كىچىك كانايچە سپازمىلىنىش كىچىك كانايچە سىلىق مۇسكۇلىنىڭ قىسقىرىشىدىن كېلىپ چىققان تارىيىش ۋە توسۇلۇشنى كۆرسىتىدۇ، بۇ ھاۋا ئېقىمىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئادەتتە زىققا، سوزۇلما توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسىلى ( COPD ) قاتارلىق نەپەس سىستېمىسى كېسەللىكلىرىدە يۈز بېرىدۇ.
ئۇيغۇرچە: كىچىك كانايچە سپازمىلىنىش
ئىنگىلىزچە: Small bronchial Spasm
خەنزۇچە: 小支气管痉挛
تۈركچە:Küçük Bronş Spazmı
غەرب تېبابىتى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، كىچىك كانايچە سپازمىلىنىشنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن:
1. زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيىسى بەزى كىشىلەر گۈل چېڭى، چاڭ – توزان، ھايۋانات تېرىسى قاتارلىق ماددىلارغا زىيادە سەزگۈر بولۇپ كەتسە، نەپەس يولى ياللۇغى ۋە شىلىمشىق سۇيۇقلۇقنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى كۆپەيتىپ، كىچىك كانايچىلارنىڭ تارتىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. يۇقۇملىنىش ۋىرۇس ياكى باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىش كانايچە شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاپ، كۆپ مىقداردا شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىپ، نەپەس يولىنىڭ تارىيىشى ۋە توسۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. مۇھىت ئامىلى ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى، ئىس – تۈتەك قاتارلىق ئامىللارمۇ كانايچە شىللىق پەردىسىنىڭ شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى غىدىقلاپ، كىچىك كانايچىلارنىڭ تارتىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
تەكشۈرۈش ۋە دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلى ئادەتتە تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1.X رېنتگېندە تەكشۈرۈش:ئۆپكە قۇرۇلمىسى ۋە كېسەللىك ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.
2.CT تەسۋىر كۆچۈرۈش:ئۆپكىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە كېسەللىك ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆزەتكىلى بولىدۇ.
3. كانايچە ئەينىكىدە تەكشۈرۈش كانايچىنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى، جۈملىدىن شىلىمشىق سۇيۇقلۇقنىڭ ئاجرىلىپ چىقىش دەرىجىسى قاتارلىقلارنى بىۋاسىتە كۆزىتىشكە بولىدۇ.
داۋالاش ئۇسۇلى كونكرېت كېسەللىك سەۋەبى ۋە كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىگە باغلىق. بەزى يېنىك دەرىجىدىكى كىچىك كانايچە سپازمىلىنىش ستېروئىد تۈرىدىكى دورىلارنى ئىچىش ياكى سۈمۈرۈش ئارقىلىق كېسەللىك ئالامىتىنى پەسەيتىدۇ؛ ئېغىر ئەھۋالدا بالنىستتا يېتىپ داۋالىنىشقا توغرا كېلىشى مۇمكىن، ھەمدە ئوكسىگېن بىلەن داۋالاش، نەپەسلەندۈرۈش ماشىنىسى ئارقىلىق قوشۇمچە ھاۋا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، بەزى كېسەللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان كىچىك كانايچىلار سپازمىلىنىشنىمۇ قاراتمىلىقى بولغان ھالدا داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ.