1 كومپيۇتېرنىڭ يېنىغا بىر قانچە تەشتەك كاكتۇس قويۇپ قويۇش كېرەك چۈنكى، كاكتۇسنىڭ رادىئاتسىيەنى سۈمۈرۈش ئىقتىدارى بار
2.رادىئاتسىيىدىن مۇداپىئەلىنىش رولىغا ئىگە يېمەكلىكلەر، مەسىلەن، كۆك چاي، ئاپېلسىن قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك.
3.كومپيۇتېرنى ئىشلەتكەندە يۈز تېرىسى نۇرغۇن ئۇششاق دانىچىلارنى سۈمۈرىۋالىدۇ. شۇڭا، كومپيۇتېر ئىشلەتكەندىن كېيىن، دەرھال يۈزىنى يۇيىۋېتىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا يۈزگە بولغان رادىئاتسىيە تەسىرىنىڭ يېرىمىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
4.ئېكراننىڭ رەڭگىنى سۇسراق تەڭشەش كېرەك. ئېكراننى قانچە يورۇق تەڭشىسە، رادىئاتسىيىمۇ شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ، كۆزمۇ ئاسان چارچايدۇ.
5.كومپيۇتېر قويغان ئۆينىڭ ھاۋاسىنى كۆپرەك ئالماشتۇرۇش، ئىمكانىيەت بولسا، ھاۋا ئالماشتۇرغۇچ ئورنىتىش كېرەك.
6.بەدەنگە ۋىتامىن تولۇقلاپ تۇرۇش كېرەك. مەسىلەن، سەۋزە، پۇرچاق ئۇندۈرمىسى، شوخلا، قارا گۆش قاتارلىق تەركىبىدە ۋىتامىن A، ۋىتامىن Cۋە ئاقسىل مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك.
7.كومپيۇتېردا ئۇدا مەشغۇلات قىلىش ۋاقتىنى 3 سائەتتىن ئاشۇرىۋەتمەسلىك، مۇۋاپىق دەم ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.