تورداشدىن سوئال

ياخشىمۇسىز دوختۇر، مەن تۈركىيە ئانتالىيادا تۇرىمەن.
مەھەللىمىزدىكى ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى (ساقلىقنى ساقلاش پونكىتى، ساغلىق ئوجاغى) غا كىرىپ قان تەكشۈرتۈپ باقاي دەپ ئويلىغانتىم.
ساغلىق ئوچىغىدا قايسى قان تەكشۈرۈشلەرنى قىلىپ قويالايدۇ؟
ئائىلە ھەكىمى دوختۇرۇمغا قانداق چۈشەندۈرسەم بولىدۇ؟
مۇشۇ توغرىلىق مەسلىھەت سوراي دىگەن ئىدىم. رەھمەت.

نۇرمەمەت دوختۇردىن جاۋاپ
ياخشىمۇسىز، سالامەت تۇرۇپسىز. تۈركىيە ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى (ساغلىق ئوجاغى) قان تەكشۈرۈش تاللاشلىرىنى توردىن ئىزدىسىڭىز ئاسانلا تاپالايسىز. مەنمۇ دوختۇرلار تور بېكىتىمىزگە ئۇيغۇرچە تۈركچە شەكىلدە چىقىرىپ قويىمەن ۋە كېيىنكى ۋىدىئولاردا ھەربىر تەكشۈرۈشنىڭ نىمىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى تەپسىلىيراق توختىلىپ ئۆتىمەن.
تۆۋەندە ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدە تۆۋەندىكى قان تەكشۈرۈشلەرنى قىلغىلى بولىدۇ. تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلۈشىنى ئاستىدىكى ۋىدىئونى كۆرۈپ بېقىڭ.
- ئاچ قورساق قان شىكىرى، 3 ئايلىق قان شىكىرى ئەھۋالى
aç karın şeker, 3 aylık şeker - قان گۇرۇپپىسى
kan grubu - خېموگرام (قىزىل قان، ئاق قان دانچىلىرى، قان پلاستىنكىلىرى، قانسىزلىق ۋە باشقىلار)
hemogram , kansızlık - بىئوخىمىيە قان تەكشۈرۈشى (جىگەر، ئۆت، ئاشقازان ئاستى بېزى، بۆرەك، ۋە باشقىلارنىڭ روللىرى)
biyokimya (karaciğer, safra, pankreas, böbrek fonksiyonları) - يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر (ئەيدىز، جىنسىي يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى، يۇقۇملۇق جىگەر ياللۇغلىرى)
HIV, HBV, HCV, VDRL… - قاندا ياللۇغ ئەھۋالى، رېماتىزما شۈبھىسى،
CRP, ASO - ھامىلدارلىق
Beta-hcg - قاندىكى تۆمۈر ماددىسى ئەھۋالى، كالتسىي، ناترىي، كالىي، ماگنىي، فوسفور، خلور…ماددىلىرىنىڭ ئەھۋالى.
Demir, Ca, K, Na, P, Cl, Mg…. - قاندىكى ماي (خولىستېرول ۋە باشقىلار) نىڭ ئەھۋالى
kolesterol, LDL, HDL,… - قالقانسىمان بەز رولى
TSH, T4 - مەزى بېزى ئۆسمىسى (راكى) شۈبھىسى
PSA - مۇسكۇللارنىڭ ئېرىش ئەھۋالى
..
ئىلگىرى د ۋىتامىن، ب 12 ۋىتامىن، يوپۇرماق كىسلاتاسى ۋىتامىنى (يەنى فولىك ئاسىت) لارنىمۇ ئۆلچىيەلەيتى. ھازىر ئۇلار چىقىرۋېتىلىپتۇ.
بۇ قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىمار بەدەن ساغلاملىقىدىن خېلى كۆپ ئۇچۇرلارنى (يەنى بىمارنىڭ ئومومىي بەدەن ئەھۋالىنى، مۇھىم ئورگانلىرىنىڭ رولى نورمال ۋەيا ئەمەسلىكى، بەزى سوزۇلما ۋەيا ئېغىر كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىن شۈبھىلىرى… ) بىلەلەيمىز. بۇ تەكشۈرۈشلەر ھەرگىزمۇ بىر تەكشۈرۈش بىر ئورگاننىڭلا ئىكەن، جىگەر ئۈچۈن ASTلا تەكشۈرسە يېتەرلىككەن، نىمە دىگەن ئاسان دەپ چۈشەنمەڭ. دوختۇرلار يۇقارقى تەكشۈرۈشلەر، بىمارنىڭ ئالامەتلىرى، كېسەل تارىخى، يىپ ئۇچلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ تۇرۇپ ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ھەر تۈرلۈك كېسەللىكلەرنى ئالدىن بايقىيالايدۇ.
(بەزىدە ماڭا بىمارلار پەقەت قان تەكشۈرۈشىنى ئەۋەتىپلا، قاراپ باقسىڭىز ساقمىكەنمەن، دەپ سورايدۇ. مەن جاۋابىمدا بىمارنىڭ باشقا ئەھۋاللىرىنى سورايمەن، ئەگەر تولۇق تەمىنلەپ بەرمىسە، «تەكشۈرۈش نەتىجىڭىز نورمالكەن ۋەيا بىنورمالكەن» دەپ جاۋاپ بېرەلەيمەن خالاس. ئەمما بىر كىشىنىڭ ساق ۋەيا ساقسىز بولۇشىنى ھەرقايسى نوقتىلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئانالىز قىلىش لازىم.)
سالامەت بولۇڭ.