ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، تىببىي ساھەدە پەرزەنتنىڭ ساغلاملىقى ئاساسلىقى ئانىنىڭ تۇغۇت يېشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىلىپ كەلگەن. ئانىنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ يۈز بېرىدىغان ھامىلىدارلىق خەتەرلىرى ۋە تۇغما كەمتۈكلۈكلەر كۆپ تەتقىق قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئاتىنىڭ يېشىنىڭ بالىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ساغلاملىقى ۋە ئۆمۈر ئۇزۇنلۇقىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى بىر قەدەر سەل قارىلىپ كەلگەن ئىدى. يېقىندا گېرمانىيە مېڭە چېكىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر مەركىزى (DZNE) نىڭ ئالىمى دەن ئېنىڭېر (Dan Ehninger) ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئېلىپ بارغان يېڭى بىر تۈرلۈك تەتقىقات، بۇ قاراشنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، ئاتىنىڭ يېشىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئۆمرىنى بەلگىلەشتىكى مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تەتقىقات جەريانى: ياش ۋە ياشانغان چاشقانلار ئۈستىدىكى تەجرىبە
دەن ئېنىڭ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ئاتىنىڭ يېشى بىلەن كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ قېرىش جەريانى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، مۇرەككەپ بىر تەجرىبە لايىھەلىگەن. ئۇلار تەجرىبە جەريانىدا چاشقانلارنى مودېل قىلىپ ئىشلەتكەن بولۇپ، بۇنىڭدا ئىرسىي ئالاھىدىلىكى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولغان ئىككى گۇرۇپپا ئەركەك چاشقان تاللانغان. بىرىنچى گۇرۇپپىدىكى ئەركەك چاشقانلار 4 ئايلىق بولۇپ، «ياش ئاتىلار» غا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئىككىنچى گۇرۇپپىدىكىلەر بولسا 21 ئايلىق بولۇپ، بۇ چاشقانلارنىڭ ياشانغان مەزگىلىگە توغرا كېلىدۇ.
بۇ تەتقىقاتنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرىپى شۇكى، تەتقىقاتچىلار ئىجتىمائىي ۋە مۇھىت ئامىللىرىنىڭ تەسىرىنى چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن، ياشانغان ۋە ياش ئەركەك چاشقانلارنى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولغان ياش چىشى چاشقانلار (4 ئايلىق) بىلەن جۈپلەشتۈرگەن. تۇغۇلغان ئەۋلادلار پۈتۈنلەي ئوخشاش شارائىتتا بېقىلغان بولۇپ، ئۇلار تەجرىبە جەريانىدا ئاتىلىرى بىلەن ھېچقانداق بىۋاسىتە ئۇچراشمىغان. بۇ ئارقىلىق، بالىلاردا كۆرۈلگەن ھەر قانداق ئۆزگىرىشنىڭ پەقەت ۋە پەقەت ئاتىنىڭ ئىسپىرمىسى ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن بىئولوگىيەلىك سىگناللاردىن كەلگەنلىكى جەزملەشتۈرۈلگەن.
تەتقىقات نەتىجىسى: ياشانغان ئەردىن تۇغۇلغان ئەۋلادلارنىڭ ئۆمرى قىسقا بولىدۇ
تەتقىقاتچىلار ئەۋلاد چاشقانلار 19 ئايلىق بولغاندا (بۇ چاشقانلار ئۈچۈن ئوتتۇرا ياشتىن ئاشقان مەزگىل) ئۇلارنى ئەتراپلىق تەكشۈرگەن. نەتىجىدە تۆۋەندىكىدەك كۆرۈنەرلىك پەرقلەر بايقالغان:
- ياشانغان دادا تۇغۇلغان ئەۋلادلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى، ياش ئاتىدىن تۇغۇلغانلارغا قارىغاندا روشەن قىسقا بولغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلاردا فىزىئولوگىيەلىك قېرىش ئالامەتلىرى (مەسىلەن، ئەزا ئىقتىدارلىرىنىڭ چېكىنىشى) بالدۇرراق ۋە ئېغىرراق كۆرۈلگەن.
بۇ بايقاش ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى ئۇ قېرىشنىڭ پەقەت ياشقا باغلىق جەريانلا بولماستىن، بەلكى ئاتىدىن كېيىنكى ئەۋلادقا يەتكۈزۈلىدىغان بىر خىل بىئولوگىيەلىك «سائەت» ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تەتقىقاتچىلار بۇ پەرقلەرنىڭ سەۋەبىنى ئىزدىگەندە، بۇنىڭ گېن گۇرۇپپىسىدىكى تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشتىن بولمىغانلىقىنى بايقىغان. ئەكسىچە، بۇ ئاتىنىڭ ئىسپىرمىسىدىكى ئېپىگېنېتىكىلىق (Epigenetic) ئۆزگىرىشلەر، يەنى گېنلارنىڭ ئىپادىلىنىشىنى كونترول قىلىدىغان مولېكۇلا سىگناللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
ئېپىگېنېتىكا ۋە مولېكۇلا سىگناللىرىنىڭ رولى
دەن ئېنىڭنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئاتىنىڭ يېشى چوڭايغاندا، ئۇنىڭ ئىسپىرمىسىدىكى بەزى خىمىيەۋى بەلگىلەر ئۆزگىرىدۇ. بۇ ئۆزگىرىشلەر بالىنىڭ گېن قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتمىگەن بىلەن، بالىنىڭ بەدىنىدىكى ئۆمۈر ۋە قېرىشنى كونترول قىلىدىغان مولېكۇلا سىگناللىرىنىڭ خىزمەت قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، ياشانغان ئاتىنىڭ ئىسپىرمىسى ئۆزى بىلەن بىللە بالىغا «بالدۇر قېرىش» يۆنىلىشىدىكى بىئولوگىيەلىك بۇيرۇقلارنى يەتكۈزىدۇ.
بۇ تەتقىقات ئىلگىرىكى بەزى ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارنىمۇ قوللايدۇ. ئىلگىرىكى كۆزىتىشلەردە، ياشانغان ئاتىلاردىن تۇغۇلغان پەرزەنتلەردە تەنھالىق كېسىلى (Autism) ۋە روھىي كېسەللىكلەرنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقى بايقالغان ئىدى.DZNE تەتقىقاتى بولسا بۇ باغلىنىشنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر بىئولوگىيەلىك ئاساسى بارلىقىنى، يەنى ئاتىنىڭ يېشىنىڭ بالىنىڭ ھەتتا يېتىلىش سۈرئىتى ۋە ئۆمرىگىمۇ تەسىر قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.
خۇلاسە ۋە ئىنسانلار ئۈچۈن ئەھمىيىتى
گەرچە بۇ تەتقىقات چاشقانلار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ئالىملار بۇ نەتىجىنىڭ ئىنسانلارغىمۇ زور دەرىجىدە ماس كېلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلماقتا. ھازىرقى زامان جەمئىيىتىدە، نۇرغۇن ئەركەكلەر كەسىپ ۋە ئىقتىسادىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پەرزەنت كۆرۈش يېشىنى كېچىكتۈرمەكتە. بۇ تەتقىقات بىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، تۇغۇت ساغلاملىقى يالغۇز ئاياللارنىڭلا مەسئۇلىيىتى ئەمەس، بەلكى ئەرلەرنىڭ يېشىمۇ كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى ۋە ھاياتلىق سۈپىتىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.
كەلگۈسىدە، بۇ بايقاشلار ئارقىلىق ياشانغان ئاتىلاردىن تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش ۋە قېرىشنى ئاستىلىتىش جەھەتتە يېڭى تېببىي چارىلار تېپىلىشى مۇمكىن. ئەمما ھازىرچە، ياش مەزگىلدە پەرزەنت كۆرۈش كېيىنكى ئەۋلادلارغا «ئۇزۇن ئۆمۈر» سوۋغا قىلىشنىڭ ئەڭ تەبىئىي يولى بولۇپ قالماقتا.


