ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSئەيدىز ساۋاتلىرىئەيدىز كېسىلى ئاتا بوۋاق ئوتتۇرىسىدا تارقالمايدۇ

ئەيدىز كېسىلى ئاتا بوۋاق ئوتتۇرىسىدا تارقالمايدۇ

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

شىنخۇا ئاگىنىتلىقى خەۋىرى جۇڭنەن دوختۇرخانىسى ئەيدىز كېسىلى مۇتەخخەسىسى ئىككى يىل ۋاقىت ئارقىلىق پۈتۈن دۆلەت مىقياسىدا 123 ئەيدىز ئائىلىسىنى زىيارەت قىلىپ ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەيدىزنىڭ ئاتا بوۋاق يولى ئارقىلىق يۇقمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.

ئەيدىز ئائىلىسىدىكى ئاساسلىق تارقىلىش يولىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ، گۈيشىئىن ئاتا تەرەپ ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئەمما ئانا تەرەپ گىرىپتار بولمىغان 56 ئائىلىنى زىيارەت قىلدى ، بۇ 56 ئائىلىدىكى 76 پەرزەنت ھېچقايسىسى ئەيدىز كېسىلىگە گىرپتار بولمىغان ؛ لېكىن 67 ئانا تەرەپ ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان لېكىن ئاتا تەرەپ گىرىپتار بولمىغان 67 ئائىلىدىكى 86 پەرزەنت ئىچىدە 33 بالا ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان . ئانا بوۋاق يولى ئارقىلىق گىرىپتار بولۇش نىسبىتى 38% بولغان .

تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا ، ئەيدىز كېسىلى ئائىلىسى ئىچىدە تارقىلىش مەۋجۇد ، لېكىن پەقەت ئانا-ھامىلە يولى ھەم ئانا- بوۋاق يولى ھەم ئەرخوتۇن يولى ئارقىلىقلا تارقىلىدىكەن . ئانا-بوۋاق تارقىلىش يولى پەقەت ئانا ھامىلدر بولغاندا ، تۇغقاندا ھەم ئەمدۈرۈش مەزگىلىدە بولىدىكەن .

ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئانىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئالدىدا تۇغۇپ چوڭ قىلغان بالىسىغا يۇقمايدۇ . ئانىنىڭ كېسەل ئەھۋالى ، تۇغۇت ، ئەمدۈرۈش ئۇسۇلى ھەم ئەيدىز كېسىلىگە قارشى دورىلارنى ئىشلىتىش ئەھۋاللىرىنىڭ ھەممىسى ئانا-بوۋاق يۇقۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ . ئەر خوتۇن ئارلىقىدىكى كېسەل يۇقۇش نىسبىتى 10% ، لېكىن ئاتا-بوۋاق ئوتتۇرىسىدا پەقەتلا يۇقمايدۇ دىسە بولىدۇ .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-08-21

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-12-05 / 05:48:21

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ