ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ھەرقانداق بىر ئەر كىشى بولغۇچى ئۆزىنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرى بولۇشىنى، ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، بېسىم تىكلىنىش ئىقتىدارىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىدىكى ئاساسلىق پىسخىكىلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن. كارىۋاتتىكى چىدامچانلىقىڭىزنى ئاشۇرۇشنىڭ كونكرېت ئۇسۇللىرىنى ئىزدەشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنىڭ بېسىمىڭىزنىڭ قانچىلىك يۇقىرى ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈپ بېقىشىڭىز كېرەك، ئەگەر خىزمەت ياكى ئائىلە مەجبۇرىيىتى سىزگە بېسىم ئېلىپ كەلسە، ئەڭ ياخشى ئۇسۇل يەنىلا ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزدىكى بېسىم مەسىلىسىنى ھەل قىلىش.
گۆشنى ئاز يەپ، ھاراقنى كۆپ ئىچمەسلىك
بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، گۆشسىز تاماق سىزنىڭ جەڭگىۋارلىقىڭىزنى تېخىمۇ ئۇزاق داۋاملاشتۇرىدىكەن. تەتقىقاتچىلار ئارىلاش ئوزۇقلىنىدىغان ئەرلەر بىلەن گۆشسىز ياكى يېرىم گۆشسىز غىزالىنىدىغان ئەرلەرنىڭ نەتىجىسىنى سېلىشتۇرغان، گەرچە گۆشسىز ۋە يېرىم گۆشسىز غىزالىنىدىغان كىشىلەر توپىدا ئوخشاشلىق بولمىسىمۇ لېكىن بىر قاتار چىدامچانلىق سىنىقىدا گۆشنى ئاز يەيدىغان ئەرلەر گۇرۇپپىسى يەڭگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىسپىرتقا تايىنىدىغان ئەرلەردە جىنسىي ئاجىزلىق كۆپ ئۇچرايدۇ، 100 نەپەر ئەر ھاراقكەش ئىچىدە %72 ئادەمنىڭ بىر ياكى كۆپ خىل جىنسىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرايدىكەن.
ھەمراھىڭىز بىلەن بىللە كېگېل مەشىقى قىلىڭ
كېگېل مەشىقى پەقەت ئاياللارغىلا قارىتىلغان ئەمەس، بۇ ئاددىي ھەم ئۈنۈملۈك داس بوشلۇقىنى چېنىقتۇرىدىغان مەشىق بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئەرلەر تىكلىنىشنىڭ قاتتىقلىقىنى ئاشۇرالايدۇ. ئەڭ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن كۈندە ئىككى قېتىم بۇ ھەرىكەتنى قىلىپ بەرسە بولىدۇ.
سىز يۇقىرىقى بىر قانچە ئۇسۇلنى قوللانغاندا سەۋرچان بولۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. مەيۈسلىنىش پەقەت بېسىمنى ئاشۇرۇپ سىزنى تۈگەشتۈرىدۇ.
ئەلۋەتتە، ئەگەر سىز يۇقىرىدىكى ئۇسۇل بويىچە بىر مەزگىل مەشىق قىلغاندىن كېيىن، كۆڭۈلدىكىدەك ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىسىڭىز، ۋاقتىدا كەسپىي دوختۇردىن ياردەم سورىشىڭىز كېرەك.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/25778099.shtml