قۇيۋېتىپلا ئۈن چىقىرىپ يىغلاپ كەتتى

بىز لايىقىمىزغا، دوستلىرىمىزغا ، خىزمەتدېشىمىزغا كۆڭۈل بۆلىمىز لېكىن ئاتا ئانىمىزغا ئەزەلدىن تۈزۈك ۋاقىت ئاجرىتىپ كۆڭۈل بۆلمەيمىز.
بىز ئەزەلدىن ئىشىمىز بولمىسا ئاتا ئانىمىزغا بىرەر تال ئۇچۇر ياكى ئۈندىداردا بىرەر ئېغىز گەپ يوللاپ قويمايمىز، چۈنكى يانچۇقىمىزدا پۇلىمىز بار، پۇل تۈگىگەندە يوللىساقمۇ بولىدۇ.
ئاتا ئانىمىزغا تېلېفون قىلىپ 5 مىنۇتتىن ئوشۇق پاراڭلاشمايمىز ئەمما بەزى بىرلەر بىلەن تېلېفون پاراڭلىشىپ تاڭنى ئاتقۇزۋېتىمىز.

چوڭ بولغاندا ئۆيدىن ئايرىلدۇق ئەمما ھېچكىمنىڭ ئاتا-ئانىدەك ھەممە ئىشتا بىزنى ئەپۇ قىلمايدىغانلىقىنى، خاتالىقلىرىمىزنى سەردارىم كەچۈرمەيدىغانلىقىنى بايقىدۇق.
سىزنىڭ “سېنى سېغىندىم” دېگەن بىر ئۇچۇرىڭىزنى كۆرگەندە جاندىن كېچىدىغان لايىقىڭىز بەلكىم ئۇچۇرىڭىزغا قاراپ كۈلۈپ قويۇپ يەنە باشقا بىرسى بىلەن تانسا ئويناۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئاتا ئانىڭىزغا شۇنداق ئۇچۇردىن بىرنى يوللاپ قويسىڭىز قىلىۋاتقان ھەممە ئىشىنى بىر چەتكە قايرىپ قويىدۇ، بىر ھەپتىگىچە يوللىغان ئۇچۇرىڭىزنى قوشنا قولۇم دوستلىرىغا تۇغقانلارغا دەپ يۈرۈيدۇ ، مانا بۇنى پەرق دەيمىز.

مەنبە: ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-05-10

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-05-10 / 07:13:27

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ