ئانا سەھىپەئەرلەر يىگىتلەرئەرلەر ساغلاملىقىسوغۇق ھاۋا - مەزى بېزى ئاسان زەخىملىنىدۇ

سوغۇق ھاۋا – مەزى بېزى ئاسان زەخىملىنىدۇ

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

نۆۋەتتە ، مەزى بېزى كېسەللىكى ئەرلەرنىڭ سالامەتلىكىگە تەھتىد قىلىۋاتقان بىر قاتل بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. كۆپلىگەن ئەرلەر ھاۋا كېلىماتى مەزى بېزى كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇشىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئانچە بىلىپ كېتەلمەيدۇ . ئەمما يېڭى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۆپلىگەن كېلىنك تەكشۈرۈشلەرنىڭ نەتىجىسىگە قارىغاندا، سوغۇق ھاۋامۇ ئەرلەرنىڭ مەزى بېزى ساغلاملىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەت بارلىقى بايقالغان.

سوغۇق ھاۋا - مەزى بېزى ئاسان زەخىملىنىدۇ

سوغۇق ھاۋا سىمپاتىك نېرۋىلار(交感神经)نىڭ ھاياجانلاندۇرۇپ ، مەزى بېزىنىڭ تەرىيىشى ، بەز نەيچىسى ھەم قان تومۇرلىرىنى كېڭەيتىپ ، ئاستا خاراكتىرلىق قان تولۇشىنى پەيدا قىلىپ ، سۈيدۈك يولى بېسىمىنى يۇقىرلىتىپ سۈيدۈكنىڭ كەينىگەيېنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇ ئەھۋاللار مەزى بېزى سۇيۇقلۇقىنڭ دۆۋىلىنىشىنى پەيدا قىلىدۇ . يۇقارقى ئۆزگىرىشلەر پات-پات سېيىش (尿频) ، سىيگەندە ئاغرىش(尿急) ، جىنسىي ئەزا ئاغرىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

كۆپ سۇ ئىچىش —ھەر كۈنى ئىستىمال قىلغان سۈيى 2 لېتىردىن كۆپ بولۇش

ھاۋا سوۋۇغاندىن كېيىن ، كۆپلىگەن ئادەملەرنىڭ ئىسىتمال قىلغان سۈيى ئازلاپ كېتىدۇ . ئىسىتىمال قىلغان سۈيى ئازلىسا ، سۈيدۈكنىڭ سۇمىقتارى ئازلاپ ، سۈيدۈكنىڭ قۇيۇلۇق دەرىجىسى يۇقىرىلاپ كېتىدۇ . سۈيدۈكتىكى زەھەرلىك ماددىلار مەزى بېزىگە ھەم بۆرەك ، دوۋساق قاتارلىقلارغا زىيىنى بار . شۇڭلاشقا قىش قىروۋ سوغۇقتا چوقۇم كۆپ سۇ ھەم چاي ئىستىمال قىلىش كېرەك . ھەر كۈنى 2 لېتىردىن كۆپرەك سۇ ئىچىپ ، سۈيدۈك مىقتارىنى كۆپەيتىپ ، سۈيدۈك ئارقىلىق سۈيدۈك يولىنى تولۇق تازىلاپ يۇيۇشىغا ، مەزى بېزى سۇيۇقلۇقىنى چىقىرىپ تاشلاشقا كاپالەتلىك بېرىش ، مەزى بىزىنىڭ قايتا يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش لازىم . لېكىن كېچە ئۇخلىغاندىن كېيىن دوۋساقنىڭ ئىيادە تولۇپ كېتىش ، قايتا – قايتا كېچىدە تۇرۇپ ھاجەتخانىغا چىقىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، كەچقۇرۇن سۇ ئىستىمال قىلىشنى ئازايتىش كېرەك .

سىيىش — سۈيدۈك قىستىغاندا ۋاقتىدا بوشۇنىۋېلىڭ .

سۇنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا ، بولۇپمۇ سوغۇق كۈنلەردە دائىم ئاسانلا سۈيدۈك قىستايدۇ . لېكىن سۈيدۈك قىستىغاندا << بىردەم چىدايلا…>>دىگەن خىيالدا بولماڭ ، سۈيدۈكنى قىسىپ ئولتۇرۇۋالغاندا ، دوۋساق سۈيدۈك بىلەن زىيادە كۆپ تولدۇرۇلۇنۇپ ، مەزى بېزىگە بېسىپ چۈشىدۇ ، مەزى بېزى كېسەللىكلىرى بىمارلىرى بۇنداق قىلغاندا ئاسانلا سۈيدۈكى كەينىگە يېنىپ ، بۆرەك ھەم سۈيدۈك نەيچىسىگە زەخىم ئېلىپ كېلىدۇ . بۆرەك ئىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ھەتتا سۈيدۈك سىيىش قىيىنلىشىش ھەم سۈيدۈك قالدۇق بولۇپ قېلىپ قىلىش قاتارلىق يامان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ .

ھاراق ، تاماكا ، ئاچچىق تائاملاردىن پەرىز تۇتۇش — ناتوغرا ئادەتلەردىن ساقلىنىش

ئاچچىق -چۈچۈك تائاملار يىمەكلىكلەر مەزى بېزى كېسەللىكىنىڭ بىۋاستە كېسەللىك ئامىلى ئەمەس ، لېكىن ھاراق ، قىزىل مۇچ قاتارلىق يىمەكلىكلەرھەم تاماكا قاتارلىقلار مەزى بېزىگە ھەم سۈيدۈك يولىغا غىدىقلاش رولىغا ئېگە بولۇپ ، قىسقا مۇددەتلىك جىنسى ئەزا قىسمى بىئارام بولۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ . يەنە مەزى بېزى ھەم دوۋساقنىڭ بويۇن قىسمىغا قان تولۇش ، سۇلۇق ئىششىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىپ مەزى بېزىنىڭ قارشىلىق كۈچىنى تۆۋەنلىتىدۇ . شۇڭلاشقا سوغۇق كۈنلەردا ، قىشلاردا ، ئاچچىق چۈچۈك يىمەكلىكلەرنى يىيىشتىن ساقلىنىش ھەم ھاۋاق – تاماكا بىلەن <<ئىسسىنىش >> دەك ئەھۋاللاردىن ساقلىنىش كېرەك .

كىيىم كىيىش— ئىسسىقلىق يېتەرلىك بولسۇن

كېىيىم بەك ئاز بولسا ، مەزى بېزى گە سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشى مومكىن . ئىسسىق مۇھىت مەزى بېزى ھەم ئىسپىرما نەيچىىنىڭ بېسىمىنى تۆۋەنلىرىدۇ . مۇسكۇل تالالىرىنى بوشاشتۇرىدۇ . چىقىش ئېغىزىنىڭ توسالغۇ كۈچىنى ئازايتىدۇ ، مەزى بېزى سۇيۇقلۇقىنىڭ نورمال ئېقىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ . ئىسسىقلىق يەنە كېلىپ مۇسكۇل توقۇلمىلىرىنىڭ تارتىششىشنى ئازايتىپ ، مەزى بېزىنىڭ قانغا تولۇش ، سۇلۇق ئىششىشنى نورمال ھالەتكە ئېلىپ كېلىدۇ .

توغرا ھالەتتە ئولتۇرۇڭ — ئۇزۇنۋاقىت ئولتۇرۇشقا ساقلىنىڭ

قىشتا كىشىلەرنىڭ دالا پائالىيەتلىرى ئازلايدۇ ، كۆپلىگەن كىشىلەر ئۆيدە خىزمەت قىلىدۇ ، نەتىجىدە ، ۋاقىت ئۇزارانسىرى ، بەزى ئەرلەر ئولتۇرالماي قالىدۇ . <<قورساق>> بەكلا ئاغرىپ كېتىدۇ . ئەمەلىيەتتە كۆپلىگەن ۋاقىتتا ئەرلەر ئولتۇرغاندا ، مەزى بېزىگە چۈشكەن بېسىمى چوڭ ھالەتتە ئولتۇرۋېلىپ ، مەزى بېزىنىڭ بېسىمىنى يۇقىرىلىۋېتىدۇ . شۇڭا ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىش لازىم . بۇنىڭدىن سىرت ۋېلىسپىت ، موتوسىكىلىتتا ئۇزۇن ئولتۇرۇشمۇ ئوخشاشلا مەزى بېزىنىڭ ئىششىش ، قان تولۇش ، بېسمىنىڭ يۇقىرىلاپ كېتىشىگە سەۋەپچى بولالايدۇ .

باشقا ئەھۋاللار—- ئۇيقۇ ھەم ئارام

ئۇيقۇنىڭ تولۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك بېرىش ، بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش . قىش كۈنى تۈن ئۇزۇن بولغاچقا ، كۆپلىگەن كىشىلەر <<كۆپ ئۇخلىۋالدىم >> دەپ ھېس قىلىدۇ .، ھەقىقەتەن يېتەرلىك ئۇيقۇ مەزى بېزىەئە زور پايدسىى بار . شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەدەن چېنىقتۇرۇشمۇ بىرگە ئېلىپ مېڭىش كېرەك . شۇندىلا قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ ، بەدەننىڭ كېسەللىككە قارشىلىق كۈچىنى يۇقىرىلاتقىلى ، مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-07-27

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-09-30 / 02:09:04

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ