توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئادەتتە بالىلاردىكى جاۋغاي ياللۇغى ئورگانىزمنىڭ قارشىلىق كۈچى ناچار بولۇش ياكى ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقى ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن ئېغىز بوشلۇقىدىكى زەمبۇرۇغلارنىڭ كۆپلەپ يامراپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئۆسۈشكە پايدىلىق باكتېرىيەنى ئىچكەندە قوشۇمچە داۋالاش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ، لېكىن كۆزلىگەن ئۈنۈمگە يېتىش ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن بولۇپ، رولىنى تېز جارى قىلدۇرالمايدۇ. ئەگەر بالىلار جاۋغاي ياللۇغىغا گىرىپتار بولسا، زەمبۇرۇغقا قارشى دورىلارنى ئىچكۈزۈش ياكى سۈركەش ئارقىلىق داۋالاشنى تەۋسىيە قىلىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆسۈشكە پايدىلىق زەمبۇرۇغلارنى تولۇقلاش لازىم.
ئەگەر يۇقىرىقى ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئېغىز بوشلۇقى بۆلۈمى ياكى ساقلىقنى ساقلاش بۆلۈمىگە بېرىپ باھالاپ، بالىغا ئۆسۈشكە پايدىلىق باكتېرىيەنى ياكى قايسى خىل ئۆسۈشكە پايدىلىق باكتېرىيەنى ئىشلىتىشكە ماس كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى كۆزىتىش كېرەك. جاۋغاي ياللۇغى كۆرۈلگەندە بالىلار ئىشلىتىدىغان سۈت بوتۇلكىسى، ئېمىزگۈ، ئەمچەك توپچىلىرىنى پاكىز تازىلاپ، يۇقۇملىنىشنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17849374.shtml