ئانا سەھىپەكېسەللىكلەرقۇلاق، بۇرۇن، بوغاز كېسەللىكلىرىدائىم بېشىڭىز ئاغرىسا بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغىدىن ئېھتىيات قىلىڭ

دائىم بېشىڭىز ئاغرىسا بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغىدىن ئېھتىيات قىلىڭ

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

باش ئاغرىسا، بۇرنىدىن ماڭقا ئاقسا، بۇ زۇكام بولغانلىقنىڭ ئالامىتى، بۇنى يەنە بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغىنىڭ ئالامىتى دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ. بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى بولسا، بۇرۇن كاۋىكى شىللىق پەردىلىرىدىكى ئالاھىدە خاس بولمىغان ياللۇغلىنىشتىن ئىبارەت. زۇكام ئاساسلىقى باكتېرىيە بىلەن ۋىرۇسنىڭ يۇقۇملاندۇرىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئىنىچكە كۆزەتكەندىلا، بۇ ئىككىسىنىڭ پەرقىنى ئاسانلا تېپىپ چىققىلى بولىدۇ.

1.ماڭقا ئاقىدۇ: بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى سەۋەبىدىن ئاققان ماڭقا كۆپىنچە يىرىڭلىق ياكى يېپىشقاق يىرىڭلىق، سېرىق ياكى سارغۇچ يېشىل رەڭدە بولىدۇ، مىقدارىنىڭ ئاز-كۆپلىكى ئېنىق ئەمەس، بۇرۇندىن ئاققان ماڭقىنى مىشقىرىپ چىقىرۋەتسە ياكى بەلغەم بولغان بولسا، ئۇنى تۈكۈرۈپ چىقىرىۋەتسە بولىدۇ.

2.بۇرۇن(دىماغ) پۈتۈپ قالىدۇ: بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى سەۋەبىدىن بۇرۇن(دىماغ) پۈتۈپ قېلىشنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكى ئوخشاش بولمايدۇ، كۆپىنچە بۇرۇن شىللىق پەردىلىرىگە قان تولۇپ ئىششىيدۇ ۋە ئاجرالما ماددىلار كۆپىيىدۇ، بۇرۇن پۈتۈپ قالغاندا، ھەمىشە پۇراش سېزىمى ۋاقىتلىق توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. ئەگەر بۇرۇن(دىماغ) پۈتۈپ قېلىش بىلەن بىللە، يەنە بۇرۇنغا مۇنچاق گۆش ئۆسۈپ قالغان بولسا، بۇرۇن بوشلۇقى پۈتۈنلەي توسۇلۇپ قالىدۇ.

3. باش ئاغرىيدۇ: ئاساسلىق ئالامىتى ئادەمنىڭ بېشى ئېغىرلىشىدۇ ياكى بېسىلغاندەك سېزىم بولىدۇ، بەزىدە تۇرۇپ-تۇرۇپ ئاغرىشى ياكى چىڭقىلىپ ئاغرىشى مۇمكىن. ھەمىشە باشنى تۆۋەن قىلىش، يۆتىلىش، نەپەس ئالماسلىق ياكى بەك كۈچەپ ھەرىكەت قىلىش قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، باش قىسىمدىكى ۋېنا بېسىمى ئۆرلەپ كەتسە، ياكى تاماكا چەكسە، ھاراق ئىچسە ھەمدە بەك ھاياجانلانغان چاغدا باش ئاغرىيدۇ ياكى ئاغرىق ئېغىرلىشىدۇ. چىش مەنبەلىك يۇقىرقى ئىڭەك كاۋىكى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلاردا ھەمىشە ئوخشاش تەرەپ (يۇقىرقى ئىڭەك) تىكى چىش ئاغرىش كېلىپ چىقىدۇ.

زۇكام، بۇرۇن بوشلۇقى ياللۇقى ۋە بۇرۇن ئوتتۇرا پاسىلى قىسمەن ئەگرى-دۇناي بولۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ھەممىسى ئاسانلا جىددىي ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ. چىش مىلىكى ياللۇغلىنىش بىلەن بەزى ھەرىكەت كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇرۇن (دىماغ) پۈتۈپ قېلىش، ھاۋا بېسىمىنىڭ تېز ئۆزگىرىشى قاتارلىقلارمۇ بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. زۇكام كەلتۈرۈپ چىقارغان جىددى خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغىنى ئاكتىپلىق بىلەن داۋالاش – بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى موھىم تەدبىر ھېسابلىنىدۇ. جىددىي خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار ئايروپىلانغا چىقسا بولمايدۇ، زۇكام بولغاندا ئايروپىلانغا چىقىش-بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى، شۇڭا زۇكام بولغاندا ئايروپىلانغا چىقىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

(ئابلەت ئابلىز تەرجىمىسى)
تەڭرىتاغ تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-05-09

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-05-09 / 06:51:28

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ