سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
ئەيدىز كېسىلى تىلغا ئېلىنسا، بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر بۇ كېسەلنى ئۆزىدىن ناھايىتى يىراقتەك ھېس قىلىشى مۇمكىن، بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى بىرەيلەن ئۆزىنىڭ ياخشى دوستىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ قاقشاپ كەتتى، ئەھۋالنى بىلمىگەن ئەھۋالدا يۇقۇملانغان مىساللار ناھايىتى كۆپ، يەنە نۇرغۇن كىشىلەر قان تەقدىم قىلغاندا ياكى سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە مەقسەتسىزلا ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بايقاپ قالىدۇ، ئۇلار ئۆزىمۇ بەلكىم ئۆزىنىڭ كېسەل بولۇپ قالغانلىقىنى بىلمىگەن بولۇشى مۇمكىن.
نۇرغۇن كىشىلەر ئەھۋالنى بىلمىگەن ئەھۋالدا ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان، ھازىر ئالىي مەكتەپلەر ھەتتا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئېغىر ئاپەت رايونىغا ئايلىنىپ قالدى. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كۆپچىلىكنىڭ نەزىرىدە كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، ئاكتىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغانلار، لېكىن ئۇلاردا نۇرغۇنلىغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارغا باشقىلار ئەھۋالنى يوشۇرۇپ قەستەن يۇقتۇرغان بولىدۇ.
بەلكىم بەزىلەر ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسا، ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتىدىن ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلگىلى بولامدۇ؟ دەپ سورىشى مۇمكىن. قانداقلا بولمىسۇن بەزى كېسەللىكلەرنىڭ تاشقى ئالاھىدىلىكى بولىدۇ، لېكىن بۇ يەردە شۇنى دېمەكچىمەنكى، بىر ئادەمنىڭ تاشقى قىياپىتىدىن ئۇنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان-بولمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ، بولمىسا ئۇنچە كۆپ ئادەم يۇقۇملىنىپ قالمايدۇ. كىشىلەر بۇ خىل كېسەلگە نىسبەتەن تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولماسلىقى، ئۆزىدىن ناھايىتى يىراقتا دەپ قارىماسلىق كېرەك، ئادەتتە قوغداش تەدبىرلىرىنى چوقۇم ياخشى قىلىش، ئەگەر بەختكە قارشى يۇقۇملىنىپ قالسا، چوقۇم دەرھال توسقۇچى دورىلارنى ئىستېمال قىلىش كېرەك، ئادەتتە توسقۇچى دورىلارنىڭ 72 سائەت ئىچىدە ئۈنۈمى بولىدۇ، ئەلۋەتتە قانچە تېز بولسا شۇنچە ياخشى، بۇ ئارقىلىق تىراگېدىيەنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17619152.shtml